باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3121 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: لى شيەنلۇڭ جۇڭگوغا ئامېرىكىغا
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 677
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە677دانە
ئۆسۈش: 2440 %
مۇنبەر پۇلى: 9269 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-10-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-12 20:42

لى شيەنلۇڭ جۇڭگوغا ئامېرىكىغا

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2012-09-13)


لى شيەنلۇڭ جۇڭگوغا ئامېرىكىغا سەل قارىماسلىق توغرىسىدا تەكلىپ بەردى
  
سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى جۇڭگوغا يېتىپ كېلىپ، ئالتە كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا "نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى خەۋىرىدەئېلان قىلىشىچە، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ 9- ئاينىڭ 6- كۈنىمەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگوغا ئامېرىكىنى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقان دۆلەت دەپ قارىماسلىق توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا گۈللىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، لى شيەنلۇڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ئىزچىل ھالدا جۇڭگولۇق زىيالىيلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن تېما بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى خامچوت قېيىنچىلىقى ۋە سىياسىي قاتمالچىلىقىنى مەسخىرە قىلىپ، بۇ ئەھۋاللارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئىشەنچ كرىزىسىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىدى.

لى شيەنلۇڭ مۇنداق دىدى: گەرچە نۆۋەتتە ئامېرىكا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھەقىقىي زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان دۆلەت ئەمەس. ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ناھايىتى چوڭ ئىلاستىكىلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى مەۋجۇت بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى تالانت ئىگىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. بۇ جۇڭگو ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لى شيەنلۇڭ مىسال كەلتۈرۈپ: "ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى سەككىز نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جۇڭگولۇقنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتتى. بىز مەڭگۈ ئامېرىكىنىڭ قايتا روھلىنىشى ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش قابىلىيىتىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك." دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال: لى شيەنلۇڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدىكى نۇتقىدا ئاسىيادا ياتلارنى چەتكە قاقىدىغان ئىستىھكام قۇرۇشقا بولمايدۇ دېدى.

شىنخۇا تورىنىڭ 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لى شيەنلۇڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە خەنزۇ تىلىدا نۇتۇق سۆزلەپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەزا دۆلەتلەر ئىزچىل ھالدا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى. مۇقىم، گۈللەنگەن ئاسىيا جۇڭگونىڭ ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ دېگەن.

لى شيەنلۇڭ "جۇڭگو ۋە دۇنيا، ئورتاق گۈللىنىپ ئورتاق ئىلگىرىلەش" ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: "جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بولسا جۇڭگونىڭ ئۈچىنچى چوڭ سودا ھەمراھى. بۇندىن باشقا يەنە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئورناتتى. بۇ ساھەلەر ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېنىرگىيە مەنبەسى ئېچىش، مەدەنىيەت، دورا ۋە ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."

لى شيەنلۇڭنىڭ قارىشىچە، كۈنسېرى راۋاجلىنىۋاتقان خوشنا ئەللەر جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا بىر بىرىگە ياردەمدە بولىدىغان، ھەمكارلىق ئورنىتىدىغان شىرىكلەردىن بولالايدۇ. پۈتكۈل رايونلارنىڭ تىنىچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.

لى شيەنلۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: "ئاسىيانىڭ مۇقىم گۈللىنىشى مۇشۇ رايونلاردىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىل رايونلار ئارا ھەمكارلىق رامكىسى كۈنسېرى شەكىللەنمەكتە. بىز ئاسىيادا ياتلارنى يەكلەيدىغان ئىستىھكام ئەمەس، بەلكى سىرتقا ئېچىۋىتىلگەن رايون رامكىسى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك."

لى شيەنلۇڭ سىنگاپور بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە نەزەر سالغاندا، سىنگاپورنىڭ سۇجۇ، تيەنجىن ۋە چىڭدۇ قاتارلىق جايلاردىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىپ كەلدى. يېقىندا يەنە جىلىندا بىر يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرماقچى.

ئىككى دۆلەت ئىزچىل ھالدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئورتاق ھالدا يېڭى رىقابەت ۋە يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەھمىيەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا، ئالاقە تورى ۋە يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىرى قاتارلىقلاردا.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "سىنگاپور ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭرى ھەمكارلىق بوشلۇقى بار. جۇڭگونىڭ نۇرغۇن تەرەققىيات تەجرىبىلىرى سىنگاپورنىڭ ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ. شۇنداقلا سىنگاپورنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە تۈزۈلمىسىنىڭ جۇڭگوغا داۋاملىق پايدىلىنىش قىممىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ."

نۇتۇق داۋامىدا لى شيەنلۇڭ خەلقئارالىق ئىقتىسادىي كرىزىس، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى مەيدانىنى بايان قىلدى.

لى شيەنلۇڭ 9- ئاينىڭ 2- كۈنى جۇڭگوغا يېتىپ كېلىپ، ئالتە كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ لى شيەنلۇڭنىڭ 2005- يىلى زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلىشى ھېساپلىنىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: قەلبىنۇر

ئوغىرلاپ كەلگەن مەنبە مانا

http://www.sodiger.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=909
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 889
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە889دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 9794 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-10-30

سەل قارمىسمۇ نىمە ئامال  
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1680
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1680دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 18619 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 11:00

ياپونغا ئاۋال سەل قارىسۇن ،،   ياپون سەل قارىغاچقا ھىيىقماستىن ، خەقنىڭ ئويىنى ئېلىپ سىتىۋىتىپ بارىدۇ ،، خۇددى بىزنىڭ يۇرتتىكى ئوي زىمىن ئوينايدىغان باللادەك ،،،
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1680
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1680دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 18619 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 11:01

