ھەقىقەت بىلەن ساختىلىق يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئەھۋال سورىشىپتۇ.
ــ يېقىندىن بېرى كۈنلىرىڭ قانداقراق؟ ــ دوراپتۇ ساختىلىق ھەقىقەتتىن.
ــ ھەي، سورىمايلا قوي، ــ دەپتۇ ھەقىقەت ئۇھ تارتىپ، ــ بارغانچە ئەھۋال خاراب.
ــ ساختىلىق ئۈستىۋېشى جۇل- جۇل بولۇپ كەتكەن ھەقىقەتكە بىر قۇر زەن سېلىپ:
ــ تۇرقۇڭ نېمە دېگەن بىچارە، شۇنچە ھارغىن كۆرىنىسەن، ــ دەپتۇ ھېسداشلىق قىلغان بولۇپ،
ــ ئۈچ كۈن بولدى، ئاچا قالدىم، نەگىلا باراي ئاۋارىچىلىككىلا يولۇقىمەن. ياشاش يولۇمنى ھېچ
تاپالمىدىم.
ــ بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر، مەن بىلەن بىرگە ماڭساڭ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەلەسەن، ئاغىنە.
ماڭا رەددىيە بەرمىسەڭلا، مېنىڭدەك كىيمىڭ پۈتۈن، قورسىقىڭ توق بولىدۇ.
ھەقىقەت ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپتۇ. ساختىلىق ھەقىقەتنى ئېلىپ، ئاۋات پايتەختكە يول ئاپتۇ.
ئىككەيلەن كاتتا بىر رېستۇرانغا كىرىپ راسا يەپ، راسا ئىچىپ ئويناپتۇ. خېرىدارلار تارىغاندىن كېيىن،
ساختىلىق تولىمۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۈستەلنى مۇشتلاپتۇ. خوجايىن ساختىلىقنىڭ ئالدىغا
يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئىززەت بىلەن:
ــ ھۆرمەتلىك ئەپەندى، قانداق تاپشۇرۇقلىرى باركىن؟ ــ دەپتۇ.
ــ پۇل يىغقۇچىغا ئالتۇن تەڭگىدىن بىرنى بەرسەم، ھېچ پۇل ياندۇراي دېمىدى، ــ دەپتۇ ساختىلىق
تەرىنى تۈرۈپ.
خوجايىن پۇل يىغقۇچىنى چاقىرىپ سوراپتۇ. پۇل يىغقۇچى ئۆزىنىڭ ئالتۇن تەڭگىنى
ئالمىغانلىقىن ئېيتىپتۇ. ساختىلىق قاتتىق غەزەپلىنىپ:
ــ سىلەر خېرىدارلارنى قاقتى- سوقتى قىلىدىكەنسىلەر- دە، ــ دەپ داۋراڭ ساپتۇ.
ئۇ قوينىدىن ئالتۇن تەڭگىدىن بىرنى ئېلىپ:
ــ ئەمدىغۇ پۇل قايتۇرارسەن، ــ دەپ خوجايننىڭ ئالدىغا تاشلاپتۇ.
خوجايىن رېستۇراننىڭ نامىغا يامان تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئالتۇن تەڭگىنى
ئېلىشقا ئۇنىماپتۇ ھەم پۇل ياندۇرۇپ بېرىپتۇ، تېخى پۇل يىغقۇچىنىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ:
ــ ھۇ ئەبلەخ، ئالغان پۇلنى ئۇنتۇپ قالىدىغانمۇ ئىش بولامدىكەن؟ ــ دەپ ۋاقىراپتۇ.
ئۇ ناھەق شاپىلاق يەپ، بۇ ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىزلىكىنى قايتا- قايتا
ئېيتقان بولسىمۇ، ھېچكىم سۆزىگە ئىشەنمەپتۇ.
ــ ئاھ خۇدا، قېنى سەن ھەقىقەت! ــ دەپ نالە قىلىپ ۋاقىراپتۇ خورلانغان پۇل يىغقۇچى.
ــ مەن بۇ يەردە، ــ ھەقىقەتنىڭ چىشلىرى ئارىسىدىن چىققان بۇ ئاۋاز پەقەت ئۆزىگىلا ئاڭلىنىپتۇ،
ــ تىلىم باغلاقلىق، ساڭا جاۋاب بېرەلمەيمەن، ئۆزۈڭ بىر ئامالىنى قىل.
ھەقىقەت بىلەن ساختىلىق رېستۇراندىن چىقىپتۇ.
ـــ كارامىتىمنى كۆرگەنسەن، ـــ دەپتۇ ساختىلىق كۆرەڭلەپ.
ــ ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشكە رازىمەنكى، بۇ كارامىتىڭنى ئۆگەنمەيمەن، ــ ھەقىقەت شۇنداق دەپلا،
ئۇنىڭدىن دەرھال ئايرىلىپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى ھەقىقەت بىلەن ساختىلىق يوللىرىغا مېڭىشىپتۇ.
مەنبە: مەسەللەر توپلىمىدىن باشقا تور بەتكە يوللىماقچى بولغانلار مەنبەنى ئەسكەرتىڭلار.
[ aykutتەرىپىدىن2010-06-06 00:50قايتا تەھرىرلەندى ]