ئەگەر بىزدە قۇيرۇق بولسا..(مۇشۇ قۇرنى يېزىۋاتقاندا كۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ ھەم بىركىملەرنىڭ شۇ ھالىتى كۆرۈنۈپ كۈلگۈم كىلىپ كەتتى)
بولدى،باشلىدۇق..
قىياس قىلىپ بىقىڭ،ئەگەر ئىنسانلار قۇيرۇقلۇق بولغان بولسا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا باشقىچە بىر مەزمۇن قوشۇلاتتى.بىز ئۇنىڭغا ئۆزىمىزدىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولاتتۇق ئەلۋەتتە!
بۇنى گۈزەللىك بىلەن يۇغۇرۇپ باقساق، ''قۇيرىقىمىز'' بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس،بىلەك پۇتلىرىمىزغا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ تېرىسى بىلەن بىردەك،قۇيرۇق ئۇچىدا بولسا ئازراق چاچ بار.ئاسىيالىقنىڭ قۇيرۇقى سىرىقراق،مويلىرى،چاچلىرى شالاڭ،قارىلارنىڭ قاپقارا،قۇيرۇق چاچلىرى مۈدۈر،ياۋروپالىقنىڭ سېرىق،سىمىز.قىزلارنىڭ قۇيرۇقى مۈشۈكلەرنىڭكىدەك ئىنچىكە،نازۇك.ئوغۇللارنىڭ بولسا شىرنىڭكىدەك توم،قاتتىق بولاتتى.بۇ قۇيرۇق بىزگە شۇنداق ياراشقان.ئۆتمۈشلەردە قۇيرۇقىمىز پەقەت پاشا چىۋىن قورۇشقا،ئوتان يارغاندە تۇتۇپ بىرىشكە،ئورما ئورۇشقا،سەي تېرىشكە دىگەندەك دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىنەتتى.ئۇنى زىننەتلىمەيتۇق،پەردازلىمايتۇق،ئاندا ساندا شائېر يازغۇچىلىرىمىز ''ئاھ ئۇنىڭ قۇيرۇقلىرى يۈرەكنى قورىدى،پاھ گۈزەلنىڭ قۇيرۇقلىرى قۇيرۇقىمنى باغلىدى''دىگەن ھېسياتلىق يازمىلىرىدا كۈيلەنگەندىن باشقا،ئۇ پەقەت يەكتەكلىرىمىزنىڭ كەينىدىكى تۆشۈكتىن سىرىتقا چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئەزايىمىزتى خالاس!
مانا ھازىر باشقىچە..
قۇيرۇقلىرىمىز مودىلاشتى،گۈزەللەشتى،بازارلاشتى.قۇيرۇققا ئەگىشىپ كىيىم كىچەكلىرىمىزدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولدى.ئادەتتىكى پۇقرالار قۇيرۇقلىرىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيتى،ئۇلارغا بىلىنىڭ رەزمىرى بىلەن ئىشتان-يوپكىسىنىڭ قۇيرۇق تۆشۈك رەزمىرى نەق كەلسىلا بولدى.مودا قوغلىشىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن قۇيرۇق قىسمى چوقۇم ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن،قۇيرۇقى بەك شىپاڭشىپ كەتكەندە ئۇچىدىن چىگىپ قويىدىغان يىپلىرى،تاسمىلىرى بار داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كىچەكلەر مۇھىم ئىدى.ئەركىن-ئازادىلىكنى قوغلىغۇچىلار قۇيرۇقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كەينى تۆشۈكى كەڭرى ھەم چوڭ،تۆشۈك قىسمى خۇرۇمدىن ئورالغان كىيىملەرنى تاللايتى.مۇزىكانىت-رەسساملار قۇيرۇق ئۇچىدىكى مويلارنى بولىشىغا ئۆستۈرۈپ،ھەرخىل بوياپ خاسلىق يارىتاتتى.