سىز ئوخشايسىز...
قاراشلىرىم قىلمىسۇن مالال
سەرسان روھىم ئىزدەر بىر سىماھ
ھاياتىمغا نۇر چاچقان جامال
سىزگە ئوخشاش، سىز ئەمەس ئەمما...
شۇنچە ئوخشاش مېڭىشلىرىڭىز
جان تەسەددۇق كۆزلىرىڭىزگە
بىر ئالەمنىڭ ۋەزنىدىن ئارتۇق
شېرىن - شېرىن سۆزلىرىڭىزگە
شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارا
بىر تال گۈلسىز ئەتراپىڭىز باغ
سىماھىڭىز روھىمغا ئارام
غولىماقتا يەلكەمدىكى تاغ
نىگاھىڭىز سېھىرلىك بىر ئوت
بىر سىلكەندىم ئايلاندىم قۇشقا
پەرى بولۇپ ئۇچسىڭىز شۇ تاپ
مەندە تامامەن تەييار ئۇچۇشتا
كۈنلەر يەنە قىلىدۇ داۋام
ئۆمۈر قىسقا پۇرسەتتۇر بىزگە
كۈتۈشلەردە ئۆرتەنگەن تەندىن
ئىلاھى ئوت ئۆرلەر ئىگىزگە
مەن ھاياتتىن ئۈزمىدىم ئۈمۈد
كۈتۈشلىرىم توزىماس غۇنچە
روھ بېغىمدا نۇرلۇق بىر جامال
ئاھ، ئوخشايسىز ئۇنىڭغا شۇنچە
2006.08.28
پەرىشان باھار
ئالدىمدا بىر بۇلبۇل ئۆلەر قان قۇسۇپ
مەن سىزگە قەلبىمنى ئەيلىسەم ئىزھار
ئۆلىدۇ قەلبىمنىڭ پىنھانلىرىدا
ئەمدىلا كۆكلىگەن پەرىشان باھار
جانلىرىم پارە بوپ چىچىلار بەلكى
شاماللار قەلبىمنى ئەيلىسە ئىزھار
دەھشەتلىك بوراننىڭ نەرىلىرىدە
ئەسەبى روھىمنىڭ نالەشلىرى بار
سارغايغان بىر ياپراق يۇزلەنسە سىزگە
ئۆلۈمتۇك ئارماننىڭ روھى دەپ بىلىڭ
مەن كېتەي قەلبىمنى كۆمۈپ پەرىشان
بىراق سىز بۇ يەردە شادىمان قىلىڭ...