[quote]引用第13楼appakhoja于2010-09-08 16:33发表的 :
مەن قانداق چوڭ تېمىكىن دىسەم بىر شىركەتنىڭ ئېلانى ئىكەنگۇ شۇنىڭغىمۇ ئۇيغۇر دەپ قىمىتىمىزنى چۈشۈرۈپ توۋلاش كېتەمدا مەن ئۇيغۇر شىركەتلىرىدە ئاز كەم 7 يىل ئىشلىدىم ئۇلاردىكى نۇقسالارنى ئۇيلىسام يۈرىگىم ئېچىشىدۇ ،ئۇيغۇر لارنىڭ مىللى ،دىننى ھىسياتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلار يا مىليارت پۇل تاپالمىدى . پەقەت خەلققىدىن ئازاراقلا ھاللىق تۇرمۇش كەچۈردى خالاس .
مەنمۇ شىركەت قۇرماقچى بولغان لېكىن مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈم تارتماي باقمىچىلىك فېرمىسى قۇرۇشنى تاللىدىم ،مەن ھازىر 12 ياشقا كىرگەن بالامغا مۇئاش بەلگىلەپ بەردىم .چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ئەمەس ھازىردىن باشلاپ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشنى ئۈگەنسۇن دەپ ئاپپاق خوجا بۇرادەر گەپلىرىڭىز نىمانچەسوغۇق خۇددى سىز ئۇيغۇر ئەمەستەك.ئۇيغۇرنى قوللايلى دىسەك ئۇيغۇرنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كىتەرما؟ سىز ھەقىقەتەن< ئاپپاق خوجا>دەكلا تەپەككۇر قىلىدىكەنسىز-ھە! ئۇلار بىزدىن پايدىلىنىپ ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرسە نىمە بوپتۇ. بەرىبىر بىزدىن ئالغان پايدىدا ھەركىم بولسا ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۆز ئىچىمىزدە قالسا ھامان بىر كۈنى بىزگە ئەسقاتىدۇ قاراپ تۇرۇڭ. چۈنكى ئاشۇلارمۇ سىز دىگەندەك ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرسى بىزگە ئوخشاش..... لىكىن بىزنىڭ ياخشى نىيىتىمىزگە اللە ئەجر بىرىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ؟ مەخلۇق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار ھەمىشە ئاشۇنداق خاتا ئويلايدۇ. كىچىككىنە بىر خاتالىقى ئۈچۈن باشقىلارنى نۆلگە چىقىرىۋىتىدۇ ياكى ھەممە ئادەمدىن گۇمان قىلىپ پۈتۈن ئۆمرىدە بىكىنمىچىلىك ئىچىدە ياشايدۇ.
مەنمۇ شىركەت قۇرماقچى بولغان لېكىن مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈم تارتماي باقمىچىلىك فېرمىسى قۇرۇشنى تاللىدىم .
قاراڭ بۇ گىپىڭىزگە. سىزمۇ شىركەت قۇرسىڭىزچوقۇم ئاشۇلاردەك قويمىچى بولۇشىڭىز كىرەكمىكەن. قېنى سىزمۇ دادىللىق بىلەن شىركەت قۇرۇپ ساپدىللىق،سەمىمىلىك بىلەن باشقۇرۇپ
ھىسداشلىق بىلەن ئەمەس بازار رىقابىتى ئارقىلىق كۈچلىنىشىڭىز كىرەك ئىدىغۇ؟ نىمە ئۈچۈن باقمىچىلىق فىرمىسى قۇرۇۋالدىڭىز؟ مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا سىزنىڭ رىقابەتكە دادىل يۈزلىنەلمەيدىغان ئاجىز خاراكتىرىڭىز بىلىنىپ تۇرىدۇ. ( شۇڭا ئىشتىن قالدۇرۇلغان بولسىڭىز بايىقى گەپلەرنى ئاچچىقىڭىزدا دەۋاتقانسىز)باقىمىچىلىق فىرمىسى دىگەن ناھايىتى كەلسە ئادەتتىكى دىخانلارنىڭ بورداقچىلىقىنىڭ زامانىۋى ئاتىلىشى.بۇنى ئازراقلا پۇلى بار ئادەملەر قىلالايدىغان ئىش. ئەمما زاۋۇت،كارخانا دىگەن قابىلىيىتى بار ئادەملەر قىلالايدىغان ئىش. بۇ جەرياندا بەزىلەرنى خاپا قىلىپ بەزىلەرنى خۇشال قىلىدىغان ئەھۋاللار تەبىئى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنى ئادەم ئىشلىتىپ باققانلار بىلەلەيدۇ. بىزدە توختامغا ئەمەل قىلمايدىغان، قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق مائاش،مۇكاپاتنى ھەممەيلەن تەڭ ئالساق بولاتتى دەپ باشقىلارغا ئۆكتە قىلىپ ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان ،گىپى ئاقمىسا زادى ئۇيغۇر دىگەن ئۇنداقچى،بۇنداقچى دەپ خەقنى داڭلايدىغان ،قۇرئان ،ھەدىستىن ئۆزىگە پايدىلىق سۆزلەرنى تېپىپ تۈكرۈكىنى چاچرىتىپ سۆزلەپ باشقىلارغا قانچىلىك زىيان ئۇرغىنى بىلەن كارى يوق ئۆزىنىڭ كۆزلىگىنىگە ئىرىشمىگىچە ھەرقانداق چارە-ئامال ئىشلىتىشتىن يانمايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز بار.ئەمدى سىزنىڭ
«مەن ھازىر 12 ياشقا كىرگەن بالامغا مۇئاش بەلگىلەپ بەردىم .چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ئەمەس ھازىردىن باشلاپ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشنى ئۈگەنسۇن دەپ» دىگىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ماختىغانلىقىڭىز ئىكەن -دە. ئوبدان قىپسىز. بالىڭىز كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنىشنىمۇ پۇل ھىساپلاپ سىزنى قەرزدار ساناپ چوڭ بولىدىغان، قېرىنداشلىق،مىللەتداشلىق ئۇقۇمى يوق پەقەت پۇل ئۈچۈنلا مىدىرلايدىغان شەخسىيەتچى ، خەير-ساخاۋەت دىگەننى بىلمەيدىغان،ھىچكىمگە ئىشەنمەيدىغان پەقەت پۇلغىلا ئىشىنىدىغان نىياز ھېكىمبەگدەك ئادەم بولغىدەك سىزنىڭ شاپائىتىڭىز بىلەن.............
« ئۇستاز ساتسا ئاقچىغا ئەخلاق، قۇرۇمامدۇ يۇمران يوپۇرماق».دىگەن ماقالىدا دىيىلگەندەك ئىش بولىدۇ-شۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! يەنە سىزگەدەپ قوياي، مەن سوپۇن زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسىمۇ ئەمەس. ئابلىمىت ھاجىممۇ مىنى تونۇمايدۇ مەن تونۇغان بىلەن.. .....ئوغلى بىلەنمۇ تونۇشمايمەن. بۇ تەرىپى ئېنىق بولسۇن.
[ sayram0998تەرىپىدىن2010-09-08 20:57قايتا تەھرىرلەن ]