بۇ تىمىنى مەن مەخسۇس رۇزا تۇتقان قېرىنداشلار پايدىلانسۇن ئۇچۇن يوللىغانتىم. ئەپسۇس بەزىلەر تەرپىدىن ئۇچۇرلۇپتۇ. ھېلىمۇ باشقا بىر مۇنبەرگىمۇ يوللاپتىكەنمە. قايتۇرۇپ كەلدىم.
باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن. (ھەرقانداق مۇنبەرگە ئۈزۈڭلارنىڭ نامى بىلەن چىقارساڭلارمۇ مەيلى ئەمما ئۇچۇرۇلمىسۇن)
پىتىر سەدىقىسى ھەققىدە
ئەسسالامۇ ئــــــــــــــــــــــــــــــەلــــــــــــــــەيكۇم
كۆزنى يۇمۇپ ئېچىپ بولغىچە مۇسۇلمانلارئۇچۇن مول ھۇسۇل ئېيى بولغان رۇزا ئېيى چىقىپ كىتەي دەپ قاپتۇ. بىز ھازىر ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى دەۋزەختىن ئازاد قىلىدىغان ئاخىرقى ئونىدا تۇرۇپتىمىز. ئاللاھ خالىسا ھەممىمىز رۇزىنىڭ قائىدە تۇزۇملىرىگە كۈچۈمىزنىڭ يىتىشىچە ئەمەل قىلىپ رۇزا تۇتۇپ كىلۋاتىمىز. ئەمما ئىنسانچىلىقتا بەزى گۇناھلاردىن خالى بولالممىغان يەرلىرىمىزمۇ ئەلۋەتتە بۇلىدۇ.
ئاللاھ رامزان ئېيىدا گۇناھ قىلغان ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۇلۇغ ئاي بولغان رامزاندىمۇ ئۈزىنى گۇناھتىن تۇسالمىغانلىق سەۋەبى بىلەن ھەسسىلەپ شۇ گۇناھكارنىڭ ھىساباتىغا يېزۋېتىدۇ.
بۇ گۇناھلاردىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن قانداق قىلىش كىرەك؟
مىھرىبان ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھىم شەپقەت قىلىپ رامزاندا ئھتىياتسىزلىقتىن قىلىپ سالغان بىر قىسىم گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۇچۇن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىلى ئارقىلىق پىتىر سەدىقىسىنى بىرىشنى بەلگىلىدى.
ئەمدىكى مەسىلە پىتىر سەدقىسى دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق ئۆلچەمدە بىرىدۇ؟ قانداق ئادەملەرگە بىرىدۇ؟ ئۇنى بىرىدىغان ۋاقىت قايسى؟
بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسلەرگە قاراپ باقايلى.
پىتىر سەدقىسى كاللا زاكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى ھەرقانداق چوڭ كىچىك، ئەقىللىق، ئەقىلسىز، ھۆر ياكى قۇل ئەر ياكى ئايال ئىشقىلىپ ئىنسان دەپ ئاتىلىدىغان ھەممە ئادەمگە ۋاجىپ بولغان ئەمەلدۇر. پىتىر سەدىقىسىنىڭ مەخسىتى ئۇنى بىرىش ئارقىلىق پېقىرلارنى رۇزا ھېيت كۇنىدە باشقىلارغا ئوخشاش خۇشاللىققا چۆمدۇرۇشتۇر.
فىتىر سەدىقىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن نۇرغۇن پايدىلىرى باردۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
«رەسۇلۇللاھ فىترىنى، روزا تۇتقانلارنى مەنىسىز ۋە يامان ھەرىكەتلىرىدىن پاكىزلىسۇن؛ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بولسا يەيدىغان بىر لوقما بولسۇن دەپ پەرز قىلغان.» (قاراڭ: ئەبۇ داۋۇد، زاكات، 17؛ ئىبن ماجە، زاكات، 21).
ئابدۇللاھئىبنى ئۈمەر(ئاللاھ ئۇ ئىككەيلەندىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ<رەسۇلۇللاھ (تىنىشلىق ۋەخاتىرجەملىك ئۇ كىشىگە بولسۇن) سەدىقە پىتىر بىرىشنى بىكىتتى.يەنى خورمىدىن بىر سائ (بىر سا بەزىلەرنىڭ قارىشىدا 2 كىلو40 گىرام، بەزىلەرنىڭ قارىشىدا 3 كىلو) ياكى ئارپىدىن بىرسائ بىرىشنى بەلگىلىدى. سەدىقە پىتىرنى بىرىش مۇسۇلمانلار ئىچىدىن ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، ھۆربولسۇن قۇل بولسۇن، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ھەممىسىگە بۇيرىدى. ۋە سەدىقە پىتىرنى ھېيىت نامىزى ئۇقۇشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىشنى بۇيرىدى > (بۇخارى رىۋايەت قىلغان زاكاتىل پىتىر بابى)
ئەبى سەئىيدىلخۇدرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ‹بىز رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىسىدە سەدىقە پىترنى بەرسەك خورمىدىن بىر سائ ياكى ئۈزىمىزنىڭ تامىقىدىن بىر سائ، ياكى ئارپىدىن بىر سائ، ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سائ بىرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىسىغا كەلگەندە بۇغدايدىن بەردۇق...› (بۇخارى رىۋايەت قىلغان زاكاتىلپىتىر بابى)
ئابدۇللاھئىبنى ئۈمەر(ئاللاھ ئۇ ئىككەيلەندىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ‹رەسۇلۇللاھ سەدىقە پىتىرنى ياكى رامزاننى ئەر-ئايال،ھۆر-قۇلغا، بىكىتتى.
