باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2133 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جەننەتنىڭ ۋە دۇزاقنىڭ قانداقلىقنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟
i love islam
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 376
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە376دانە
ئۆسۈش: 4050 %
مۇنبەر پۇلى: 6716 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2012-05-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 14:40

جەننەتنىڭ ۋە دۇزاقنىڭ قانداقلىقنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۆۋەندىكى قۇرئان كەرىمدىكى جەننەت -دۇزاققا ئالاقىدار ئايەتلەرىنى ئۇقۇپ مۇلاھىزە قىلىپ بىقڭ؟

قۇرئاندىكى جەننەت توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئايەتلەر.....
(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۈرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ.(سۈرە بەقەرە25- ئايەت)

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز.(57) (سۈرە نىسا 57-ئايەت)

اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بويۇنلىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.(23) ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ.(50)
(سۈرە ھەج 23-50-ئايەتلەر)

تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .(15) (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت)

اﷲ مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) اﷲ نىڭ رازىلىقى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر.(72) اﷲ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر.(89) (سۈرە تەۋبە 72-89-ئايەتلەر)

تەقۋادارلارغا(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار)  ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر.(35) (سۈرە رەئىد 35-ئايەت)

ئەنە شۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار)  ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەختلەر بىلەن قاپلانغان) تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي(31) (سۈرە كەھف 31-ئايەت)

ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن-ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك-ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ .(62) (سۈرە مەريەم 62-ئايەت)

ئەگەر سىلەر اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇ نېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى» .(29) (سۈرە ئەھزاپ 29-ئايەت)

ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.(33) (سۈرە فاتىر 33-ئايەتلەر)

ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.(56) ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ.(57) (سۈرە-ياسىن 56-57-ئايەتلەر)

ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ.(51) (سۈرە ساد 51-ئايەت)

(ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال-خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).(70) ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر.(71) سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.(72) جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.(73)(سۈرە زۇخرۇف 70-71-72-73- ئايەتلەر)

ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ.(55)ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، اﷲ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ.(56) (سۈرە دۇخان 55-56-ئايەتلەر)

شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.(سۈرە قەمەر 54-ئايەت)پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار.(46) ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار.(48) ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار.(50) ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار.(52) ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (تۇرغان، ئولتۇرغان، ياتقان ئادەممۇ ئۈزەلەيدىغان دەرىجىدە) يېقىندۇر.(54) ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار.(56) ئۇ ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك ئىككى جەننەت بار.(62) ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.(64) ئۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ چىقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار.(66) ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار.(68) ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق خوتۇنلار بار.(70) ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۈرلەردۇر.(72) (سۈرە رەھمان 46-48-50-52-54-56-62-64-66-68-70-72-ئايەتلەر)

ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ.(13) جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ.(14) ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن (يەنى جامدىكى مەي بىلەن) سۇغىرىلىدۇ.(17) جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار.(18) . (سۈرە ئىنسان 13-14-17-18-ئايەتلەر)

ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ.(سۈرە نەبە 35-ئايەت)

ياخشىلار نېمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ.(22) ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (اﷲ نىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېمەتلىرىگە) قارايدۇ.(23) تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ.(28)
(سۈرە مۇتەففىفىن 22-23-28-ئايەتلەر)

ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ اﷲ دىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ.(بەيينە سۈرىسى 8 ئايەت)


ئەمدى قۇرئان كەرىمدىكى دۇزاق تۇغرىسىدىكى ئايەتلەرنى ئۇقۇپ مۇلاھىزە قىلايىلى..
.شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(سۈرە نىسا 56-ئايەت)

ئاندىن ئەڭ تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز .(سۈرە مەريەم 72-ئايەت)

ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ(كاپىرلارنىڭ) بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ . (سۈرە غافىر 71 - ئايەت)

(دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ. (سۈرە دۇخان 47 - ئايەت)

(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار اﷲ نىڭ دىنى ئۈستىدە بەس - مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر اﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار اﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ (سۈرە ھەج 19 - ئايەت)

ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!(51). چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر(52). ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر(53). ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر(54).
(ۋاقىئە سۈرىسى 51-52-53-54-ئايەتلەر)

ئۇنىڭ(كاپىرنىڭ) ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ. (ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورىشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(سۈرە ئىبراھىم 16-17-ئايەتلەر)

اﷲ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. (سۈرە تەۋبە 68 - ئايەت)

دوزاختا ئۇلارنىڭ(كاپىرلارنىڭ) ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز (سۈرە ئەئراف 41 - ئايەت)


مەنبە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى-تاللاپ رەتلەپ يوللىغۇچى مەن .
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(omer) اللە تېما يو ..
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1609
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1609دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 16867 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-22
    ئاخىرقى: 2012-05-10
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 18:56

    ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، ئەھمىيەتلىك تېمىڭىز ئۈچۈن اللە كۆپ ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن ، اميىن !
    مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەت ماكانى بولغان جەننەتنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ ، لىكىن جەننەتكە كىرىشنىڭ تەييارلىغىنى قىلىدىغانلار ..........  .              
    ياراتقۇچىنىڭ ئاسىيلارنى جازالايدىغان ماكانى -----دەۋزەختىن قورقىدىغانلار شۇنچە كۆپ ،لىكىن.  دەۋزەختىن ساقلىنىش ئۈچۈن نەپسىدىن غالىب كىلىدىغانلار ........................ .
    ئى  رەببىم ، نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ ، قىيامەت كۈنى زىيان تارتقۇچىلار قاتارىدىن ، دەۋزەخ ئەھلى قاتارىدىن  بوپ قېلىشتىن  ساقلىغايلا ، ھەقىقىي بويسۇنغۇچىلار قاتارىدا ياشاپ جەننەت ئەھلىلىرىدىن بۇلۇشقا نىسىپ قىلغايلا، اميىن !!!!!!!!!!
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(omer) اللە دېگىنىڭ ..
  • اللا