QQ نىڭ مەنىسى !!!!!!!
QQ نىڭ مەنىسى .... تېڭشۈن QQ قىسقارتىلىپ QQ دەپمۇ ئاتىلىدۇ،ئەسلى نامى OICQ ياكى (OPEN-ICQ) بولۇپ ،شېنجىن تېڭشۈن كومپىيۇتېر ئالاقە شىركىتى 1992-يى
QQ نىڭ مەنىسى ....
تېڭشۈن QQ قىسقارتىلىپ QQ دەپمۇ ئاتىلىدۇ،ئەسلى نامى OICQ ياكى (OPEN-ICQ) بولۇپ ،شېنجىن
تېڭشۈن كومپىيۇتېر ئالاقە شىركىتى 1992-يىلى 2-ئايدا تارقاتقان
ھەقسىز ئۇچۇر تارقىتىش قورالى ئىدى.كېيىن ئامېرىكىنىڭ ICQ سى تېڭشۈننىڭ “OICQ” دىتالىنى
نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى -تەرۈز قىلدى دىگەچكە تېڭشۈن شىركىتى بۇ دىتالنىڭ نامىنى QQغائۆزگەرتكەن.
ئېتىلىشىچە تېڭشۈن شىركىتى نەچچە مىليون خەجلەپ QQ.COMدىگەن ئىسىمنى سېتىۋالغان ئىكەن.
ICQ بولسا دەسلەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ تېلئاۋىف Mirabilsشىركىتى ياسىغان.Mirabilsنىڭ مەنسى لاتىنچە "سىرلىق "
دىگەن مەنىدە.ICQ بولسا ئېنگىلىزچە "I SEEK YOU"نىڭ قىسقارتىلمىسى .مەنىسى :مەن سىزنى ئىزدەيمەن دىگەنلىكتۇر.
شۇچاغدا بۇدىتالنى ئىسرائىليەلىك بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ياساپ چىققان بولۇپ ئاساسلىغى توردا چاقىرىش ،ئۇچۇر يوللاش ،ھۆججەت،
ماتېريال يوللاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەن.
OICQبولسا OpenICQنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇنى يۇقىرىدا دىگەندەك شېنجىن تېڭشۈن ئالاقە شىركىتى ياسىغان .
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى ئاتىشىمىزمۇ ھەرخىل .بەزىلەر چ چ دەيدۇ،بەزىلەر كىيۇ-كىيۇ دەيدۇ،يەنە بەزىلەر مۇڭداشقۇمۇ دەپ ئاتايدۇ.
يېڭى ھەۋەسكارلار قۇ قۇمۇ دەپ قويىدۇ.بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلسەك توغرىسىنىڭ يەنىلا كىيۇ -كىيۇئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
مەنبە:
ياخو بىلىم سارىيى
http://ks.cn.yahoo.com/question/?qid=1307070500519 بەيدۇ ئىزدىگۈچ
http://www.webicp.cn/new_24703_7.html