ئامېرىكىنىڭ ئاياللار بازىرىدا . . "كۇسار" نىڭ ئورنىغا "پەرىجە" (ھىجاب)
مۇھەممەد كەندەرى
"ئامېرىكىنىڭ ئاياللار بازىرىدا كۇسار نىڭ ئورنىغا پەرىجە" ناملىق ئۇنۋان د.ھېنرى ماكوۋ نىڭ ماقالىسىنىڭ ئۇنۋانى بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇسۇلمان قىز غا كۆلەڭگە بولۇپ يۈرۈيدىغان ھايالىق دېگەن سۈپەتنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئائىلىسىدە ئەۋلاد تەربىيىلەشكە بېغىشلىغان مۇسۇلمان ئايالغا بولغان ھۆرمىتىنىمۇ يوشۇرالمىغان. قارشى تەرەپتە د. ھېنرى ئامېرىكا قىزلىرىدىكى پۈتۈن ھاياتى جىنسى ھەۋەسنى قوزغاش، شەھۋانىيلىق،ئەخلاق چۈشكۈنلىكىدىن سەسكىنىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىماي تۇرالمىغان.
د.ھېنرى ئۇنۋېرسىتېت لىكتۇرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا(scruples) ناملىق مەشھۇر ئويۇنچۇقنى ئىجات قىلغان كەشپىياتچى، ئاياللار ساھەسى ۋە ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرى مۇتەخەسسىسىدۇر. بۇ ماقالە غەربتىكى ئەركىنلىك تەرەپدارى بەزى ئىنساپلىق كىشىلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە، كۆزقاراش ئىختىلاپىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا قارىماي ئىسلام ئەخلاقىغا قايىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، د. ھېنرى نىڭ ماقالىسى ئامېرىكا خەلقىدە قوللاش ۋە قارشى چىقىش ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.
بىربىرىگە زىت ئىككى رەسىم
د.ھېنرى ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئىشخانام تېمىدا ئىككى رەسىم ئېسىلغان، بىرىنچى رەسىم پەرىجە كىيگەن (پەردە، ئابايى، ياغلىق) مۇسۇلمان ئايالنىڭ رەسىمى. ئىككىنچى رەسىم كۇساردىن باشقا ھېچنەرسە كىيمىگەن ئامېرىكىنىڭ دۇنياگۈزەللىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىر ئايالنىڭ رەسىمى. بىرىنچى ئايال تامامەن باشقىلاردىن ئۆزىنى يۆگىگەن، يەنە بىرسى بولسا تامامەن ئوچۇق".
ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسى شۇنداق باشلانغان بولۇپ، ئەخلاق ۋە ئىدېئولوگىيە دە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۆرنەكنى كىرىش سۆز قىلغان.
كۆپ مەقسەتلىك ئۇرۇش
يازغۇچى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ مەخپى غايىلىرىنى ئوچۇقلاپ سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە مەدەنىيەت ئۇرۇشى دەپ قارايدۇ. غەرب ئىسلام دۇنياسىنىڭ يەرئاستى- يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈشنى كۆزلىگەننىڭ سىرتىدا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى بولغان دىنى، مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاقىي خەزىنىسىنى تارتىۋېلىشنى خالايدۇ، ئاياللارغا قارىتا ھەممە ئايال پەرىجىسىنى تاشلاپ كۇسار مەدەنىيتىگە كۆنۈپ شۇنداقلا يېرىم يالىڭاچ يولغا چىقىشىنى خالايدۇ، يازغۇچىنىڭ كۇسار مەدەنىيىتى دېگىنى يالىڭاچلىق ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، يازغۇچى مۇنداق دەيدۇ: " ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتتە ئايال كىشى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەرەبلەرنىڭ نىفتلىرىنى ئوغرىلىغاندىن سىرت ئوتتۇراشەرقتىكى ئۇرۇش، ئەرەبلەرنى دىنى ۋە مەدەنىيتىدىن تامامەن ۋاز كەچتۈرۈپ پەرىجە ئورنىغا كۇسارنى دەسسىتىشنى مەقسەت قىلغان" !