خەنزۇلاردا بىر گەپ مودا ئىكەن
ئامرىكا ئۇرىمەن دىگەننى ئۇرىدۇ ،
روسىيە كىم ئۇرسا ئۇرىدۇ
جوڭگو كىم ئۇرسا تىللايدۇ
دوستلىشىش
سېسىق.چوقاي
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11951
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 144
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە144دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 1722 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-06-12
ئاخىرقى: 2012-10-24
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 12:39

  سىنگاپور  زۇڭلىسىنىڭ   ئالى  مەكتەپتە  سۆزلىگەن  نۇتقىدىن  ئامىرىكىنىڭ    دۇنيا  ئىختىسادى  ، رايۇن   تىنىشلىغى  ، يېڭىلىق  -تەرەقىياتىدىكى  مۇھىملىغىنى  سۆزلەپ  ئۆتۈپتۇ  ، بۇ  يېقىننىڭ  ياغى  چەت ئەل  رەھبەرلىرىنىڭ  ئوچۇق  سورۇندا  ئامىرىكىنى  ئووچۇق  ،مەدھىيىلىگىنى  بولسا  كېرەك  ، ......ئەمەلىيەتتىمۇ  ئامىرىكىدەك  غايەت  زور  بىر  دىۋىنىڭ   دۇنيادا   پۇت  تىرەپ  تۇرىشى  دۇنيا  خەلقى  ئۈچۇن   خەيرلىك  ئىش  ، ئامىرىكىنىڭ  ئۆز  مەنپەتى  ئۈچۇن  ئۆز  كۆمۈچىگە    چوغ  تارتىشى  ، بۇ  نورمال  ئەھۋال  ،پۈتۈن ئەل ،پۈتۈن  دۆلەت  ئامىرىكىدەك  بولۇشنى  خالايدۇ  ، لېكىن  يېتەلمەي  تىللايدۇ  ، ئامىرىكىنىڭ   رەزىل  قىلمىشلىرى  بولغۇنىدەك  ، خېلى -خېلى  ئەللەردە  يوق   ئالى جاناپ  ، تىللاردا  داستان  تەرەپلىرىمۇ  بار  ، بىز  پەقەت  بىر  تەرەپنىڭلا  خەۋىرىنى  رادىيو  ، تىلىۋۇزۇرلاردا    كۆرۈمىز  ، راس  ئوخشايدۇ  دەپ  ئىشىنىمىز  ،  ئامىرىكىنىڭ  كۆزى  ئالايمىسا   پۈتۇن  دۇنيا  تەپ  تارتماي  ئۆز  تارىخى  قايتا  يېزىشى   مۈمكىن  ،  بىز  پەقەت  رەزىللىك  ئىچىدىن   گۈزەللىكنى   تاللاپ  ئېلىشىمىز   كېرەك    ،  دۇنيا  ئىختىسادىنىڭ  گۈللىنىشى  ، رايۇنلار  ئارا  مۇقىملىق  -تەڭپۇڭلۇق    ، مىللەتلەرنىڭ  مەۋجۇت  بولۇپ  تۇرىشى   ، تېرۇرلۇق  ، يادرۇ   كېڭەيمىچىلىگى  ......قاتارلىقلار   ،  ئامىرىكىدەك  بىر '' مويسىپىتنىڭ  '' ياكى  بىر '' لۆكچەكنىڭ '' بولۇشى  بىلەن  زىچ  مۇناسۋەتلىك  ، ب  د  ت   نىڭ   قەت  كۆتۈرۈپ  تۇرىشى  [   ب د ت  ئومۇمى  چىقىمىنىڭ  70  -  80 %   نى  ئامىرىكا  ، %5  جوڭگۇ  ،  % 10 روسىيە   تەمىنلەيدۇ  ]  ھەم  قوللىشى  ئامىرىكا  ھۆكۈمىتى   ئۈچۈن   ئاسانغا  توختىمايدۇ  ، مەنپەت  ئۈچۈن  كۈرەش  قىلىش   بۇ  ئىنسانلارنىڭ  تەبىىتى   ،  بولۇپمۇ  ئامىرىكىدەك  ئۆز  خەلقىنىڭ  مەمپەتى  ئۈچۈن  كۈرەش  قىلىش  روھى ....
      دۆلىتىمىز  جوڭگۇچە  ئالاھىدىلىككە  ئىگە  سوتسىيالىستىك   دۆلەت  ،  دۇنيا  ئىشلىرى  ئۈچۈن  ، دۇنيا  تەرەقىياتى  ئۈچۈن   تېگىشلىك  توھپىلەرنى  قوشۇپ  كېلىۋاتىدۇ  ،كەلگۈسىمىز  پارلاق .......  
دۈشمۈنۈمگە  قالسا  قالسۇن  ،  دوسقا   مۇقتاج    قىلمىغىن ......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12698
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-09-15
ئاخىرقى: 2012-09-15
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-15 01:46

بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مۇبادە دۇنيادا ئامېرىكا دىگەن دۆلەت مەۋجۇت بولمىسا قانداق بولار دەپ؟
پۇتبول دەپلا سوقىدۇ يۈرىكىم....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12461
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-11
ئاخىرقى: 2012-10-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-16 19:04

ئەڭ ياخشسى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ بۇل سنىڭ قىلالايدغان ئشىڭ شۇ .
hudayim bar himim yuk
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5863
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 794
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە794دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 8472 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-24
ئاخىرقى: 2012-10-11
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-17 17:14

مۇشۇككە ئۇيۇن چاشقانغا قىيىن.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 781
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە781دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 8071 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-10-17
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-04 13:21

3-قەۋەت (fatih204) نىڭ يازمىسىغا

تىللىغاننىچۇ؟  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12853
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-10-07
ئاخىرقى: 2012-10-24
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-07 18:48

ئەڭ ياخشىسى   خەۋەر ئىچىدە ياشىماڭ .......