باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1410 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەۋلاد تەربىيلەش توغرىسىدا(ھ)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-19 17:40

ئەۋلاد تەربىيلەش توغرىسىدا(ھ)

                                                  
     

مەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىكى قېرىندىشىمىز ئەبۇلفاتىھ نىڭ ئىسلامدىكى ئەۋلاد تەربىيلەش دىگەن يازمىسىنى ھەر قايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمەن.

دۇئالىرىڭلاردا تىما ئىگىسىنى ۋە مىنى ياد ئىتىپ قويغايسىلەر.

                                           كىرىش سۆز

                                    بىسمىللاھىر راھمانىر رەھىم

    مۆھتەرەم مۇئمىنلار! ئاللاھ تەئالا بىزگە: «ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»[1] دېيىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ۋە بالا-چاقىلىرىمىزنى دوزاختىن ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ. ئۆزۈمىزنى دوزاختىن ساقلاش ئۈچۈن دۇنيادىكى چېغىمىزدا ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنىشىمىز، بالا-چاقىمىزنى دوزاختىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۇبدان بېقىشىمىز، ياخشى تەربىيىلىشىمىز، قىسقىسى ئۇلار توغرىسىدا زىممىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز لازىم.

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقارقى ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

    «ھەممىڭلار مەسئۇلسىلەر ۋە ھەممىڭلار ئۆز مەسئۇللۇقىڭلاردىن جاۋاپكار. باشلىقمۇ مەسئۇلدۇر؛ ئۇ ئۆز مەسئۇللىقىدىن جاۋاپكار. ئەر كىشىمۇ مەسئۇلدۇر؛ ئۇ ئۆز مەسئۇللىقىدىن جاۋاپكار.  ئايال كىشىمۇ مەسئۇلدۇر؛ ئۇ ئۆز مەسئۇللىقىدىن جاۋاپكار.  خىزمەتچىمۇ مەسئۇلدۇر؛ ئۇ ئۆز مەسئۇللىقىدىن جاۋاپكار.  دېمەك، ھەممىڭلار مەسئۇل بولۇپ ئۆز مەسئۇللۇقىڭلاردىن جاۋابكارسىلەر»[2].

    دىنىمىز ھەر بىر مۇئمىنغا ھالىغا يارىشا بىر مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ. ئىنساننىڭ مۇئمىن ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى، قولىدىن كېلىشىچە ئۇنى ئادا قىلىشى شەرت. ئەكسى تەقدىردە مۇئمىنلىق دەۋاسى قىلىش بىر نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى، بىلىدىغانلارنىڭ بۇنىڭغا ياردەم قىلىشى كېرەك.

    مۇئمىنلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەردىن بىرى ئۆز ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشتۇر. ئەۋلادلىرىنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيىلىمىگەن ئاتا-ئانىلار بۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەردىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئۆگىنىشى، شۇنداقلا ئۇنى ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. بۇ يازمىدا مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بو ھەقتە بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىدۇ.

    تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى:

    تەربىيە سۆزى «ر ب و» سۆز تومۇرىدىن ئېلىنغان ئۆتۈملۈك مەنىدەدۇر.

    قۇرئان كەرىمدە، «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن 17 دانە سۆز بار[3]. ئايەتلەردە ئۇ سۆزلەرگە كۆپمەك، ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق، يېتىلمەك ۋە ئۆرلىمەك دېگەن سۆزلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن مەنا بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆتۈملۈك مەسدەر بولغان تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى كۆپتۈرمەك، ئۆستۈرمەك، زىيادە قىلماق، چوڭايتماق، يېتىلدۈرمەك ۋە ئۆرلەتمەك دېگەن شەكىلدە بولىدۇ. لۇغەت كىتابلىرىدىمۇ تەربىيە سۆزىگە بۇ خىل مەنالار بېرىلىدۇ[4].

    تەربىيە سۆزىنىڭ ئىستىلاھ مەنىسى:

    مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەردە بالا تەربىيىلەش بالىنى جىسمانىي، ئەقلىي، روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن كامىل بىر ئىنسان قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى ئىپادىلەيدۇ[5]. تەربىيە سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ

   

 ئەۋلاد تەربىيىلەش:
   
    1- تۇغۇلغان ھامان قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇش:

    ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مال-دۇنيالار ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر»[6].
        بۇ ئايەتكە ئاساسەن بالا ئاللاھنىڭ بىر ئىنئامىدۇر. ئۇ بەزى چاغلاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستى، بەزى چاغلاردا ياردەمچىسى ۋە بەزى چاغلاردا دۇئاچىسىدۇر. بالا تۇغۇلغان ھامان قۇلىقىغا ئەزان-تەكبىر ئوقۇش، بالىنى ئاتا قىلغان زاتقا شۈكۈر ئېيتقانلىق ھەمدە بالىغا تۇنجى قېتىم ئىسلامنىڭ شۇئارىنى ۋە ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى ئاڭلاتقانلىق بولىدۇ. ئەبى رافىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن تۇغۇلغاندا قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇغىنىنى كۆردۈم»[7].
   
    2- ئېغىزلاندۇرۇش ۋە بەرىكەت تىلەش:

    بۇنىڭ مەنىسى بالىنى تازىلاپ ئاغزىغا بىرىنچى قېتىم يېمەكلىك سالماق (خورما سالسا تېخىمۇ ياخشى) دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: خورما ياكى باشقا بىر يېمەكلىك ناھايىتى يۇمشاق چاينىلىپ بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىنىدۇ، ئاندىن ناھايىتى مۇلايىم بىر شەكىلدە بالىنىڭ ئاغزى ئوڭ-سولغا ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان نەرسە گېلىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىشنى تەقۋادار، سالىھ بىر كىشىنىڭ قىلىشى ئەۋزەل. بالىنى ئېغىزلاندۇرغان كىشى ئۇنىڭغا ئاللاھتىن بەرىكەت تىلەيدۇ.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىغا يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىلارنى ئېغىزلاندۇرۇپ ئۇلارغا بەرىكەت تىلەيتتى»[8]. ئەبۇ مۇسا ئىسىملىك بىر ساھابە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بىر ئوغلۇم تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغلۇمغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويدى، ئاندىن ئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلىدى»[9].

    3- ئېمىتىش:   
    بالىنىڭ ئانىسىنى ئېمىش ھەققى بار. ئېنىكئانىلارغا ئېمىتىشكىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ بالىنىڭ تۇغۇلۇپ بىر مۇددەت ئانىسىنى ياكى ئېنىكئانىسىنى ئېمىش ھەققى بار. ئەگەر بالىنى تالاق قىلىنغان ئانىسى ئېمىتسە، بۇ ئانىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى ۋە كىيىم-كېچىكىنى بالىنىڭ دادىسى بېرىشى كېرەك. ئەگەر دادا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ۋارىسلىرى بېرىدۇ. ئەگەر دادا بالىنى بىر ئېنىكئانىغا ئېمىتمەكچى بولسا، ئېنىكئانىنىڭ ھەققىنى (دېيىشكەن بويىچە ئېمىتىش ھەققىنى) تولۇق بېرىشى كېرەك. بۇ ئىشنى سۈت پاراشوكى ياكى ھايۋان سۈتى بىلەن «بېجىرگەنلەر» بالىنىڭ ئېمىش ھەققىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ[10].

    بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئېمىش بالىنىڭ ھەققى، ئېمىتىش ئاتا-ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئاتا-ئانىنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ بالىغا قىلغان بىر ئىلتىپات ئەمەس. ئۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئەمىرنى ئادا قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بالا چوڭ بولغاندا «بۇنى قىلساڭ بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس، شۇنى قىلمىساڭ باققىنىمغا رازى ئەمەس» دېگەن گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى كونترول قىلىۋېلىشى ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ. بەزى ئاڭسىز ئاتا-ئانىلار قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقان بالىلىرىغا شۇنداق گەپلەرنى دېگەن تەقدىردە، بۇ گەپنىڭ بالىغا ھېچبىر زىيىنى يوق. چۈنكى بالا ئۆز ۋاقتىدا ئۆز ھەققىدىن پايدىلانغان، ئاتا-ئانىسى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان.   

    4- ياخشى ئىسىم قويۇش:

    ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا ياخشى ئىسىم قويۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىسملىرى بىلەن چاقىرىلىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن چىرايلىق ئىسىم قويۇڭلار»[11] بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەردە ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى ئاللاھ تەئالانىڭ بىرەر ئىسىم-سۈپىتىنىڭ بېشىغا ئابدۇ (بەندە) قوشۇپ قويۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىسى ياخشى بولمىغان ئىسىملەرنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا ئىسىم تاللىغاندا ئىسىمنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىسىم قويۇش بالىنىڭ ئەقىقىسىنى بەرگەن كۈنى (تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى) ئائىلە-تاۋابىئات ۋە يېقىن-يورۇقلارنىڭ ئىچىدە بۇ بالىنىڭ ئىسمى مۇنداق بولسۇن دەپ بىر ئىسىمنى ئېلان قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئەزان-تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. يۇقاردا بايان قىلىنغاندەك ئەزان-تەكبىر بالا تۇغۇلغان چاغنىڭ ئۆزىدە، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن يەرگە چۈشكەن ھامان ئوقۇلىدۇ[12].


داۋامى بار...


تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان
[ oglanتەرىپىدىن2010-08-19 18:41قايتا تەھرىرلەندى ]