شەرەپ، ۋىجداننى مۇداپىئە قىلىش
د.ھېنرى پەردە قىلغان ئايالنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقىنى ماختايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:" مەن مۇسۇلمان ئاياللار ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئەمەسمەن، ئاياللاردىكى گۈزەللىكنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن، بۇيەردە پەردىنى بۇ دەرىجىدە مودا قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوقتى، لېكىن مەن ماڭا نىسبەتەن پەردىنىڭ بەزى ئەدەپ- ئەخلاقىنى مودا پىئە قىلماي تۇرالمايمەن" . ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ: " ماڭا نىسبەتەن پەردە ياكى پەرىجە ئايالكىشى ئۆزىنى يولدىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ خىزمىتىگە ئاتىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئايالدا بار خۇسۇسىيەتلەر سەۋەبىدىن ئايالنى ئۆزىنىڭ يولدىشى ۋە ئائىلىسىلا كۆرەلەيدۇ". . د.ھېنرى خۇددى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە(ئاللاھ رازى بولسۇن) نىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلغاندەك قىلىدۇ، ئۇ(ئائىشە) قايسى تۈردىكى ئايال ئەڭ ياخشى ؟ دېگەن سوئالغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن:" سۆزنىڭ ئەيىبىنى بىلەلمەيدىغان، ئەرلەرنى ئالدىيالمايدىغان، قەلبى ئاق، يولدىشىدىن باشقىغا ئۆزىنى زىننەتلىمەيدىغان، بالىلىرىنى بېقىپ ئولتۇرىدىغان ئايال". ياكى شۇ مەزمۇندا ئەڭ ياخشى ئايالنى سۈپەتلىگەنىدى.
مۇسۇلمان ئايال كەلگۈسى ئەۋلاد تەربىيچىسىدۇر
يازغۇچى ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۈچۈن بارلىق ھاياتىنى ئائىلىسى ۋە ئۆيىگە بېغىشلىغان مۇسۇلمان ئايالنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ماختايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: " مۇسۇلمان ئايال ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، بالا تۇغۇپ باقىدىغان، ئۇنى تەربىيە قىلىدىغان، يەرلىك سانائەتچى بولۇپ، ئائىلىنىڭ روھىدۇر، بالىلارنى تەربىيلەپ ئۆستۈرىدىغان ئۇستاز ۋە يولدىشىغا ياردەمچى بولىدىغان مەنىۋى راھەت ماكانىدۇر" .
ئامېرىكا ئاياللىرىچۇ؟
ئىشخانا تېمىدىكى بىرىنچى رەسىم پەردە قىلغان مۇسۇلمان ئايالنى تەسۋىرلەپ بولغاندىن كېيىن د.ھېنرى ئىككىنچى رەسىمنى تەسۋىرلەشكە ئۆتتى ۋە مۇنداق دېدى: " تامامەن ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ گۈزەللىك شاھى (دۇنيا گۈزىلى) تېلېۋىزور قانىلىدا مىليونلارچە ئادەم ئالدىدا تەقرىبەن ئانىدىن تۇغما يالىڭاچ ھالەتتە مەغرۇر تۇرماقتا، ئۇ ئاممىنىڭ مۈلكى.. جىسمىنى ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىقىرىش ئۈچۈن بازارغا سېلىۋاتىدۇ . . ئۇ ئۆزىنى ھەركۈنى باھا تالاشتۇرۇپ ساتىدۇ" د.ھېنرى قوشۇمچە قىلىپ:" ئامېرىكىدا ئايال كىشىنىڭ مەدەنىيەت مىزانى ئۇنىڭ جازىبىيلىكىدە، مۇشۇ ئۆلچەمدە ئۇنىڭ قىممىتى تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . . ئۇ ئۆزىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن نېرۋىسىنى چارچىتىدۇ" .
جىنسى ھەۋەس ۋە ئىچى بوش روھىيەت
د.ھېنرى شەھۋانىيلىققا، يالىڭاچلىنىشقا بېرىلىپ ياشايدىغان ئامېرىكىنىڭ بويىغا يەتكەن قىزلىرىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: " ياش قىزلارنىڭ يولباشچىسى يېرىم يالىڭاچ ناخشىچى برېتنى سپىرىز. برېتنى نىڭ شەخسىيتىدىنلا ئۆگىنىپ ئۇنىڭ جىنسى ھەۋەسنى قاندۇرغان تەرپىنىلا ياقتۇرىدۇ.. ئۇلار توي قىلىش ئارقىلىق سەۋرچانلىق ۋە ساپ مۇھەببەت بىلەن ئەمەس تەگسىز يالغان مۇھەببەت ۋە ئىچىبوش ھېسسىيات بىلەن ياشايدۇ" .
