(شېئىر )
ئاپتۇرى : ئاقكۆڭۈل
سۆيگۇ دىگەن چىن بولسا ،
ئۇشۇق جانان نەھاجەت .
يالغان بىلەن تۇتقان يار ،
سالار باشقا ھەر ئاپەت .
ئىككى قولۋاق ئۈستىدە ،
تۇرمىغىنسەن كېرىلىپ .
يىقىلساڭسەن ناۋادا.
قۇپالمايسەن غادىيىپ .
مۇھاببىتىڭ راسىت بولسا ،
ئازدۇرالماس باشقىلار .
تايساڭ ئەگەر يولۇڭدىن ،
كۆزۈڭ تۇلار ياشقىلا .
نىگارىڭنى رەنجىتمە ،
كۆڭلى سەندىن سۇ ئىچسۇن .
بېزار بولۇپ سېنىڭدىن ،
دىلى سۇلغۇن يۈرمىسۇن .
ئەردە ۋىژدان بولمىسا ،
ئاياللاردا خىيانەت .
پۇرەكلىسۇن ، گۈللىسۇن ،
ئىككى ياشتا دىيانەت .
مۇھاببەتلىك بۇ تۇرمۇش ،
ئىككى ياشنىڭ ئارزۇسى .
ھارارەتلىك جۇپ يۈرەك ،
مەڭگۈ ئىقبال تاپقۇسى .
مەنبە : ئۆزەمنىڭ ئىجادىيتى .