ئىسسىق - سوغۇق يېمەك - ئىچمەكلەرنى تەڭ ئىستېمال قىلىشتىن چىش ئاغرىسا، زەنجىۋىل ياكى سامساق سۈيىنى ئاغرىغان ئورۇنغا قۇيسا، ئاغرىق توختايدۇ.
باش ئاغرىپ دورا تاپالمىغاندا، دەرھال بىر ئىستاكان تۇز سېلىنغان سۇ ئىچسە، باش ئاغرىقى ئاستا - ئاستا يوقايدۇ.
ئېغىز قۇرۇپ، كېكىردەك ئىششىسا، يېشىل چاينى قېنىق دەملەپ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ، ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
قان تۈكۈرۈش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قانسىراش، قانلىق جاراھەت، زەخىملىنىشلەر ۋە مەقەتتىن قان كېلىشكە قوي قېنىنى پىشۇرۇپ، ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۈنۈمى بولىدۇ.
پۇت تارتىشىپ قالغاندا، شۇئان باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئۈستۈنكى كالپۇكنىڭ ئوتتۇرىسىنى قىسسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ
تېرە قىزىق ياغ ياكى قايناقسۇدا كۆيۈپ قالسا، جاڭيۇ بىلەن ئۆسۈملۈك يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۆيگەن جايغا سۈرسە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
سوغۇقتىن باش ئاغرىغاندا، سامساقنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، بۇرۇنغا ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە تېمىتىپ بەرسە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ئىسسىق غىزادىن قورساق ئاغرىپ قالسا، جىگدىنى قاينىتىپ، شەربەت قىلىپ ئىچسە، شىپا بولىدۇ.
ياغلىق تاماقتىن كېيىنكى كۆڭۈل ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، بىئارام بولۇش، ئۆت ياللۇغىنىڭ تەسىرىدە ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى ئاغىرسا، يالپۇز يوپۇرمىقىدىن بەش گرام، يېزىخودىن بەش گرام ئېلىپ، 300مىللىلىتىر قايناقسۇغا 15مىنۇت چىلاپ ئىچىپ بەرسە شىپا بولىدۇ.
تېما تەھرىرلىگۈچى: تۈن لىرىكىسى
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-08-25 06:47قايتا تەھرىرلە ]