باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6272 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: روزا تۇتۇش قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 845
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-04
ئاخىرقى: 2010-12-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 13:30

روزا تۇتۇش قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما tvnlirikisi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-25)
                                       روزا تۇتۇش قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئاللاھ ئېيتىدۇكى:[ئادەم بالىسىنىڭ ھەرقانداق ئەمىلىدىن ئۇنىڭ(كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇش،ئابرۇيغا ئېرىشىش قاتارلىق دۇنيادا قولغا كەلتۇرۇشكە ئالدىرايدىغان)ئۇنۇڭ بىرەر نىسىۋىسى بولىدۇ.پەقەت روزا ئۇنداق ئەمەس،چۇنكى ئۇ ماڭا رىيادىن خالى بولغان ھالدا خالىس قىلىنغان ئىبادەتتۇر.ئۇنۇڭ مۇكاپاتىنى ئوزەم بېرىمەن]..روز ا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر؛ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ،روزىدارنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىپاردىنمۇ خوش پۇراقتۇر.روزىدار ئادەمگەئىككى تۇرلۇك خوشاللىق بولىدۇ:بىرى،ئىپتار قىلغاندا،يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقەت بولغان چاغدا روزا تۇتقانلىق ساۋابى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنۇڭ ئۇچۇن تەييارلىغان نازۇ نىمەتلەردىن خوشال بۇلىدۇ» (بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان).
روزا تۇتقۇچىلار قىيامەتتە ھەممە كىشىلەردىن ئۇستۇن تۇرىدۇ،خاس جەننەتلەرگە كىرىدۇ.ئاللاھ ئۇلارنى دوزاختىن ساقلاپ قالىدۇ.
سەھل ئىبىنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«جەننەتتە رەيھان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ،قىيامەت كۇنى ئۇنۇڭدىن روزا تۇتقۇچىلارلا  كىرىدۇ،باشقىلار كىرەلمەيدۇ. روزا تۇتقۇچىلار  قەيەردە دىيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرىشىدۇ،ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا بىرى كىرەلمەيدۇ.ئۇلار كىرىپ بولغاندا ئىشىك تاقىلىپ باشقا ھىچكىم كىرەلمەيدۇ.» (بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان).
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ھەرقانداق بىر ئادەم ئاللاھ يولىدا بىر كۇن روزا تۇتسا،شۇ بىر كۇننىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئاللاھتائالا دوزاختىن 70 يىللىق يىراق قىلىدۇ» (بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكىى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: "كىمكى رامىزاننى چىن دىلىدىن ئىشىنىش ۋە ئاللاھتائالانىڭ رازىلىغى ۋە ساۋابىنى تەلەپ قىلىش يۇزىسىدىن تۇتسا،ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ".(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان)
رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى:
رامىزان ئېيى ئايلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەڭ ھورمەتلىك ئاي.ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە تولغان ئاي.چۇنكى قۇران كەرىم رامىزان ئېيىدا نازىل بولۇشقا باشلىغان.بىر كېچىلىك ئىبادىتى مىڭ ئايلىق ئىبادەتتىن ئارتۇق سانالغان قەدرى كېچىسىمۇ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى 10 كېچىسى ئىچىدىكى بىر كېچە.
سالمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،ئۇ مۇنداق دەيدۇ:رەسۇلۇللاھ شەئىباننىڭ ئاخىرقى كۇنى بىزگە رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا تەلىم بېرىپ:'ئى مۇسۇلمانلار جامەسى!سىلەرگە مۇبارەك،ئۇلۇغ بىر ئاي يېتىپ كەلدى.ئۇ شۇنداق ئايكى ئۇنۇڭدىكى شەبى قەدرى كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.ئاللاھ بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز،كېچىللىرىنى بىدار ئوتكۇزۇشنى غەنىمەت قىلدى.كىمكى بۇ ئايدا ياخشىلىق ئەمەللىرىدىن بىر ئەمەلنى قىلسا ،باشقا ئايلاردا بىر پەرزنى ئادا قىلغاننىڭ ئەجرى بېرىدۇ. كىمكى بۇ ئايدا بىر پەرزنى ئادا قىلسا،باشقا ئايلاردايەتمىش پەرز ئادا قىلغاننىڭ ئەجرى بولىدۇ.بۇ ئاي سەۋرىنىڭ ئېيى بولۇپ،ئۇنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر.بۇ ئاي ئوزارا ياردەم ئېيى بولۇپ ،ئىنسانلارنىڭ رېزقى زىيادە قىلىنىدۇ.كىمكى بۇ ئايدا بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا گۇناھلىرى ئوچۇرۇلۇپ،دوزاختىن ئازات قىلىنىدۇ.روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ.'دىدى.ساھابىلەر:ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!'ھەممىمىز ئىپتار قىلدۇرغىدەك نەرسىلەرنى تېپىپ بولالمايمىز'دەپ سورىۋىدى،رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىدى:«ئاللاھ بۇ ساۋاپنى بىر يۇتۇم سۇت ياكا سۇ،ياكا بىر تال خورما بىلەن ئىپتار قىلدۇرغان كىشى ئۇچۇنمۇ ئاتا قىلىدۇ، كىمكى بىر روزىدارغا سۇ بەرسە،ئاللاھ ئۇ كىشىنى مېنىڭ كولۇمدىن جەننەتكە كىرگەنگە قەدەر ئۇسسىمايدىغان شاراپ بىلەن سۇغىرىدۇ.بۇ شۇنداق بىر ئايكى ،ئاۋۋىلى رەخمەت،ئوتتۇرىسى مەغپىرەت،ئاخىرقىسى دوزاختىن ئازات بولۇشتۇر.شۇڭا بۇ ئايدا توت تۇرلۇك ئەمەلنى كوپ قىلىڭلار،ئككىسى بىلەن رەببىڭلارنى رازى قىلىسىلەر،يەنە ئىككىسىدىن قەتئى بىھاجەت بولالمايسىلەر.ئەمما رەببىڭلارنى رازى قىلىدىغان ئىككى تۇرلۇك ئەمەل بولسا بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىڭلار ۋە ئاللاھتىنلا گۇناھىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى تەلەپ قىلىشىڭلار.ئەمما سىلەر  بىھاجەت بولالمايدىغان ئىككى ئەمەل بولسا ئاللاھتىن جەننەتنى سوراپ،دوزاختىن پاناھ تىلىشىڭلار». (بەيھەقى توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دىگەن: «بەش ۋاخ نامازلار،جۇمە يەنە بىر جۇمەگىچە،رامىزان يەنە بىر رامزانغىچە ئارىسىدىكى گۇناھلار ئۇچۇن كەففارەتتۇر.رامىزان ئېيى كەلسە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ دوزاخنىڭ دەرۋازىللىرى تاقىلىدۇ؛شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنىدۇ.بۇ ئاي بۇ كۇنلەردە ئاللاھنى ئەسلىگۇچىلەرنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.ئارزۇ تىلەكلىرىنى سورۇغۇچى نائۇمىتتە قالمايدۇ.ئەگەر بەندىلەر رامىزاندىكى سىر-ھىكمەتنى بىلسە ئىدى،مېنىڭ ئۇممىتىم يىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ رامىزان بولۇشىنى ئۇمۇت قىلغان بولاتتى»
.
                                                     تەھرىرلەپ تەستىقلىغۇچى:تۈن لىرىكىسى
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-08-25 13:48قايتا تەھرىرلە ]