مەن بۇ ئىنكاسىمنى پەقەت تېما مەزمۇنىغا قاراتتىم چىغلىق ئەپەندىگە قاراتمىدىم.
مەن مۇشۇنداق دائىم مىللەتتىن ئاغرىنىشنى ياقتۇرمايمەن، ئەلۋەتتە خاتالىقنى تۈزىتىش مۇھىم.
مۇنبەرلەردە مۇشۇ مەزمۇندىكى تېمىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.بولسا بىز ئۇيغۇر قىز-ئاياللار ئاشۇنداق ئەتلەس كۆڭلەكنى كىيىپ چىرايلىق دۇپپىلارنى كىيىپ يۈرسەك ياخشى بولاتتى، لېكىن ھازىر كىيىم-كېچەك ئومۇمى جەھەتىن ئورتاقلىشىپ كەتتى، نۇرغۇن مىللەتلەر چوڭ-چوڭ مەرىكىلىرىدىلا ئۆزىنىڭ خاس مىللى كىيىمىنى كىيىشىدىكەن، ھازىر بىزنىڭ خەتمە توي نىكاھ تويلىرىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئەتلەس كۆڭلەك، چىرايلىق دوپپا كىيىپ مەرىكە ئۆتكىزىدىغان ئىشلار خېلى كۆپ بۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى سۈيۈندۈرىدۇ.
مېنىڭچە بىز كەچكىچە باشقىلاردىنلا ئاغرىنىپ ئولتۇرماي، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئونۋېرسال ساپايىمىزنى ئۆستۈرسەك بىلىم جەھەتتىن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرالىساق باشقىلار تەبىيلا بىزگە قول قويىدۇ، بۇ دىگىنىم مىللىي كىيىمەڭنى كەيمىسەڭمۇ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە ئەتلەس كۆينەك كىيىپمۇ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ئەتلەس كۆڭلەكنىمۇ كىيىش كېرەك، سىپتا ئىشلەنگەن زامانىۋى كىيىملەرمۇ سەت ئەمەس..... مۇھىمى ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرەيلى....
ھەپتە ئالدىدا تېلىۋىزوردا جاھاندىكى ئىشلار مەخسۇس پىروگىراممىسىدا، چۈشەندۈرگۈچى رىياسەتچىنىڭ<ياپونىيىدە بىر قىسىم ياشانغانلار يوقاپ كەتتى> دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ نىمە دەيدىغاندۇ دەپ مەزمۇنغا قۇلاق سالسام ياشانغانلار دۆلىتى دەپ ئاتىلدىغان ياپونيىدە نەچچە كۈن ئىچىدە 25 ياشانغان كىشى يوقاپ كېتىپتۇ، ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەن بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەرنى ئاخبارات ئورۇنلىرى زىيارەت قىلىمىز دەپ بارسا ئائىلە ئەزالىرى قوشۇلماپتۇ ئۇدا بىرنەچچە كۈن بېرىپمۇ زىيارەت قىلالماپتۇ، 113 ياشلىق بىر كىشىنى زىيارەت قىلىمىز دەپ ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئاخبارات ۋاستىلىرى شۇ كىشىنىڭ خوشنا-خۇلۇملىرىدىن سۈرۈشتە قىلسا ئۇنداق ئادەمنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ، ئەسلىدە ئۇ ئادەم 30 يىل بۇرۇنلا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، ئائىلە ئەزالىرى شۇ كىشىلەر نامىدىكى قېرىغاندا بېقىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈنلا شۇنداق 30 يىل يالغان سۆزلەپ يۈرۈپتۇ، پىروگىرامما رىياسەتچىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە ئاخبارات ۋاستىلىرى نەچچە كۈن ئىچىدىلا 25 ياشانغان كىشىنىڭ ئاشۇنۇڭغا ئوخشاش يوقاپ كەتكەنلىگىنى بايقىغانلىغىنى ئېيتتى......
بۇ بايان تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، يېزىپ قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، چۈنكى ياپونلارنى چوڭ بىلىمىز يۇقارقى باياندىن بىز ئاشۇنداق چوڭ بىلىدىغان مىللەتتىمۇ يالغانچىلىق ئىللەتلىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىگى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ....دىمەكچى نوخسانسىز مىللەت يوق.
ئۈگۈنەيلى! تىرىشايلى! ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرەيلى!!!