باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 728 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھاياتنىڭ ئالتە تەرىپى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 269
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە269دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 3807 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-10-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 15:30

ھاياتنىڭ ئالتە تەرىپى

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  شېئىر قائىدىلىرىنى بىلىپ كەتمەيمەن، چاچما شېئىر دېيىشكە بولۇپ قالار.   بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرغا قارىماي، ئوقۇپ باقساڭلار، بەلكىم تەپەككۇر ئىشىكلىرىدىن بىرەرى ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس:


"ھاياتنىڭ ئالتە تەرىپى"

(1)

ئۆتمۈش،
مازىرىدۇر ئاتا-بوۋامنىڭ،
رەسۇلاللاھ، ساھابىلەرنىڭ،
سۆيگەنلىرىم، كۆيگەنلىرىمنىڭ.


ئىستىقبال قاراڭغۇ غەپلىتىمدە،
قەبرىستانى دوست-يارەنلەرنىڭ،
ئۇرۇق-تۇققان، ئەۋلاتلارنىڭ،
سۆيگەنلىرىم، كۆيگەنلىرىمنىڭ...


ئىككى مازار ئوتتۇرىسىدا،
يېرىم ئۆلۈك ھازىرقى كۈنۈم.


يەرشارى گوياكى يوغان بىر تاۋۇت،
توشۇۋاتىدۇ ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنىڭ
ئىچىدىكى سانسىزلىغان ئۆلۈكلەرنى،
ئىزتىراپلىق جىسمىمنى،
يېرىم ئۆلۈك ھازىرىمنى...



ئۆمرۈم-بىر دەرەخ.
ئۇچىدا كۆردۈم مىۋىسىنى-
ماڭا باققان جىنازامنى،
قارىدىم يىلتىزلىرىغا-
چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلىرىمگە...


ئارقامدا قالدى ئاساسسىز دۇنيا،
كۆمۈلدى يوقلۇقنىڭ ئازگاللىرىغا.
چىقىرىپ ئىچىدىن ئاشىقلىرىنى،
سىلكىشتۈرۈپ «چىقمايتتىم» دەپ يىغلىغىنىنى،
ئېتىشتۇرۇپ پىراق بىلەن ۋىجدانلىرىنى،
ئارقامدا قالدى ئالدامچى دۇنيا...



ئالدىمدا يوشۇرۇن قەبىر ئىشىكى،
يىراق ئەمەس يېقىن بىر يەردە،
بەلكىم،
سىكۇنتنىڭ ئىلىك قەدىمىدە،
دەل يولۇمنىڭ ئۈستىدە!
شۇنداق،
كېتىۋاتىدۇ كارۋان-كارۋانلار،
نېمە مەقسەت-ئارمانلار ئۈچۈن،
شىرىن خىيال، ۋىساللار ئۈچۈن!
بىراق،
ھەممىسىنىڭ يولى ئۈستىدە،
تۇرار يوشۇرۇن قەبر ئىشىكى...


نېمە ئۈچۈن،
نەدىن،
نەگە،
كېلىۋاتىدۇ، كېتىۋاتىدۇ ئىنسانىيەت؟
ئويلانمامدۇ ئەخمەق ئىنسانلار!؟
ئەبەدىيلىككە ئاشىق قەلبىدىن،
سورىمامدۇ بەدبەخت ئىنسانلار!؟



(2)
«جاۋاپ نەدە؟»



قىينالما ئەقلىم، قىينالما قەلبىم!
بۇ بىر ساماۋى سۇئال-
تىلسىمىدۇر  كائىناتنىڭ.
ئۇنداقتا،
جاۋابىنى ساماۋىدىن ئال،
مۇجىزۇل بايان - قۇرئاندىن ئال،
رەھمەتەنلىلئالەمىن مۇھەممەد تىن ئال.
(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)



ئالدىم:
نۇرلاندى ھاياتىمنىڭ ئالتە تەرىپى،
تارالدى قەلبىمنىڭ زۇلمەت-ۋەھشىتى!
ئەلھەمدۇلىللاھى ئەلە كۇللى ھال!


كائىنات گوياكى چوڭ بىر ساراي،
ئاسمانلار ئۆگزىسى تۈۋرۈكسىز،
يۇلتۇزلار چىراقلىرى ئاسقۇچسىز،
زىمىندۇر داستىخىنى پايانسىز،
بولامدۇ بۇ سەنئەتلەر "سانىي"سىز؟!
مۇمكىنمۇ قۇۋۋەتلەر "قاۋىي"سىز؟!
خالىقۇ كۇللىشەي "بارىي"سىز؟!


شۇنداق،
سەنئىتىدۇر كائىنات خالىقنىڭ،
رەھمىتىدۇر كائىنات رازىقنىڭ،
ئەينىكىدۇر ئۇنىڭ ئەسماسىنىڭ.


ئىنسانكى، ئۇ ئەينەكنىڭ ئەڭ جامىسىدۇر،
مەخلۇقاتنىڭ ھۆھتەرەمى، ئەزىزىدۇر.
ئۇ ئاللاھنى ئىسمى بىلەن تونۇغۇچىدۇر،
رەھمىتىنى تەقدىر قىلغان شۈكۈرچىسىدۇر،
ئىھسانىنى، كەرەمىنى، ھەيۋىتىنى،
جامالىنى، كامالىنى، قۇدرىتىنى...
ھەمدۇ-سانا، ئالقىش بىلەن،
قۇللۇق بىلەن ئىلان قىلغان،
خىلقاتى كائىناتنىڭ نەتىجىسىدۇر.


