باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2600 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىد ئەت ۋە ئۇنىڭ تۇرلىرى
دوستلىشىش
خالىد007
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11339
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 70 %
مۇنبەر پۇلى: 330 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-30
ئاخىرقى: 2012-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 22:49

بىد ئەت ۋە ئۇنىڭ تۇرلىرى

بىد ئەت ۋە ئۇنىڭ تۇرلىرى
 
ئاللاھ سۇبەھەنە ۋەتەئەلا، بەشە رىيەتنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقا ندىن تارتىپ، تائاخىرقى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام دەۋرىگىچە ئۆزىنىڭ ياراتقان مەخلۇقلىرى بولمىش، ئىنسانلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيغەمبەرلەرنى دائىم ئەلچى قىلىپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەڭ بۇيۇك نىئمىتىنى يەنى ۋەھىنى نازىل قىلىپ، شۇ دەۋىردىن تارتىپ بەشەرىيەتنىڭ قايسى بىر سائادەت يۇلى بولسا ئۇنىڭغا يوللىغان ۋە ھىنى نازىل قىلدى. قايسى بىر زەرەرلىك نەرسە بولسا ئاگاھلاندۇردى. بۇنىڭدا پەيغەمبەرلەر بىرەر-بىر ئۆزىگە يۇكلەنگەن ۋەزىپىدە خىيانەت دىگەن نەرسىنى ھەم ئەسلا قىلىشمىدى.ئۇلار شۇ ئاللاھ سۇبەھەنە ۋەتە ئەلا ،تەرىپىدىن بولغان ۋەھىنى يەتكۈزۈشتە، مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورۇقمىدى. ھەرقانداق مالى دۆۋلەت بىلەن ئالدىنىشمىدى. ھەرقانداق ئازاپ ئۇقۇبەت بىلەن ئالدىنىشمىدى. شۇ ئاللاھ، تەرىپىدىن بولغان ۋەھىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە بىرەر بىر لەھزە،شەك-شۈبھە قىلىشمىدى. شۇ ۋەھىنى يەتكۇزۇشلۇك ئۇلارنىڭ، بىردىن-بىر ئاساسى ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىلەر، بۇ ۋەھىنى يەتكۇزۇشتە، تەكرار ئېيتىمىز بىرەر خەلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىشمىدى. مانا شۇ پەيغەمبەرلەر بىرەر-بىر مالى دۆۋلەت مىراس قۇيۇپ كەتمىدى.ياكى بىر كاتتا قەسىرلەر مىراس قىلىپ قۇيۇپ كەتمىدى. ياكى سىر ئەۋلات بۇلۇپ پەرزەنتلىرىم سىللەرگە، مانا بۇ يول كۆرسىتىدىغان دەپ ئەۋلاتلىرى بىلەن پەخىرلەنمىدى. بىرەر-بىر دۇنيا كىمسەلەرى پەخىرلىنىدىغان، بىر نەرسە بىلەن پەخىرلىنىشمىدى. ۋە شۇنەرسىنى قۇيۇپ كەتكەنلىكىنى، خەلىققە ئىلان قىلمىدى. ئەمما دائىم، ئاللاھ سۈبھەنە ۋەتە ئەلا، تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىنى مىراس قىلىپ قۇيۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرنىڭ ئۈممەتلىرىنى ئاگاھلاندۇردىلەر، رىسالەت بەشەرىيەتنىڭ گوياكى تۇغۇلغان دەۋرى ئىجتىمائى گۈدەكلىك باسقۇچىدىن، كامالەت باسقۇچىغا يەتتى.بۇ كامالەت باسقۇچىغا يەتكەن دەۋىر رەسۇلۇللاھساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋىرلىرى بولدى. شۇ دەۋىردە ئەمدى بەشەرىيەت كامالەت يېشىغا يەتكەندىن كىيىن، ئاللاھ سۈبھەنە ۋەتە ئەلا، كامىل دىننى چۇشۇردى.دىننى كامىل قىلدى. ئۇ ئەۋۋەلقى دىنلارنىڭ ئەسلىگە قۇشۇمچە بولغىنى يوق، يەنى تارماقلىرىغا بولغان قۇشۇمچە بىلەن ئەۋۋەلقى چۇشۇرۇلگەن دىننى ناقىس دەپ ئېيتىشىمىز، توغرا بولمىسا كېرەك، بەلكى ئادەملەر نۇقسانلىرىگە مۇۋاپىقلاشتۇرغان، دەپ چۇشۇنۇشىمىز كېرەك .ئەمدى ئادەملەرنىڭ نۇقسانلىرى كۆتۇرۇلگەندىن كىيىن كامىل مەنھەج كەلدى ئاللاھ سۈبھەنە ۋەتە ئەلا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەت ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمىنى ئىۋەتتى. ۋە ئۆزىنىڭ كالامىدە، [ بۇگۇن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۇتۇن قىلدىم، سىلەرگە نىئمىتىمنى تاماملىدىم ،ئىسلام دىننى سىلەرگە دىنىڭلار بۇلۇشقا تاللىدىم].سۇرە مائىدە 3-ئايەت
