باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2582 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇرۇپسەن يۈزۈڭ قارا
كەڭ ساي تورى ياخشى ماكانىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 445
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
ئۆسۈش: 3468 %
مۇنبەر پۇلى: 4241 سوم
تۆھپىسى: 10 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-28
ئاخىرقى: 2011-09-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-30 13:37

تۇرۇپسەن يۈزۈڭ قارا

ئەسكەرتىش: بۇ يازما xahla91 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-31)




 
ئىزھارىم جاندەك قەدىرلەپ،بىناۋا بولدۇم ساڭا،
ۋە بېشىمغا دەرت ئارتتۇرۇپ،بىداۋا بولدۇم ساڭا،
ئۆز بالايىم يەتمىگەندەك،ھەر بالا بولدۇم ساڭا،
كۆرگىلى ھۆسنۈڭنى زارۇ مۇپتالا بولدۇم ساڭا،
نە بالالىق كۈن ئىدىكىم، ئاشىنا بولدۇم ساڭا.

بىر قىيا باقمىغايسەن،ئۈزدۈڭمۇ يا مەندىن كۆڭۈل،
شۇندا ئەستىن يىراقلىشار بۇ ھايات-كۈندىن كۆڭۈل،
لىكىن بىر قەدەم ئۇزاقلاشماس مۇقەددەس دىندىن كۆڭۈل،
ھەر نەچچە دىدىمكى كۈن-كۈندىن ئۇزەي سەندىن كۆڭۈل،
ۋاھكى،كۈن-كۈندىن بەتتەررەك مۇپتالا بولدۇم ساڭا.

 
قايدا كۆرمەي رۇخسارىڭنى، تەبەسسۇمىڭلا سىيلىدىڭ،
بىر سازىڭنى ئاڭلىماق ۋەسلىدە شۇنچە خوپ قىينىدىڭ،
ۋەسلىڭ ئىزدەپ بىدارلىقىم، دىلخورلۇقۇمنى بىلمىدىڭ،
مەن قاچان دىدىم: «ۋاپا قىلىغىل ماڭا» زۇلۇم ئەيلىدىڭ،
سەن قاچان دىدىڭ:« پىدا بولغىن ماڭا» بولدۇم ساڭا.

 
دەۋادارلىق ماڭا ئادەت،ئويلىرىم مەجنۇن سۈپەت،
بىر ئېغىز شېرىن سۆزۈڭنى ماڭا ئارتۇق كۆردۈڭ نەھايەت؟
بۇ بالالىق پۈتۈلگەنمۇ ماڭلىيىمغا يا تائەبەد؟!
قايسى پەرى پەيكەرگە دەرسەن تەلۋە بولدۇڭ بۇ سۈپەت،
ئەي پەرى-پەيكار، نە قىلساڭ قىل ماڭا،بولدۇم ساڭا.

مەنزىلىمگە بېرىشىمگە كۆرسەتتىلەر ئىككى يول،
يا يارنى دەپ قالغىن يالغۇز،ياكى يار ئۈچۈن قۇربان ئۆل،
ئوڭنى تاللاي دىسەم مەھسۇن يىغا ياپتى كۆڭلۈمدە سول،
ئەي كۆڭۈل، تەركى نەسىھەت ئەيلىدىڭ ئاۋارە بول،
يۈز بالا يەتمەسكى،مەن ھەم بىر بالا بولدۇم ساڭا.

 
رازى مەھشەر ئارازىن كۆرۈشلۈك ئەسلى مۇدىھايىم،
شۇل سەۋەپتىن يات ئېتۇرمەن، قولۇمدىن قويماي قەلەم،
پانى دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر، ئەتمىگەي مىڭ يىل داۋام،
جامى جەم بىرلە خىزىر سۈيى نەسىبىمدۇر مۇدەم،
ساقىيا، تا تەركى جاھان ئەيلەپ ئادا بولدۇم ساڭا.

 
كۆڭۈل ئىزمىن ئىزدەپ مەسئۇد تۇرۇپسەن يۈزۈڭ قارا،
لەۋدە مىڭ كۈلگۈ-يۇ، ئەسلى دىلىڭدا تولا يارا،
ئىككى تاغنىڭ ئاراسىدا بىرلە ھەم يوقتۇر دارا،
غۇسسە چاڭگىدىن ناۋائىي تاپمىدىم ئۇششاق ئارا،
تا نەۋائىيدەك ئەسىرۇ بىناۋا بولدۇم ساڭا.
125
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 93
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 1211 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-07
ئاخىرقى: 2011-12-20
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-30 23:20

ئۆزقەلمىڭىزمۇ؟