ئىنسان
بىچارە، زاۋاللىق مەھبۇس ئەمەستۇر،
يوقلۇققا مەھكۇم مەزلۇم ئەمەستۇر!
(ھاياتنىڭ ئالتە تەرىپى زۇلمەت ئەمەستۇر)


ئۆلۈم-
يوقلۇق ئەمەس!
بوشىنىشتۇر ۋەزىپىدىن،
كۆچۈشتۇر بوغقۇچى دۇنيادىن،
قەبىركى، كۈتۈش زالى جەننەتنىڭ،
باشلانغۇچى ئۇزۇن سەپەرنىڭ،
جەننەتكە، ھوزۇرى ئىلاھىگە (ئىنشائاللاھ!)
بەلكى، بىر مىسلى جەننەت باغچىسىنىڭ،
ئەھلى ئىمان سۇرۇر بىلەن يايرىغان،
«سۆيگەنلىرىم ھاياتكەن» دەپ سايرىغان،
تاتلىق سۆھبەت قۇرۇپ بىللە قاينىغان...

***
[ بۇ يازمىنىosmanli 2012-09-20 05:03قايتا تەھرىرلىدى ]
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1680
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1680دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 18619 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-10-25

«جاۋاپ نەدە؟»




قىينالما ئەقلىم، قىينالما قەلبىم!
بۇ بىر ساماۋى سۇئال-
تىلسىمىدۇر  كائىناتنىڭ.
ئۇنداقتا،
جاۋابىنى ساماۋىدىن ئال،
مۇجىزۇل بايان - قۇرئاندىن ئال،
رەھمەتەنلىلئالەمىن مۇھەممەد تىن ئال.
(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)



توغرا يىزىپسىز ،، ھەقىقەتەنمۇ جاۋاپنى سىز ئىيتقان يەرلەردىن ئېلىش كېرەك ،،،
قالغانلىرىنى ئانچە چۇشىنەلمىدىم ،
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 683
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە683دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 7284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-10-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 17:09

قارىسام مەزمۇنى خېلى ياخشىكەن...لىكىن مەندە بىر نەرسە كەممىكىن دەيمەن... قانداقلا شئېر بولسا پەقەتلا چۇشىنەلمەيمەن........................
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1788
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1788دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 18904 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-10-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 17:45

مەزمونى ياخشى چىقىپتۇ، شەكلىمۇ يامان ئەمەسكەنغۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 269
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە269دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 3807 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-10-27
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 22:18

1-قەۋەت (fatih204) نىڭ يازمىسىغا

ئەلھەمدۇلىللاھ، شۇ يەردىن ئېلىۋاتىمىز!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2351
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 208
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە208دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1115 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-26
ئاخىرقى: 2012-09-20
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 02:16

يا ئوبدان يزپسز رەخمەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6872
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-02
ئاخىرقى: 2012-09-25
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 11:54

قارىسام مەزمۇنى خېلى ياخشىكەن...لىكىن مەندە بىر نەرسە كەممىكىن دەيمەن... قانداقلا شئېر بولسا پەقەتلا چۇشىنەلمەيمەن........................ 
  

ھەيرانمەن مەنمۇ شىئرنى پەقەت چۈشەنمەيمەن.
دوستلىشىش
سېسىق.چوقاي
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11951
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 144
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە144دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 1722 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-06-12
ئاخىرقى: 2012-10-24
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 19:19

توغرا  ، بۇ  دۇنيا  بىر  قونالغۇ  ، بىز  بىر  مېھمان ،.....شېىرنى  ھېسسىيات  بىلەن  ئوقۇپ  چىقتىم  ، تۇرۇپلا  قايسى  بىر  شائىرنىڭ  مۇنۇ  شېئىرى  ئېسىمگە كېلىپ قالدى .....
 
دەريادا  بىر  قەترە  يوق  بولۇپ  كەتتى 
يەرگە  بىر  چاڭ  قوندى  كۆمۈلۈپ  كەتتى
دۇنياغا  كېلىشىڭ  -كېتىشىڭ نىمە   ...
بىر  چىۋىن  تۇغۇلدى  يا  ئۆلۈپ  كەتتى  ،
     
 شېئىر  ئوقۇغاندىمۇ   شېئىر  ئوقۇش  '' پورمۇلاسى ''  غا  سېلىپ  ھېسسىياتنى  ئارلاشتۇرۇپ  ئوقۇسا   ، پەيدا  بولغان  سېزىم  تۈزلا  ئوقۇپ  قويغانغا  قارىغاندا  پەرقلىق  بولىدۇ ......
دۈشمۈنۈمگە  قالسا  قالسۇن  ،  دوسقا   مۇقتاج    قىلمىغىن ......
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11054
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1090 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-08
ئاخىرقى: 2012-10-08
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-21 10:14

ياخشى شېئىركەن ، تېخىمۇ تىرىشىڭ !