  ،دەپ ئۆزىنىڭ كالامىدا بايان قىلدى. دىمەك مۆمىنلەرنىڭ ئتقادى مۇھەممەت ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ 23 يىللىق رىسالەت دەۋرىدىن بەركامال بولدى. بىرەر-بىر نۇقسان قالمىدى. بەلكى تامامى كامىل سۈرەتتە دىن شەكىللەندى. رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، بۇ ئايەت نازىل بولغاندا ساھابىلەرنىڭ مانا دانالىرىدىن ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىغلىدىلەر، چۇنكى باشقىلار، بۇچالنى نىمە يىغلاتتىكىن؟ دىننىڭ كامىللىغىدىن  خەۋەر كەلسە بۇ چال يىغلاۋاتىدۇغۇ؟، دىگنلەردە ئۇ كىشى بۇ رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن دېرەك بېرىدۇ ، ئۇكىشى دىننىڭ كامىل بۇلىشىغا پەيغەمبەر بولغانلەر، بۇ ئۇكىشىنىڭ ئۆزۋەزىپىسىنى ئۇرۇنداپ بولغانلىقىغا ئىشارە، ئەمدى بۇ رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ فىراقلىق دەۋرى كەلگەنلىكىنى بۇلدۇرۋاتىدۇ، دەپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى بىر چۇشەنگەنلىكىنى بۇلدۇر دىلەر .
ئەگەر بىر كىشى دىنغا بىر نەرسىنى قۇ شىۋەتكەن بولسا، شۇ ئادەمنىڭ دىندىن بىر نەرسىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەنلىكىدىن پەرقى يوقتۇر بۇرادەرلەر، ياخشى نىيەت بىلەن بىرنەرسە قۇشۇۋەتكەن ئادەمنىڭ دىندىن بىر نەرسە ئېلىپ تاشلىۋەتكەنلىكىدىن پەرقى يوق. ئەلبەتتە نىيىتىنىڭ ياخشىلىغى بىلەن ئېيتىۋاتىمىز، نىيتىنىڭ يامانلىغى بىلەن بىر نەرسە قوشقان ئادەم ئۇ كاپىر بۇلۇدۇ. شۇنۇڭ ئۇچۇن بىز ھازىرقى دەۋرىمىزدە بىز شۇ بىدئەت توغرىسىدا  بىر توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمىز، سۆزىمىزنىڭ ماۋزۇسى بىد ئەت، بىد ئەت نىمە؟
بىد ئەتنىڭ لوغەتتىكى مەنىسى، بۇرۇن ئىلگىرى ئۆتمىگەن نەرسىنى ئىختىرا قىلىش دىگەنلىك. بۇ لوغەۋى مەنىسى يەنى ئىلگىرى بولمىغان نەرسىنى ئىختىرا قىلدى. دىگەنلىك. دىمەك لوغەۋى مەنىسىدە بىد ئەتنڭ  ئىخترا مەنىسى بار، ئىستىلاھى مەنىسى بولسا دىندا بولمىغان نەرسىنى دىن دەپ ئېلىپ كىلشلىك ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن كىتابى سۇننەتتە تابىن بولمىغان نەرسىلەر،ساھابىلەر كىتابى سۇننەتنى ئەڭ توغرا چۇشەنگۇچى زاتلەر.تابىنلەر كىتابى سۇننەتنى چۇشەنگۇچى زاتلەر، شۇلار تەرىپىدىن كىتابى سۇننەتتىن،بىرەر-بىر مىسال ئېلىپ كىلىشمگەن نەرسىنى ئىختىرا قىلىش،شۇنى ساۋاپ بۇلۇدۇ،  دەپ ياخشى نىيەت بىلەن ئىختىرا قىلىشنى بىد ئەت دەيمىز .
بىدئەت 2 قىسىم بۇلۇدۇ. يەنى ئىختىرا قىلىش، ئادەتلەردە ئختىرا قىلىش، ۋە ئىبادەتلەردە   ئىختىرا قىلىش، ئادەتلەردە ئختىراقىلىش مۇباھ نەرسىدۇر،بىرەربىر ئادەتتە دىن دەپ ئەمەس بىر ئادەتى نەرسىنى ئىختىرا قىلىش بۇ مۇمكىن بولغان نەرسىدۇر. ئەمما دىندا ئىختىرا   قىلىش. بۇ ھارامدۇر  چۇنكى دىن،ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىىنىڭ سۆزىگە باغلىق مەسىلىدۇر رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېلىپ كەلگەن يول بولمىغانلىقى ئۇچۇن بۇ نەرسىنى بىد ئەت دەيمىز.
