ئالىم بىلەن ھاراقكەشنىڭ سۆھبىتى 
ھاراقكەش: چىلان يېسەم خاتا ئىش قىلدىڭ، دەپ قارامسىز؟ 
ئالىم: ياق. 
ھاراقكەش: ئەگەر ئازراق ئوت بىلەن بىللە يېسەمچۇ؟ 
ئالىم: بۇنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق. 
ھاراقكەش: ئەگەر ئۇلارنى سۇ بىلەن چايقىۋەتسەمچۇ؟ 
(ئېغىزىدىكىنى دېمەكچى-تەرجىماندىن) 
ئالىم: ئىچىپ ھۇزۇرلان. 
ھاراقكەش: بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇخسەت قىلىنىدىكەن، ئۇنداقتا يۇقۇرىدىكى تەركىبلەرنى 
ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاراقنى ئىچىش نىمىشقا چەكلىنىدۇ؟ 
ئالىم: ئەگەر بېشىڭغا سۇ قۇيسام سېنى زەخمىلەندۈرەمدۇ؟ 
ھاراقكەش: ياق. 
ئالىم: ئەگەر سۇغا ئازراق توپا چېچىپ قويسامچۇ؟ 
ھاراقكەش: ماڭا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. 
ئالىم: ئەگەر مەن سۇ بىلەن توپىدىن ئىبارەت ئىككى تەركىبنى ئارىلاشتۇرۇپ، يوغان بىر 
كېسەك قىلغاندىن كىيىن، ئۇنى بېشىڭغا قارىتىپ ئاتسام، ساڭا زەخمىسى بولامدۇ؟ 
ھاراقكەش: ئۇنداقتا مېنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. 
ئالىم: ھاراقمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. 
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى
[ aykutتەرىپىدىن2010-06-06 12:32قايتا تەھرىرلەندى ]