باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5077 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىمانىڭىزنى رۇسلىۋېلىڭ(ھ)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-02 20:46

ئىمانىڭىزنى رۇسلىۋېلىڭ(ھ)

                                            


تور بەت ئارلېۋېتىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىمان توغرىسىدىكى بىر ھەدىسنى كۆرۇپ قالدىم
ۋە قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.

ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلنىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن<بەندىنىڭ  قەلبى رۇسلانمىغىچىلىك ئىمانى رۇسلانمايدۇ، ۋە تىلى رۇسلانمىغۇچىلىك قەلبى رۇسلانمايدۇ> (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)(شۇئەيپ بۇ ھەدىسنى ئىسنادى زەئىپ دىگەن)
تىلى رۇسلىنىش دىگەنلىك تىلىنى قۇرۇق بىھۇدە گەپ سۆزلەردىن ساقلاش دىمەكتۇر.
قىيامەت كۇنى قىلغان گەپ-سۆزلىرىمىزدىنمۇ ھىساب ئېلىنىدۇ.
ئىسلام دىنى ئۇرۇنسىز ئىشلارنى،قۇرۇق گەپ سۆزلەرنى يامان كۆرىدۇ.ۋە ئادەمنى ئازدۇرىدىغان ئۇيۇن-تاماشالاردىن تۇسىدۇ. مۇشۇ ناچار ئىشلاردىن يۇز ئۆرۇشنى مۇسۇلمانلارنىڭ سۇپىتىدىن سانىدى.
ئاللاھ قۇرئاندا بۇ مۇسۇلمانلارنى سۈپەتلەپ مۇنداق دىگەن{ئۇلار قۇرۇق پاراڭلارنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۇز ئورىيدۇ}(سۇرە قەسەس 55.ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
يەنە ئاللاھ قۇرئاندا مۆئىمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دىگەن{مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ)ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا)ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ)يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ).( (سۈرە پۇرقان 63.ئايەت)
مانا بۇ مۆمىنلەرنىڭ سۇپەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر.
رەسۇلۇللاھ بىر ھەدەستە مۇنداق دىگەن<
ئاللاھقا ئەڭ ئۆچ كۆرلىدىغان كىشى كۆپ جىدەللەشكەن كىشىدۇر>\(بۇخارى رىۋايەت قىلغان>
يەنە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن <بىر بىرىڭلارنى ئۆچ كۇرۇشمەڭلار،بىربىرىڭلارغا ھەسەد قىلىسماڭلار.بىربىرىڭلاردىن يۇز ئۆرىشمەڭلار.ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بۇلۇڭلار،مۇسۇلمانغا قېرىندىشىنى(دىننىي قېرىنداشنى دىمەكچى مۇسۇلمانلار ھەممىسى دىندا قېرىنداشتۇر) ئۇچ كۇندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال ئەمەس(يەنى ئاداۋەت ئۇچ كۇندىن ئارتۇق تۇتۇلماسلىق كىرەك)(بۇخارى ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلغان.)
ئىنسانلارنىڭ دەۋزەخكە كىرشىگە ئۇزىنىڭ تىلى سەۋەب بۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كىمكى ئۈزىنىڭ تىلىنى ۋە ئەۋرىتىنى ساقلاشقا كىپىللىك قىلسا مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرشىگە كىپىللىك قىلىمەن دىگەن. يەنى تىلنى بىكار سۆزلەردىن غەيۋەتلەردىن،چېقىمچىلىقلاردىن،يالغانچىلىقلاردىن ساقلىسا،ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلىسا دىمەكچى.

تىلنى ساقلاش توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەركەلگەن.
تىل ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۇرىدىغان قۇرالدۇر. ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى  ئېغىزىدىن چىققان گەپ سۆزلىرىدىن بىلۋالغىلى بۇلىدۇ. كۇڭۇلدە نىمە بولسا شۇ ئېغىزغا چىقىدۇ.

گەپ سۆزلىرىمىزگە قاتتىق دىققەت قىلايلى. رەسۇلۇللاھمۇ گەپ قىلساڭ ياخشى گەپ قىل بولمىسا شۇك تۇر دىگەن.

كونىلاردا قۇرۇق قاپاق بەك تاراقشىدۇ دىگەن گەپ بار. شۇنىڭدەك بىلىمسىز جاھىل،نادان ئادەملا تۇلا تۇترۇقسىز گەپ قىلىدۇ.


گەپ ئېغىزدىن چىقىشتا گەپنى ئادەم باشقۇرغان بىلەن گەپ ئېغىزدىن چىقىپ بولغاندا گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەت.





ئاپتۇر________________ ھەمزە


دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 806
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2010-09-16
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-03 17:55

ئاللا ھ  رەھمەت قىلسۇن    ياخشى تىما يوللاپسىز !!!