رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللا جەننەتنى ياراتقان چاغدا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا:« بېرىپ، قاراپ باققىن!»دېدى. ئۇ بېرىپ قاراپ كېلىپ:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، بۇنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەم ئۇ يەرگە كىرىدۇ» دېدى. ئاندىن ئاللا ئۇنىڭ ئەتراپىنى جاپالىق ئىشلار بىلەن ئوراپ:« ئى جىبرىئىل! ئەمدى بېرىپ قاراپ باققىن!» دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ قاراپ كەلدى ۋە:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ھېچكىم ئۇ يەرگە كىرەلمەسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم» دېدى. ئاللا جەھەننەمنى ياراتقان چاغدىمۇ:« ئى جىبرىئىل! بېرىپ قاراپ باققىن!» دېدى. ئۇ بېرىپ، قاراپ كەلگەندىن كېيىن:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، بۇنى ئاڭلىغان كىشى ھەرگىزمۇ بۇ يەرگە كىرمەيدۇ» دېدى. كېيىن، ئاللا ئۇنىڭ ئەتراپىنى ھاۋايى ھەۋەسلەر بىلەن ئوراپ:« ئى جىبرىئىل! بېرىپ ئەمدى قاراپ باققىن!» دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ، قاراپ كەلگەندىن كېيىن:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ھېچكىم قالماي بۇ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك دەپ ئەنسىرەپ قالدىم» دېدى» [ئەھمەدۋە ھاكىم ۋە نەسەئى ۋە ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىدا خاتىرلەنگەن سەھىھ ھەدىس]
بۇ ھەدىسنى قايسى ساھابە رىۋايەت قىلغان .