باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1762 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تەڭداشسىز بېرىكمە
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 468
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 411
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە411دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-11-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 07:19

تەڭداشسىز بېرىكمە

يېقىنقى زامان پۇتبول تارىخىدا نۇرغۇن گىگانت چولپانلار بارلىققا كەلدى ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەممىسى پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن چېكىندى ياكى پۇتبول ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا تۇرىدۇ، بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان چولپانلاردىن بېھخام،رونالدو،زىدانى ،فىگو قاتارلىق نۇرغۇن چولپانلارمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە، پۇتبولغا قىزىقىدىغان دوستلىرىمىزنى تەنتەربىيەگە بەلكىم مۇشۇ شەخسلەر باشلاپ كىرگەن بولىشى مۇمكىن، ئازراق پۇتبولدىن خەۋىرى بارلارنىڭ ئىسپانىيە مادىرىت كوماندىسىدىكى سامان يولى جەڭ كېمىسىنى بىلسە كېرەك___دېمەكچى دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنى زىلزىلگە سالغان يەتتە بۆرە.





بۈگۈن مۇشۇ چولپانلار ئارىسىدىكى ئىككى چولپان توغرىسىدا ئازراق توختالغۇم كېپ قالدى.

شەخسەن مەن بىرازىللارغا(بولۇپمۇ رونالدوغا )ئۆچ، ئەمما رونالدونىڭ پۇتبول ھاياتىغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن . ئەگەر زىدانى بولمىغان بولسا يېقىنقى زامان پۇتبول تارىخىدا شان-شۆھرەت ۋە نام-ئاتاق جەھەتتە رونالدوغا يېتىدىغىنى يوق دەپ ئويلايمەن . زىدانىنى دېمىسەممۇ ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، چىملىقتىكى ھەقىقى سېھرىگەر . بىردىن بىر سېھرىگەر بىلەن بىردىن بىر تاشقى پىلانت قاتىلى بىرلەشسە بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ياخشى ھۇجۇم سېپى بولمىسا كېرەك.



1996-1997مۇسابىقە پەسلى مادىرىت ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 27-قېتىملىق چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن تاكى 2000-2001يىلغىچە بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالالمىدى. مادىرىت ئەزەلدىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى ئىتراپ قىلىدىغان زەردار، بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتلار مادىرىتنىڭ تازا راۋاجلىنىۋاتقان ۋاقىتلىرى، ئەمما ئۇدا 4يىل بىرلەشمە لوڭقىسىغا يېقىن كېلەلمەسلىك مادىرىت مەستانىلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. 2000-يىلى كۈچلۈك نارازىلىق ۋە تىل ھۇجۇمى ئاستىدا مادىرىتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىسى ئامالسىز تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى چىققان رەئىس بولسا داڭلىق پۇتبولچىلارنى بىر يەرگە توپلاشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ھەر يىلى يۆتكىلىش بازىرىنى قىزىتىدىغان فىلورىندىنو ئىدى. فىلورىندىنو تەختكە چىققاندىن كېيىن ھەر يەردىن چولپان ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى . كېلىپلا فىگو بىلەن توختام تۈزدى . ھەمدە شۇ يىلى 4يىلدىن بېرى ئالالمىغان بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالدى . ئەلۋەتتە ئەينى ۋاقىتتا يېڭىلا دۇنيا لوڭقىسىنى ئېلىپ يۇۋىنتۇستا زەپەر قۇچىۋاتقان زىدانىدىن ياخشىراق چولپاندىن يەنە بىرى بولمىسا كېرەك ، شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ئاماللار بىلەن زىدانىغا يېقىنلىشىشقا باشلىدى، ئەينى ۋاقىتتىكى يۇۋىنتۇس گەرچە ئىتالىيەنىڭ زومىگىرى بولسىمۇ ئەمما ياۋروپا ئۇزغانلىقىدا نەتىجىسى پەقەتلا ياخشى ئەمەس ئىدى، دۇنيا لوڭقىسى، بىرلەشمە لوڭقىسى دېگەنلەرگە كۆمۈلۈپ قالغان زىدانىنىڭ ئەمدىكى نىشانى ياۋروپا ئۇزغانلىقى ئىدى ، ئەمما يۇۋىنتۇستا بۇ شەرەپكە ئېرىشىش زىدانىغا نىسبەتەن خېلىلا قول تۇتىدىغان ئىش بولۇپ قالدى،(ئەلۋەتتە بىر-ئىككى ئادەمنىڭ كۈچىگە تايىنىپ لوڭقا ئالغىلى بولمايدۇدە). شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن داڭلىق چولپانلارنى توپلاۋاتقان مادىرىت زىدانىنىڭ يېڭى نىشانى بوپ قالدى، لېكىن يۇۋىنتىس تەرەپنىڭمۇ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننى قويىۋەتكىسى يوق، ئاسمان زىمىن باھا قويۇپ تۇرىۋالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟؟؟ ئادەتتە چولپانلارنى يىغىشتا پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپمۇ قويمايدىغان فىلورىندىنومۇ بۇ باھاغا خېلىلا تەمتىرەپ قالدى. ئەمما يەنىلا چىدىغانغا چىقارغان ....شۇ يىلى زىدانى 6600تۈمەنلىك غايەتزور باھا بىلەن مادىرىتقا قېتىلدى ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى يۆتكىلىش سوممىسى ھېسابلىناتتى.




