مېنى مىيىپ دېمەڭلار
نىجات شۆھرەت (ئىلىخو)
مېنى كىچىك مىيىپ دېمەڭلار،
پۇتقا چوماق، كۆزگە ئىلمىغان.
ئاز دېمەڭلار زەرىچە ئاتۇم،
تاغنى تاسقاپ، يەرنى تىلغىغان.
يۈرۈكۈم بار قىپقىزىل چوغدەك،
خۇددى ئاتەش ۋەتەنگە – ئەلگە.
بەلكىم باردۇر تۆمۈر ئۈزگىدەك،
ئۇ يارالغان كۈرەشكە-جەڭگە.
شېئىرىم خۇددى خەنجەردەك،
ئوقىيا بولۇپ ياۋغا سانجىلغان.
ئەنە شۇنداق قەيسەر جەڭچىمەن،
رەقىبلىرىم خەستەك يانجىلغان.
چېگىرالاردا تۇرىمەن پوستا،
چوققىلاردا بۈركۈتتەك قونۇپ.
بۇرچۇم مېنىڭ ۋەتەننى قوغداش،
ئۆتكۈر كۆزۈم يانار چوغ بولۇپ.
مېنى ناكار مىيىپ دېمەڭلار،
مۇشۇ كۈنلەرگە بېرىمەن چىداش.
مىلتىق تۈتەك قاپلىغان،
پىرونىتلاردا ئەل بىلەن سەبداش.
ئاق بوز ئاتىم ئاستىمدا مېنىڭ،
ئاكوپلاردىن ئۇچۇپ ئۆتىمەن.
تۇغ ئوينىتىپ سەپنىڭ ئالدىدا،
قانلىق قىرغىن جەڭگە كىرىمەن.
زۇلپىقارىم قولۇمدا مېنىڭ،
غەلبىلەرنى قۇچۇپ كېلىمەن.
‹‹باتۇر›› دېگەن ئالتۇن ئوردىننى،
ئۆز خەلقىمگە تەغدىم ئېتىمەن.
مېنى ئاجىز مىيىپ دېمەڭلار،
مەن تاسقالغان قېلىن ئەلگەكتىن.
خەلقىم ئۈچۈن جەڭگە تۆرەلگەن،
غورۇرۇم بار ئاسمان پەلەكتە.
2012-يىلى6-ئاينىڭ10-كۈنى
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى)