باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1166 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەۋلاد تەربىيلەش توغرىسىدا(ھەمزە)(2)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 18:39

ئەۋلاد تەربىيلەش توغرىسىدا(ھەمزە)(2)

                           
              


بېشى ئالدىنقى تىمىدا...

 5- ئەقىقىسىنى بېرىش:

    بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بىر قوي ئۆلتۈرۈپ (بالا ئوغۇل بولسا ئىككىنى ئۆلتۈرۈش ئەۋزەل) گۆشىنى ئائىلە-تاۋابىئات ۋە يېقىن-يورۇقلار يىغىلىپ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ يېيىشى ۋە پېقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىشى سۈننەت. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بالىنىڭ ئىسمىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا قويۇلىدۇ يەنى ئىسمىنىڭ نېمىلىكى مۇشۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى بۇغۇزلىنىدۇ، ئىسمى قويۇلىدۇ ۋە بېشى چۈشۈرۈلىدۇ» دېگەنلىكى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ئەقىقىسىنى بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[13].

    6- چېچىنى چۈشۈرۈش:
       
    شۇ كۈنى يەنى يەتتىنچى كۈنى بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ چېچىنىڭ مىقدارىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش سەدىقە قىلىش ياخشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر تۇغۇلغان بالىنىڭ ياخشى يېتىلىشى ئۇنىڭ ئەقىقىسىگە باغلىق. بۇ ئەقىقە بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بۇغۇزلىنىدۇ، بېشى چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئىسمى قويۇلىدۇ» دېگەنلىكى ۋە نەۋرىسى ھەسەن ئۈچۈن ئەقىقە بۇغۇزلىغاندىن كېيىن: «ئى فاتىمە! ئۇنىڭ بېشىنى چۈشۈرگىن ۋە چاچنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدىغان كۈمۈشنى مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلغىن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[14]. 

    7- خەتنە قىلىش:

    بۇ، ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنى قىسمەن كېسىش ياكى كەستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئىش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىشلار: خەتنە قىلىش، سۈننەت قىلىش (ئەۋرەتنىڭ تۈكلىرىنى تازىلاش)، بۇرۇت قىرقىش، تىرناق ئېلىش ۋە قولتۇق ئاستىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇشتىن ئىبارەت»[15].

    8- مېھىر-شەپقەت بىلەن بېقىش:
    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننى سۆيگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئەقرە ئىبن ھابىس ئولتۇراتتى. ئەقرە: «مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى سۆيگەن ئەمەسمەن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ قويغاندىن كېيىن: «مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ تەئالا مېھرىبان بولمايدۇ»، دېدى[16]. 

    9- ئەقىل تېپىشقا باشلىغاندىن تارتىپ قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىشقا تىرىشىش، نەتىجىدە ئۇنى تەجۋىد قائىدىلىرى بويىچە قۇرئان ئوقۇيالايدىغان قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»[17].

    10- يەتتە يېشىدا ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىش ۋە ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، مەسچىت-جامەلەرگە ۋە ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىغا بىللە ئاپىرىش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

    «ئائىلەڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن»[18]. دېمەك نامازنى ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇشى يەتمەيدۇ، بالا-چاقىلىرىمىزنىمۇ نامازنى ئوقۇشقا بۇيرۇشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار»[19]. دېگەن سۆزى بۇ ئىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    ھەزرىتى لوقمان بۇ توغرىدا بالىسىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە يامانلىقتىن توسقىن»[20]. بۇ ئايەتكە ئاساسەن بالىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇش، بالا ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسا كۇپايىلىنىپ تۇرماسلىق، بەلكىدە ئۇنىڭغا ئىبادەتتە ۋە ياخشى ئىشلاردا ئاكتىپ بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ ئۆگتىش لازىم.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈنىدىغانلار، بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلغۇچىلاردۇر»[21]. بالا-چاقىغا ئىلىم ئۆگىتىش ۋە ئىلىملىك بولۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىش ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

    11- يەنە يەتتە يېشىدا روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، زولۇققا ئويغۇتۇپ داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ زولۇق يېگۈزۈش، كۈندۈزى كۈچى يەتكەن يەرگىچە روزا تۇتقۇزۇش، ئەگەر پۈتۈن بىر كۈن روزا تۇتۇشقا كۈچى يېتىدىغانلىقى بايقالسا كۈن بۇيى روزا تۇتۇشقا زورلاش. چۈنكى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى. بۇ، بالاغەتكە يەتكەن ھەر مۇسۇلمانغا پەرز. بالىنىڭ بۇ پەرزنى بالاغەتكە يەتكەندە ئۇبدان ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن بالاغەتكە يېتىشتىن ئىلگىرى ئادەتلىنىشى ياخشى. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا بۇ پەرزنى ئادا قىلىشقا كۆندىرىشى كېرەك.

    12- ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۆي ئىچىدە ۋە سىرتتا ياخشى ئۈلگە بولۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچى، ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە. ئىككىنچى، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم. ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالا»[22]. بالىنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھېسابلىنىدىغان ئاتا-ئانىلىرى يامان تەسىر بەرمەسلىكى لازىم.

    13- ئۆيگە كىرگەندە ئىشىكنى چېكىپ رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىن كىرىشىنى، كىرىپلا ئۆيدىكىلەرگە سالام قىلىشنى ئۆگىتىش ۋە بۇ توغرىدا بالىغا ئۈلگە بولۇش[23].ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

    «ئى مۇئمىنلار! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە، ئۆي ئىگىسىدىن ئىجازەت سورىماستىن ۋە ئۇلارغا سالام بەرمەستىن كىرمەڭلار. بۇ، سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. نەسىھەت ئاڭلىغايسىلەر»[24]،

    «ئى مۇئمىنلار! قۇل ۋە چۆرىلىرىڭلار، بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار، يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن شۇ ئۈچ ۋاقىتتا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن كىيىمىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن. بۇ ۋاقىتلار ئەۋرەت يەرلىرىڭلارنىڭ ئېچىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ۋاقىتلاردۇر. لېكىن بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، ئۇلارغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ-چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[25].

    «بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەن چاغلىرىدا بولسا، يېنىڭلارغا ھەر قېتىم كىرىشىدە چوڭلار ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[26]. 

    14- ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە مەكتەپكە بېرىش، ئوقۇش لازىمەتلىرىنى تولۇق قىلىپ بېرىش. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپتە نازىل بولغان ئايىتى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 247- ئايىتى، زۇمەر سۈرىسىنىڭ 9- ئايىتى، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 7- ئايىتى، نىسا سۈرىسىنىڭ 162- ئايىتى، ئەنكەبۇت سۈرىسىنىڭ 49- ئايىتى، سەبەئ سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتى، فاتىر سۈرىسىنىڭ 28- ئايىتى، مۇجادەلە سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەر ئىلىمنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئالىملارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەر-ئايال بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرز»[27] دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشى، ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنى تولۇق قىلىپ بېرىشى، قىسقىسى بالىلىرىنىڭ ئىلىملىك، ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشى لازىم






داۋامى بار...


تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان
[ oglanتەرىپىدىن2010-08-20 19:39قايتا تەھرىرلەندى ]