دېگەندەك زىدانى كېلىپلا كوماندىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، زىدانى بار مۇسابىقىنى كۆرۈش ھەر بىر ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايتتى.2002-يىلى زىدانى ئېرىشىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغانلىق لوڭقىسىغىمۇ ئېرىشتى. 

 



ئەمما مادىرىتقا بۇ يېتەرلىك ئەمەس، ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ غوجىسى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسپانىيەدە مادىرىتقا تىك تۇرۇپ قارىيالىغۇدەك رەقىب بولماسلىقى كېرەك. ئەمىلىيەتتە بولسا ئىسپانىيەدىكى بارسىلونا كۇلۇبى مادىرىتنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالدى. ئىسپانىيەدىكى ھەر خىل مۇسابىقىلەردە مادىرىتقا پۇتلا كاشاڭ بولاتتى. قېرىشقاندەك ئەمدىلا بارسىلونانى تاشلاپ قويۇپ ماڭغاندا ۋالۈنسىيە 2001-2002يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېپ كەتتى .



بۇنىڭغا يول قويماسلىق كېرەك. قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئىسپانىيە غوجىلىقىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش كېرەك.
مانا بۇ فىلورىندىنونىڭ ئويلايدىغىنى ، يالغۇز رەئىسنىڭلا ئەمەس پۈتۈن مادىرىتلىقلار ئارزۇ قىلىدىغان ئارمان. شۇنىڭبىلەن مادىرىت يەنە تەرەپ تەرەپكە قاتراپ چولپان ئىزدەشكە كىرىشتى. بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەشەددى رەقىبى بارسىلونادىن ئىنتىرغا يۆتكىلىپ بارغان رونالدوغا كۆزى چۈشتى. بارسىلونا رەئىسى تەرىپىدىن تاشقى پىلانت ئادىمى دەپ ئاتىلىپلا بۇ لەقەمنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالغان بىرازىلنىڭ ئىنتىردىكى كۈنلىرى ئانچە كۆڭۈللۈك ئەمەس ئىدى. گەرچە ئىتالىيە مەرگەنلىكىنى قولدىن بەرمەيۋاتقان بولسىمۇ ھەر پەسىلدە يارلىنىشتىن خالى بولالمىدى. شۇنداقلا ئىنتىر مىلانمۇ بىرلەشمە لوڭقىسغا ئېرىشەلمىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى. سىكىلارىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھۇجۇم سېپى رونالدونى ئاساس قىلغان بىرازىلىيە كوماندىسى گىرمانىيەنى يېڭىپ چىمپىيون بولدى. بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىدا رونالدو ئۆزى يالغۇز 8توپ كىرگۈزۈپ ئالتۇن كەشنى كەيدى. رونالدونىڭ بۇنداق ياخشى ئىپادىسى فىلورىندىنونىڭ خاتالاشمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭبىلەن 45مىلىيونلۇق باھا بىلەن تاشقى پىلانت ئادىمىنى سامان يولى كوماندىسىغا قېتىۋالدى.



