ئىشلىتىش
引用第20楼arkam1于2010-11-05 11:34发表的 :
مەنچە ماۋۇ ئۆزبەكنىڭ ھەرقانداق ناخشىچىسى ئابدۇللا ئاكىمىزنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ~~
ئۇنداقمۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ،،،،ئۇنىمۇ دەيمز بۇنىمۇ دەيمز ،بىز تىللاۋاتقان شۇ ئۆزبەكلەرنىڭ
تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش روھى جەھەتتە ئابدۇللا ئۇلارنىڭ قۇلىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ ...
ئابدۇللانىڭ بىرەر ناخشا ئىجات قىلغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم .....
خەق مەيلى نىمە قىلمىسۇن ئاشۇنداق چىگرا ئاتلاپ خەقنىڭ تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە قارىتالىدى ،
ئابدۇللا شۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقسا ئۆزبەكلەر قارشى ئالامدۇ ؟
ئۆزبەك سەنئەتكارلىرى بىر پىلاستىنكا چىقىرىش ئۈچۈن نەچچە يىل تىرىشىدىكەن ،
پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىنىدىكەن ،نام چىقىرىپ پۇل تاپقاندا بولسا ئۆز خەلقىنىڭ
پاراۋانلق ئىشلىرى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىكەن ،ئابدۇللادەك شىركەت ئېچىۋىلىپ
ئولتۇرمايدىكەن ،،،،
ئابدۇللا ئېيىيتقان ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ياسىن مۇخپۇل ئىجات قىلغان ،ئەگەر ياسىن
مۇخپۇل ئىجات قىلغان سىرلىق تۇمان قاتارلىق ناخشىلار بولمىغان بولسا بۈگۈنكى تۇنۇلغان
ئابدۇللا بولمىغان ئىدى ...چۈنكى ئابدۇللادەك تالانتى بار كىشىلەر نۇرغۇن ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى
تاغلاردا قوي بېقىپ يۈرىدۇ ،بەزىلىرى ئېتىزلاردا ئىشلەپ يۈرىدۇ ،ئابدۇللاغا نېسىپ بولغان
زامان ۋە شارائىت جەھەتتىكى ئەۋزەللىك ئۇلاردىن تولىمۇ يىراق خالاس ،،،،