باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2903 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىسامكام چايخانىدا..
دوستلىشىش
شاۋقۇن0999
رەسىم ئارقىلىق دۇنيا قارىشىمنى ئىپادىلەيمەن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10209
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 460 %
مۇنبەر پۇلى: 1345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-05
ئاخىرقى: 2012-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 12:16

ھىسامكام چايخانىدا..




 





ھېسام قۇربان 1930–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1940–يىلىدىن 1944–يىلىغىچە شەھەر ئىچى بەيتۇللا مەدرىسىدە ئوقۇغان. كېيىنچە ئائىلە قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانغا قەدەر ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1951–يىلىدىن 1961–يىلىغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك ۋە غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1961–يىلى غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇ تۇرپانيۈزى، گەمە قاتارلىق يېزىلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1966–يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، تاكى 1980–يىلىغىچە ئىشتىن سىرت سەنئەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى داۋاملىق نامايەن قىلغان. 1980–يىلى 9–ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق 3–نۆۋەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مەركەزدىن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئەھلىگە ماھارەت كۆرسىتىپ، زور ئالقىشقا ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ خىزمىتى ئەمەلىيلىشىپ غۇلجا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چاقچاقچىلىق ماھارىتىنى كەڭ نامايەن قىلىدىغان ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرىدىغان ئىمكانىيەت، زېمىن ھازىرلانغان.
ھېسامنىڭ ئاتىسى قۇربان ۋە چوڭ دادىسى ئىسمايىللار ئۆز دەۋردىكى يۇرت–جامائەت ئىچىدە تەسىرى بار ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىلىرى ئىدى. قۇربان ئاكا ئوغلى ھېسامنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە مەشرەپ–ئولتۇرۇشلارغا ئېلىپ باراتتى. بۇ مەشرەپ سورۇنلىرىنىڭ مەنىۋى مۇھىتى ناھايىتى ساپ، سورۇن ئەخلاقى ئۈلگىلىك ئىدى. ئۇ يەردە ئادەملەرنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۇرىدىغان ۋە ئىنسان دىلىنى ساپلاشتۇرىدىغان نۇرغۇن قىزىقچىلىقلار، ئويۇنلار ۋە ساغلام، گۈزەل چاقچاقلار بولاتتى، مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ھېسام ئالدى بىلەن دادىسى ۋە چوڭ دادىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاقچاق قىلىشنىڭ ۋە يۇمۇرلۇق، ساغلام، كۈچلۈك ھەجىۋىي تۈسكە ئىگە چاقچاقلارنى ئەپلىك قۇراشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. جەمئىيەتتە بولسا شۇ دەۋردە ئالقىش ۋە ئېتىراپقا ئىگە بولغان، يۇقىرىدا بىز ناملىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئاتاقلىق چاقچاق ئۇستىلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن سورۇنلاردا بىللە بولۇپ ھەم ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېتىشتۇرگەن چاقچاقچىلىق ماھارەت، تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ چاقچاقچىلىق ماھارىتى بارا–بارا پىشىپ يېتىلىپ، كامالەتكە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قىزىقىش، دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشىغا، مۇھاكىمە، تەتقىق قىلىشىغا، نەشر ئەپكارلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولدى.
[ بۇ يازمىنىشاۋقۇن0999 2012-05-02 13:03قايتا تەھرىرل ]
دوستلىشىش
turmux.net
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11489
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 3390 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-29
ئاخىرقى: 2012-09-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 14:38

ھايات نەسىردىن ئەپەندى ھىسام قۇربان ئاكا قايسى چايخانىدىكەن شۇنداق قىلىپ... ما تىمىمۇ چاخچاق ئىكەن ھە ؟!