مانا كارامەت____98-يىلدىكى فىرانسىيەنىڭ قەھرىمانى،2002-يىلدىكى بىرازىلىيەنىڭ قەھرىمانى، بۇلارنىڭ قېتىلغانلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟؟ ھەقىقى ئالۋاستى كوماندىسى بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەر ئىككىلىسى بىرەر كوماندىغا يۆتكەلگەندە ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى يوقىتىپ باققان ئەمەس. بولۇپمۇ مادىرىتتا ، زىدانىنىڭ كىشىگە ئۆزگىچە ھوزۇر بېغىشلايدىغان ھەركەتلىرى، كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەش ئېڭى+رونالدونىڭ توپ زايا قىلمايدىغان بىر جۈپ پۇتى شۇ يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ غوجىلىق سالاھىتىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى. 
شۇ پەسىلدە رونالدو 31مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 23 توپ ئۇرىدۇ. 2003-2004مۇسابىقە پەسلى ۋە 2004-2005يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياخشى مەرگەن بولۇپ باھالىنىدۇ.2007-يىلىغىچە مادىرىت ئۈچۈن 100دىن ئارتۇق توپ ئۇرىدۇ.





ئەلۋەتتە رونالدونىڭ بۇ توپلىرىنى زىدانىنىڭ ياردەمچى پاسلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئوتتۇرا مەيداندا توپ كونتىرول قىلىش، ھۇجۇم تەشكىللەش، ئەجەللىك پاسلارنى تاشلاش، توپ ئۇرۇش... بۇلارنىڭ ھەممىسى زىدانىغا مۇجەسسەملەنگەن. مۇداپىئەچىگە زىدانىنىڭ پۇتىدىن توپ تارتىۋېلىشتىنمۇ قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك. ھەرقانداق بىر مۇنەۋۋەر مۇداپىئەچىمۇ زىدانىغا ئالدىراپ پۇت سالالمايدۇ. زىدانى بىلەن رونالدونىڭ مەيداندىكى ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. قارشى تەرەپ مەستانىلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن چاۋاك چالدۇرالايدىغان توپچىدىن پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ ئىككىسىلا بار(مەن بىلىدىغىنىدىن).





ئەمما بۇلارنىڭ بىرگە ھەمكارلىشىدىغان كۈنى ئۇزاققا بارمايدۇ ، قېرىلىق ھەرقانداق بىر پۇتبولچى قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ھەقىقەت،ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سەۋىيەدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2006-يىلى زىدانى بىلىيالىيار كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدىن كېيىن پۇتبولچىلىق ھاياتىدىن چېكىنىدۇ ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ بىر توپ ئۇرىدۇ ،ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق تۇيغۇلىرىنى تاپقىلى بولمايتتى. چۈنكى ئۇ كۈنى زىدانىنىڭ مادىرىتقا ۋاكالىتەن ئوينىغان ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى بوپ قالىدۇ.


زىدانى كەتكەندىن كېيىن رونالدونىڭمۇ كۈنى تەسكە چۈشىدۇ،يېڭى كەلگەن تېرىنىر كاپىرو دائىم بۇ تاشقى پىلانتلىققا يېتەرلىك پۇرسەت بەرمەيدۇ. سوغاق ئورۇندۇقنى ساقلاش رونالدونى زېرىكتۈرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن رونالدومۇ 2007-يىلى مادىرىتتىن خوشلىشىپ مىلان كوماندىسىغا كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن تەڭداشسىز بېرىكمە___رونالدو+زىدانى ھۇجۇم سېپى ئاخىرلىشىدۇ.