توپچىلارنىڭ قۇيرۇقى توپقا تىگىپ كەتسە قائىدىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن ADIDAS شېركىتى تۈنجى قۇيرۇق يانچۇقى بار مۇسابىقە كىيمى ئىجاد قىلاتتى.قىشتا قۇيرۇقنىڭ ئۈشۈپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن غاز پىيدە قۇيرۇق پەلەيلىرى بارلىققا كىلەتتى.LV شىركىتىنىڭمۇ قۇيرۇق قاپلىرى بازارغا چىقاتتى،ھەرخىل لاھىيەلەنگەن قاپلار،قۇيرۇقىمىزنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈپ،گۈزەللەشتۈرەتتى.بولۇپمۇ ئاياللار قۇيرۇقىنى سەرخىل مودىغا سىلىپ قۇيرۇق ئۇچىغا چىرايلىق لىنتىلارنى،نەپىس ئىشلەنگەن زىننەتلەرنى ئىسىپ ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىراتتى.ئاياللارنى ئۇسۇل-تاڭسىغا تارتساقمۇ قۇيرۇقىدىن تارتاتتۇق ئەلۋەتتە،بولمىسا ئەدەپسىزلىك بولاتتى.قۇيرۇق ساتىراچخانىلارغا كىرسىڭىز قۇيرۇقىڭىزنى يۇيۇپ،ئۇگىلاپ چىرايلىق پاسوندا ياساپ مايلاپ قوياتتى ياكى قۇيرۇق مويلىرىنى قاتۇردىغان پۈركۈمىلەرنى چىچىپ قوياتتى.دورىگەرلەر قۇيرۇق چىقماسلىق،قۇيرۇق شىپاڭشىماسلىق،قۇيرۇققا چاچ چىقماسلىق قاتارلىق بىرقىسىم قۇيرۇق كىسەللىكلىرىگە دورا كەشىپ قىلاتتى.كوچىلاردا قۇيرۇقلىرى بىلەن قۇيرۇق ئىلىنىشىپ ماڭغان جۈپلەرنى،ئاپتوبۇسلاردا قۇيرۇقى بىلەن تۇتقۇچ تۇتىۋالغان كىشىلەرنى كۆرۈپ تۇراتتۇق.خەۋەرلەردە ''گوللاندىيەدە قۇيرۇقسىز قوش كىزەك تۇغۇلۇپتۇ،ئەنگىلىيەدە ئۈچ قۇيرۇقلۇق ئادەم بار،ياپونىيەدە قۇيرۇق سائىتى بازارغا سىلىندى''دىگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق.ئۇزۇندىن بۇيان يىشىلمەيۋاتقان ''مايمۇنلار ئىنسانلارنىڭ ئەجدادىمۇ؟''دىگەن مەسلىگە ئاز تولار جاۋاپمۇ تىپىلاتتى بەلكىم.ئاكېلىس تۈزىتەلمەيۋاتقان ''يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام''،''قۇيرۇق كۆرسۈتۈپ ئۆپكە سىتىپتۇ''دىگەن ماقال-تەمسىلمۇ ئۆز ئورنىنى تىپىۋالاتتى.''چارلىزچاپلىن''نىڭ يۇمۇرلۇق قۇيرۇقىدىن ''ئاۋاتار'' دىكى قۇيرۇقسىز ئىنسانلارغىچە ھەممە ئۆزگىرەيتى.
''ئېغىر كۈنلەردە دوستۇم قۇيرۇقۇمدىن تارتىپ قويدى''،''قۇيرۇقۇڭدىن يىتىلەپ،مەنزىلگە يەتكۈزۈپ قوياي!'' دىگەندەك ھېسىياتلىق ئۇرغۇلارنى ئۇچۇرتۇپ تۇراتتۇق،''قۇيرۇقۇم بىلەن سىقىپلا جىنىڭنى چىقىرىمەن!''،''قىسەۋا قۇيرۇقىڭنى!!''دىگەندەك غەزەپلىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالاتتۇق،''سۇمبۇل-سۇمبۇل قۇيرۇقۇڭ''دىگەن ناخشىلارغا قۇيرۇقىمىزدىن نازۇك پاسلارنى چىقىرىشىپ ئۇسۇل ئويناپ كىتەتتۇق...ھاھاھاھا..ئەڭ قىززىقى ھازىرقى قۇيرۇقلۇق ھايۋانلار بىلەن قىياپىتىمىزدە ئانچە پەرق قالمايتىدە....ئۇف،قۇيرۇقلۇق ئىنسانلار..
(باشقىچە مەنا يوق،پۈتۈنلەي بەڭگە خىيالى)