باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 14517 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاددىي رېتسېپلار ئەسقىتىپ قالار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-12-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 01:06

ئاددىي رېتسېپلار ئەسقىتىپ قالار

ئەسكەرتىش: بۇ يازما tvnlirikisi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-25)
ئىسسىق - سوغۇق يېمەك - ئىچمەكلەرنى تەڭ ئىستېمال قىلىشتىن چىش ئاغرىسا، زەنجىۋىل ياكى سامساق سۈيىنى ئاغرىغان ئورۇنغا قۇيسا، ئاغرىق توختايدۇ.
باش ئاغرىپ دورا تاپالمىغاندا، دەرھال بىر ئىستاكان تۇز سېلىنغان سۇ ئىچسە، باش ئاغرىقى ئاستا - ئاستا يوقايدۇ.
ئېغىز قۇرۇپ، كېكىردەك ئىششىسا، يېشىل چاينى قېنىق دەملەپ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ، ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
قان تۈكۈرۈش، تۇغۇتتىن كېيىنكى قانسىراش، قانلىق جاراھەت، زەخىملىنىشلەر ۋە مەقەتتىن قان كېلىشكە قوي قېنىنى پىشۇرۇپ، ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۈنۈمى بولىدۇ.
پۇت تارتىشىپ قالغاندا، شۇئان باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئۈستۈنكى كالپۇكنىڭ ئوتتۇرىسىنى قىسسا، ياخشى بولۇپ قالىدۇ
تېرە قىزىق ياغ ياكى قايناقسۇدا كۆيۈپ قالسا، جاڭيۇ بىلەن ئۆسۈملۈك يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۆيگەن جايغا سۈرسە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
سوغۇقتىن باش ئاغرىغاندا، سامساقنى ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، بۇرۇنغا ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە تېمىتىپ بەرسە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ئىسسىق غىزادىن قورساق ئاغرىپ قالسا، جىگدىنى قاينىتىپ، شەربەت قىلىپ ئىچسە، شىپا بولىدۇ.
ياغلىق تاماقتىن كېيىنكى كۆڭۈل ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، بىئارام بولۇش، ئۆت ياللۇغىنىڭ تەسىرىدە ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى ئاغىرسا، يالپۇز يوپۇرمىقىدىن بەش گرام، يېزىخودىن بەش گرام ئېلىپ، 300مىللىلىتىر قايناقسۇغا 15مىنۇت چىلاپ ئىچىپ بەرسە شىپا بولىدۇ.
                                                         تېما تەھرىرلىگۈچى: تۈن لىرىكىسى
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-08-25 06:47قايتا تەھرىرلە ]
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 832
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە832دانە
ئۆسۈش: 2402 %
مۇنبەر پۇلى: 8371 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-06
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 10:49

بۇ جانغا ئەسقاتىدىغان بىلىمنى دەرھال ساقلىۋالاي........
ئەجداتلىرىمىز غىزا ئارقىلىق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلگەن ھەم داۋالاپ كەلگەن، شۇڭا خەلقىمىزنى ناخشا-ئۇسسۇلغا ھىرىسمەن، شائىر مىللەت دىيىشتىن كۆرە تىبابەت مىللىتى دىسە مۇۋاپىق.
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.