ئەمما رونالدو بىلەن زىدانى بېرنابۇدا بىزگە قالدۇرغان ئېسىل كۆرىنىشلەر ھېچقايسىمىزنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

 




تۆۋەندىكىسى رونالدو بىلەن زىدانىنىڭ مادىرىتتىكى ئېسىل كۆرۈنىشلىرى.


ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ، باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈپ قالسام گەدەنكەشكەن دېمەڭ!~~!

ئۇيغۇر دىگەن، ئۇيۇش، ئـتپاق دىگەن سۆز،تىكىلىدۇ، ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 892
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 566
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە566دانە
ئۆسۈش: 4620 %
مۇنبەر پۇلى: 6831 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 1000 نۇمۇر
گۇرۇپپا: XaX ATUX
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-01-19

ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ، باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈپ قالسام گەدەنكەشكەن دېمەڭ!~~!
دىمەكچى بولغۇنۇڭ  باشقا مۇنبەردىن كۆچۇرۇپ كەلگەن دىمەكچىما سەن.،....
دىمىسەممۇ كۆچۇرۇپ كەپسەن   جاپا چەكتىڭ  ...داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆچۇرۇپ ئىۋەتىشىڭنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇد قىلمەن
دەرىجە: *
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: *
ئومۇمىي يازما: *
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە*دانە
ئۆسۈش: * %
مۇنبەر پۇلى: * سوم
تۆھپىسى: * كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: *
ئاخىرقى: *
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 17:59

  
كەلگەن جايى: 新疆 چوققا
مەن پەقەت ئۆزۈم ۋە پەرزەنتلىرىمگىلا مەسئۇل!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 423
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە423دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-23
ئاخىرقى: 2012-01-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 18:30

شۇ دەۋردىكى پۇتبول ئەزىمەتلىرى . رونالدو بارسېلونادا چېغىدا نۇرغۇن مۇداپىئەچىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇرغان چىرايلىق توپى بار . زىدەنگە سۆز كەتمەيدۇ ، ئۇ رونالدوغا قارىغاندا كۆپ ئەخلاقلىق . ئۇنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە لېۋېركوسۇن كولۇبىغا ئۇرغان توپى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا .
ئادەم چوڭ بولۇپ ئات - تۆگە ۋە ياكى پىل بولمايدۇ دېگەن بىر ھەقىقەت بار ئىدى ، شاش ئاتۇش ...
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 468
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 411
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە411دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-11-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-07 18:55

 
ئىشلىتىش
引用第1楼xaxatux于2010-09-07 11:19发表的 :
ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ، باشقا مۇنبەرلەردە كۆرۈپ قالسام گەدەنكەشكەن دېمەڭ!~~!
دىمەكچى بولغۇنۇڭ  باشقا مۇنبەردىن كۆچۇرۇپ كەلگەن دىمەكچىما سەن.،....
دىمىسەممۇ كۆچۇرۇپ كەپسەن   جاپا چەكتىڭ  ...داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆچۇرۇپ ئىۋەتىشىڭنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇد قىلمەن

خېلى كۈلۈپتىمەن جۇما ما گېپىڭگە ، نەدىكى پارچە پۇرات يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنىڭ م ت ۋ سىنى يوللىغىچە بىر نەچچە سائەت ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ قويدۇم.
392367243
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1445
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 179
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە179دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1850 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2011-01-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-08 16:43

ياھ ئاللا
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 468
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 411
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە411دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-11-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-09 07:41

ئىشلىتىش
引用第5楼tanha520于2010-09-08 16:43发表的 :
ياھ ئاللا

نىم بوللا ؟؟؟