باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 368 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاددى ئادەم
دوستلىشىش
turmux.net
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11489
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 350 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-29
ئاخىرقى: 2012-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 16:15

ئاددى ئادەم

ماردىكا ( ئامېرىكا )

بىر موماي يېڭىلا ياغقان قارنى دەسسەپ ئاستا كېتىۋاتاتتى. شەھەرنىڭ ئاۋات بۇ كوچىسىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمايتتى. سەل دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ پۇتىدا ئاياغ كىيىم يوقلۇقىنى، قارنى يالاڭئاياغ دەسسەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى. موماي كونىرىغان چاپىنىنىڭ ئالدىنى ئەتمەكچى بولاتتى، ئەمما چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرى تولۇق ئەمەس ئىدى.

ئۇ ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كېلىپ توختىدى. بېكەتتە سومكا كۆتۈرۈۋالغان مۆتىۋەر سۈپەت بىرەيلەنمۇ ئاپتۇبۇس ساقلاۋاتاتتى. ئۇ موماينىڭ ئۈستىبىشىغا قاراپ ئاللىنېمىلەرنى ئويلىدىمۇ قانداق، مومايدىن يىراقراق تۇردى.

ئاپتۇبۇس كېلىۋېدى، موماي ناھايتى تەستە چىقىپ شوپۇرنىڭ ئارقىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ – يان ئولتۇرغان ئەر مومايدىن بىزار بولغاندەك قاراپ قوياتتى.

ئاپتۇبۇستىكى بىر بالا ئاپىسىغا موماينى كۆرسىتىپ :

_ ئاپا، ئاۋۇ موماينىڭ پۇتىدا ئاياغ يوققۇ، _ دېدى. ئوڭايسىزلانغان ئانا ئوغلىنى نوقۇغىنىچە :

_ ئاندېرو، باشقىلارغا قول شىلتىش ئەدەپسىزلىك، _ دېدى ۋە سىرتقا قاراپ ئولتۇرىۋەردى.

_ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بالىلىرى بار بولغىيتى، ئۇ بالىلار ئانىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرسە ئۇيالماسمۇ ؟ _ دېدى ئاپتۇبۇستىكى خۇرۇم پەلتو كىيۋالغان ئايال. چۈنكى ئۇ ئانىسىنىڭ ھالىدىن ناھايتى ئوبدان خەۋەر ئالاتتى.

_ بىز تاپشۇرغان باج مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمامدىغاندۇ ؟ _ دېدى بىر قۇچاق سوۋغاتلىق ئېلىۋالغان ئايال.

_ ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ پۇلىنى تېجىشى كېرەك، _ دەپ لوقما سالدى بىر ئىستۇدېنت، _ ئۇ ياشلىقىدا بانكىغا پۇل ئامانەت قويغان بولسا ئىدى، بۇنچە ئېغىر كۈنگە قالماس ئىدى، بۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقى.

بۇ گەپتىن ئەتراپتىكىلەر مەمنۇن بولغاندەك باش لىڭىشتىشتى. ئەمما سودىگەر سۈپەت بىرەيلەن ئاپتۇبۇستىكىلەرنىڭ مومايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن نارازى بولدى بولغاي، يانچۇقىدىن 20 دوللار پۇلنى چىقىرىپ موماينىڭ قورۇق باسقان تىتىرەڭگۈ قولىغا تۇتقۇزغىنىچە :

_ خانىم، بۇنىڭغا ئاياغ ئېلىۋالارسىز، _ دېدى. موماي بىشىنى لىڭشىتىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى. سودىگەر ئۆز ئىشىدىن مەمنۇن بولدى.

بىر تەقۋادار ئايال بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇ ئىچىدە تىلاۋەت قىلىپ ” پەرۋەردىگارىم، مەندە پۇل يوق، ئۇ مومايغا ياردەم قىلالمايمەن. ئەمما ماڭا شۇ نەرسە ئايانكى، سەن تولىمۇ مېھرىبان، سەن ھەممىگە قادىر، مېھىر – شەپقىتىڭنىڭ نۇرى مۇشۇ مومايغا چۈشتى، ئاسماندىن ئاياغ چۈشۈرۈپ بەردىڭ، موماي مەۋلۇت بايرىمىدا يېڭى ئاياغ كېيەلەيدىغان بولدى… ” دېدى ۋە ئۆزىنى بەك ئالىيجاناپ ھېس قىلدى.

ئاپتۇبۇس يەنە بىر بېكەتكە كەلگەندە بىر يىگىت ئاپتۇبۇسقا چىقتى. ئۇ قۇلىقىغا نائۇشنىك سېلىۋالغان بولۇپ، بەدىنىنى مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ تولغايتتى. ئۇ موماينىڭ ئاياغ كىيىمسىز پۇتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، كۆزى موماينىڭ پۇتىدىن ئۆزىنىڭ پۇتىغا يۆتكەلدى. ئۇ يېڭى، قىممەت پۇللۇق مودا تەنھەرىكەت ئاياغ كىيىمى كىيۋالغاندى، يىگىت ئېڭىشىپ ئايىغىنى يەشتى – دە، موماينىڭ ئالدىغا كېلىپ يۈكۈندى :

_ خانىم، سىزگە ئايىغىمنى كىيگۈزۈپ قوياي.

يىگىت موماينىڭ تارشىدەك قېتىپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پايپىقى بىلەن ئايىغىنى كىيگۈزۈپ قويدى. موماي قايتا – قايتا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئاپتۇبۇس يەنە بىر بېكەتكە كەلگەندە يىگىت ئاپتۇبۇستىن چۈشتى – دە، قاردا يالاڭئاياغ مېڭىشقا باشلىدى. يولۇچىلار دېرىزىدىن سىرتقا قارىغىنىچە مۇنازىرىگە چۈشتى :

_ ئۇ كىمدۇ ؟

_ ئۇ چوقۇم بېشارەتچى.

_ ئۇ چوقۇم خاسىيەتلىك ئادەم.

_ ئۇ چوقۇم پەرىشتە.

_ ئۇ چوقۇم تەڭرىنىڭ ئوغلى.

_ ئۇنداق ئەمەس ئاپا، مەن ئېنىق كۆردۈم، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئادەتتىكى ئادەم، _ دېدى ھېلىقى بالا.

( ئابلىز ئۆمەر تەرجىمىسى )

يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : http://www.turmux.net/?p=1484
دوستلىشىش
نارات
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 346
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە346دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3525 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 20:50

ئۇلۇق ئىشلار ئەتىراپىمىزدا كۈپ رەخمەت ياخشىتېما يوللاپسىز