خورمىدىن بىر سائ ياكى ئارپىدىن بىر سائ بەردى. ھازىر كىشىلەر بۇغداي-قۇناقتىن يېرىم سائ بىرىشنى ئۆلچەم قىلىپ بىكىتتى.ئىبنى ئۇمەر سەدىقە پىتىرنى خورمىدىن بەردى. شۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ خورمىغا بەكرەك ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ئارپىدىن بەردى. ۋە ئۇ سەدىقە پىتىرنى سەدىقە قۇبۇل قىلىشقا لايىق كىشىلەرگە بەردى. سەدىقە پىتىرنى رۇزى ھىيتتىن بىر~ ئىككى كۇن ئىلگىرى بەرگەن.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان زاكاتىلپىتىر بابى)
پىتىر سەدقىسىنى بىرىش ھەرئادەم ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن بەرسە بۇلىدۇ. يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسالامنىڭ دەۋرىدە ئاساسىي ئۇزۇقلۇق خورما، ئارپا ئىدى.
بىزنىڭ ھازىرقى زامانىمىزدا ئاساسەن بۇغداي، گۈرۈچ، قۇناق.... دىگەندەك ئۇزۇقلار بار.
بۇنىڭغىمۇ يۇقۇرقى ئۆلچەم بۇيىچە بەرسەك بۇلىدۇ.
فىترى سەدىقىسدە زاكاتتىكىگە ئوخشاش نىساب مىقدارى پۇل- مېلى بولۇش شەرتى يوقتۇر. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا كۈچى يېتىدىغان باي، پېقىر ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ فىترى سەدىقىسى بىرىشى لازىم. فىترى سەدىقىسى ئالالايدىغان پېقىر مۇسۇلمانلارمۇ فىتىر سەدىقىسى بىرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر بىر مۇئمىن، ئېھتىياجلىق بولغان باشقا مۇئمىن قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلغانلىقنىڭ خوشاللىقىنى ياشاش پۇرستىگە ئېگە بولىدۇ.
ھەر بىر مۇسۇلمان فىترى سەدىقىسى بەرگەندە ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان بىر يوقسۇلنى بىر كۈن تويغۇزالايدىغان يېمەكلىكنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك.
ئوتتۇر ھىساب بىلەن بىر كۇنلۇك تاماققا كىتىدىغان پۇلنى ئۆلچەم قىلىپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ.
فىترە بېرىشى لازىم بولغان بىر كىشى - شارائىتى يار بەرمىسە - بېقىش مەجبۇرىيىتى بولغان ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە باللىرى ئۈچۈن فىترە بەرسە بولىدۇ.
فىترىنىڭ ۋاختىغا كەلسەك، بۇ سەدىقە ئەڭ كەچ بولغاندا ھېيت نامىزىغا قەدەر بېرىلىپ بولۇشى لازىم. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر، فىترىنىڭ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى بامدات نامىزى بىلەن ھېيت نامىزى ئارىسىدا بېرىشنىڭ مۇناسىپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق فىقىھ ئالىملىرى ئېھتىياجلىقلارغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن دېگەن چۈشەنچە بىلەن بۇ سەدىقىنى ھېيتتىن ئۇچ كۈن بۇرۇن بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەدىقە ھېيتتىن ئۇچ كۈن بۇرۇن بېرىلسىمۇ بولىدۇ.
فىتىر سەدىقىسى زاكات بېرىشكە بولىدىغان يەرلەر ۋە كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. لېكىن پېقىر ۋە مىسكىنلەرگە بېرىش تېخىمۇ ياخشى. بۇنى بەرگەن كىشىنىڭ كۆڭلىدە نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر. يەنى فىترىنى بەرگەندە بۇ مىنىڭ پىترەم دېمىسىمۇ بولىدۇ. ھەتتا ئالغۇچىنى رەنجىتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق دېمەسلىك تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. فىترە ئالغۇچىنىڭمۇ ئالغىنىنىڭ فىترە ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم بولغانمىغاندەك، فىترە ئالغانلىقى سەۋەبلىك قىلىدىغان بىر ۋەزىپىسىمۇ يوقتۇر.
ئىسىڭىزدە بولسۇن بەزىلەر پىتىر سەدقىسى بەرمىسە روزىسى ئېسىلىپ قالىدۇ يەنى ئاللاھ پىتىر سەدىقىسى بەرمىگەن كىشىنىڭ رۇزىسىنى قۇبۇل قىلمايدۇ دىگەن ھەدىسنى تۇتقۇ قىلۋالىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دىمىگەن ھەدىستۇر. يەنى يالغان ھەدىستۇر.
ئاللاھ رۇزا تۇتقان كىشىنىڭ ئەجرىنى بىرىدۇ.
ئەمما پىتىر سەدىقىسى زاكاتقا ئوخشاش بەرمىگەن ئادەمنىڭ زىممىسىدە قېلىۋېرىدۇ. شۇڭا پىتىر سەدىقىسىنى ئۆيدە نەچچە جان بولسا شۇنچە جان سانىغا قاراپ بەرسە بۇلىدۇ. بۇرۇن بەرسىڭىز رۇزا ھېيتقا 3 كۇن قالغاندا، كىيىن بەرسىڭىز رۇزا ھېيىت نامىزىنى ئۇقۇشنىڭ ئالدىدا بەرسىڭىز بۇلىدۇ. رۇزا ھېيت ئۇقۇلۇپ بولغاندا بەرگەننىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا قېرىنداشلارنىڭ كۆرسىتىپ قۇيۇشنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمىت قىلىمەن.
مەنبە:
ئانا تۇپراق تورى