يازغۇچى بۇنداق ساراڭلىق ھاياتىنىڭ ئامېرىكا قىزلىرىغا كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەسىرىنى مۇنداق يازىدۇ : " ئۇ قىزنى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئونلارچە ياش تونۇيدۇ ... جەلبكارلىقىدىن ئايرىلماس قىسمى بولغان پاكلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، قوپال،مەككار، مۇھەببەت قىلىشنى بىلمەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ" .
ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئاياللار ئەرلەر خاراكتېرىنى ئېلىپ قوپال ، ئاننورمال مىجەزلىك بولۇپ قالىدۇ دە! ئانا، ئايال بولۇشقا يارىماي قالىدۇ، ئۇ ئاخىرى ھاياتتىكى رولىنى يوقىتىپ جىنسى ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئاپپاراتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەقىقىي مۇھەببەت، ئانىلىققا يارىمايدۇ .
دۇنيا تۈزۈمى بېكىنمىچىلىكنى كۈچەيتىۋاتىدۇ
د.ھېنرى ھازىرقى زامان دۇنيا ھايات سېستىمىسىنى بېكىنمىچىلىك، يالغۇزلۇقنى ئەلا كۆرۈشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەنقىت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : " دادا بولۇش ئىنسان تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر، شەھۋانىيەتكە چۆمۈپكېتىشتىن قۇتۇلۇش باسقۇچى بولۇپ، ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى بولىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . . تەربىيە ۋە يىڭى تۇرمۇش" . ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ : " خەلقئارالىق يىڭى تۈزۈم بىزنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلىشىمىزنى خالىمايدۇ . . بېكىنمىچىلىك، يېتىمچىلىكتە..جىنسى تەرەپتىن ئاچكۆز ياشىشىمىزنى خالايدۇ، شۇڭا ئائىلە قۇرۇش ئورنىغابىزگە ئەخلاقنى بۇزىدىغان شەھۋانىي سۈرەتلەرنى تەقدىم قىلىدۇ" .
ئاياللارنى ئازات قىلىش ئالدامچىلىقىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار
د.ھېنرى ئاياللارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ئىددىئالار يالغان ۋە رەھىمسىز ئىددىئالار دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: " ئاياللارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش ھازىرقى خەلقئارا تۈزۈم ھىيلە- مىكىرلىرىدىن بولۇپ، ئامېرىكا ئاياللىرىنى ئالداپكەتكەن، غەرب مەدەنىيىتىنى خاراب قىلغان رەھىمسىزلەرچە ئالدامچىلىقتۇر" ، ئاپتور يەنە: ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى بېرىش مەسىلىسى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەھدىت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ۋە مۇنداق دېدى : " ئەركىنلىك مىليونلارچە ئايالنى ۋەيران قىلغاندىن سىرت مۇسۇلمانلارغا چوڭ تەھدىت ئېلىپ كەلدى".
د.ھېنرى ئاخىردا سۆزىنى مۇنداق تاماملايدۇ: " مەن مۇسۇلمان ئاياللار كىيىدىغان پەردە، ھىجاب ياكى ئابايىنى مۇداپىئە قىلغىنىم يوق، لېكىن ئايال ئۆزىنى رەپىقىسى، ئائىلىسىگە بېغىشلاپ، ئىپپەت- نومۇسىنى ساقلاپ قالغان ئېسىل ئەخلاق ئالدىدا تەپەككۇر قىلماي تۇرالمىدىم" .
د.ھېنرى ماكوۋ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يازغۇچىلار ۋەتىنىمىزدىكى ئەلمانىلاردىن جۈرئەتلىك، ھەققانىيەتچىراق ئەمەسمىكەن ؟ !
مۇسۇلمان ئايالغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ ماختىشى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش ئەمەسمۇ؟ .
ئابدۇلئەزىز تۆمۈر تەرجىمىسى
مەنبە___ مەرىپەت مۇنبىرى قېرىندىشىمىز ئامىنەنىڭ يازمىسى