ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
ئىلقۇت بلوگى بىر مەزگىللىك دەم ئېلىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئىز تورىنىڭ تېخنىكىنىڭ يېقىندىن قوللاپ ياردەمدە بولىشى بىلەن ئاخىرى ھەر ھالدا داڭلىق بلوگ سېستىمىسى بولغان WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىقىيەتلىك يۆتكىۋالدىم.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىز تورىنىڭ تېخنىكىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە ئالدىراش بولىشىغا قارىماي ۋاقىت ئاجرىتىپ بلوگىمنى WordPress سېستىمىسى نەشىرىگە كۆچۈرۈپ بەردى.
ھازىر بلوگ ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋاپىقىيەتلىك كۆچۈرۈلۈپ بولغان بولسىمۇ لېكىن بەزىبىر كىچىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى ئىنىق، بىز داۋاملىق ھالدا بلوگنى تەڭشەپ ئەڭ نورمال، ئەڭ كۆركەم ھالەتكە ئەكىلىپ تورداشلارغا يېڭىچە تۇيغۇ بېرىشكە تىرىشىمىز.
بۇ قېتىمقى بلوگ ئۇسلۇبى يۈكسەل بلوگى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالدى، ئەسلىدە باشقا ئۇسلۇب تاللارمەن دەپ تورنى شۇنچە ئاقتۇرۇپ ئاران بىر يارىغان ئۇسلۇب مۇشۇ ئىكەن دەپ تاللىسام كىيىن بۇ ئۇسلۇبنى يەرلىكلەشتۈرۈپ بولغاندا قارىسام يۈكسەل بلوگى بىلەن ئوخشاش بىر ئۇسلۇب بولۇپ چىقتى. ئۆزۈم ئۇسلۇب تەييارلىيالمىغاچقا بۇنى ئىز تورىنىڭ تېخنىكى ئالاھىدە ۋاقىت سەرپ قىلىپ يەرلىكلەشتۈرۈپ تەڭشەپ بەرگەن ئىدى، شۇڭا ھازىرچە قايتا ئۇنى ئاۋارە قىلىپ باشقا ئۇسلۇپ ئىزدەشكە پۇرسەت بولمىدى. لېكىن ئۇسلۇب يۈكسەل بلوگى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ لېكىن، مەزمۇن ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىلقۇت بلوگىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى:
ئىلقۇت بلوگى 2009-يىلى بلوگباس سۇپىسىدىن http://ilqut.blogbus.com ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى بىلەن بىر قەدەر سېستىمىلىق ھالدا(كەمىنە ئىلگىرى باشقا تور نامىدا دەۋر بلوگىنى يازغاندىن كىيىن، بىر مەزگىل يېزىپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىلقۇت بلوگىغا ئالماشتۇرغان) بلوگ يېزىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەدبىركار يەرلىكلەشتۈرۈپ تارقاتقان دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق بلوگ سېستىمىسى بولغان PJblog دا بىر مەزگىل تەرەققىي قىلدى. لېكىن يېقىندا بلوگىمىزنىڭ PJblog نەشىرىدە ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈپ بلوگ بىر مەزگىل ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلگەندىن كىيىن، يەنىلا بلوگباس سۇپىسىغا قايتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولساممۇ لېكىن بلوگباس سۇپىسىدا يېقىندىن بېرى دائىم نورمال ئېچىلماسلىق، دائىم بەتنى تاپالماسلىق مەسىلىلىرى بىر قەدەر ئاۋۇپ كەتتى، يەنە كېلىپ بلوگبار سېستىمىسى ھازىر ئىنكاسقا چەك قويغان بولغاچقا بلوگنى زىيارەت قىلغۇچىلار نورمال ئىنكاس قالدۇرالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەچكە بۇ قېتىم يېڭىچە تۇيغۇ بىلەن دۇنيا دەرىجىلىك بلوگ سېستىمىسى WordPress قا كۆچتۈق. تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئىلقوت بلوگىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىلقۇت بلوگى بۇنىڭدىن كىيىن يەنىلا ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ چىققان ماتىرىياللارنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە كەمىنە ي.م.ئىلقۇتنىڭ يېڭى ماقالىلىرى ۋە كەسپىي مەزمۇنلار ئېلان قىلىنىدۇ.
بلوگىمىزنىڭ زىيارەت ئادرىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، يەنىلا ئەسلىدىكى ئادرىسى :