بۇنۇڭدىكى ئاساس، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: [كىمكى ئسلام دىندا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇنەرسە قۇبۇل قىلىنمايدۇ ] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە : [كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق بىر ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇرەت قىلىنىدۇ ]،دىيىلگەن .
ئەۋۋەلقى ھەدىس شەرىف  مۇتتەپەقۇن ئەلەي كىيىنكى رىۋايەتلەردە كەلتۇرۇلگىنى . ئىمام مۇسلىمنىڭ جامى سەھىلەردە كەلتۇرۇلگەن ، دىندىكى بىد ئەت بۇ ھەم  ئككى تۇرلۇك بۇلۇدۇ . بەزىلىرى ئتقاتقا تەئەللۇق بولغان بىد ئەتلەر، مەسىلەن ، مۆئتەزىلەر .رافىزلەر ۋە جۇھەممىييە تائىپلىرىنىڭ، ئتقاتتا ئېلىپ كىرگەن پىكىرلىرى ، بۇلار ھەممىسى بىد ئەتتۇر، خۇللەس 72فىرقە تەرىپىدىن ئىتقادى تەرەپتىن  ئېلىپ كىرىلگەن سۆزلەر ، ھەممىسى بىد ئەتتۇر . بۇ دىندىكى ئختىرادۇر ،  ئاللاھ رەسۇلى تەرىپىدىن بىزگە بۇنداق ئتقاتلار كەلمىگەن . ئككىنچىسى، ئىبادەتلەردىكى بىد ئەت ، ئاللاھ رەسۇلى تەرىپىدىن تۇزۇلمىگەن بىر ئىبادەتنى ئىختىرا قىلقشلىق ، بۇ بىر بىد ئەتتۇر بۇرادەرلەر .بىرىنچى تۇرى يەنى ئبادەتنىڭ ئەسلى ، بىرىنچى تۇرى بايا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك ئتقادى مەسىلىگە تەئەللۇق بولغان مەسىلە ، شەرىئەتتە ئاساسى بولمىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلىش مەسىلەن: بىرىنچىسىدە ئېيتتۇق ، تۇپتىن ئۆزى دىندا يوق بولغان نەرسىنى پەيدا قىلىش ، ئەۋۋەلقى تۇرىنى ھەم ئككى قىسىمغا بۈلىمىز ، يەنى بەزى نەرسىلەردە بىد ئەتلەرنىڭ دىندا ئاساسى بولمايدۇ ، يەنى ئاللاھ رەسۇلى تەرىپىدىن بۇنى ئېيتمىغان ، ئىنسان تەرىپىدىن تۇقۇلغان خالاس ، بەزى بىد ئەتنىڭ تۇرلىرى باركى ئەسلى بار ، ئۇنۇڭغا قۇشۇپ قۇيۇلغان ، مانا بۇ بىد ئەتنىڭ ئككى تۇرىنى بىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن :مەشرو بولمىغان نامازنى پەيدا قىلىش. ياكى ئەسلى مەشرو بولمىغان روزىنى پەيدا قىلىش، ياكى شەرىئەتتە مەشرو بولمىغان بىر ھېيىت، بايرامنى ، پەيدا قىلىش . مانا بۇ بىد ئەتنىڭ ئىسلامدا ئەسلى مۇتلەق بولمىغان بىر بىد ئەتتۇر. بەش ۋاخ ناماز:، تاھارەت قىلغىنىمىزدا ، ئىككى رەكەت ناماز ئۇقۇش ، مەسچىتكە كىرگەندە ئىككى رەكەت ناماز ئۇقۇش، ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش، بۇ شۇنۇڭغا ئوخشاش ئەمەللەر باركى بۇ شەرىئەتتە ئاساسى بار .شۇنداق ئاساسى بار ئەمەللەرنى قۇيۇپ ئۆزىچە باشقا نامازنى پەيدا قىلىش بۇ بىد ئەتتۇر . چۇنكى دىندا ئەسلى يوقتۇر . ئككىنچى تۈرى بولسا ئەۋۋەلقى ھېيتقا توختۇلۇپ ئۈتەيلى.ئسلامدا مەشروبولغان (يولغا قۇيۇلغان)ھېيىت، ھېيت رامىزان، ھېيت قۇربان ۋە ھەر ھەپتىدە جۈمە ھېيتى. مۆمىن ئادەمنىڭ يۇقۇردا ئېيتىلغان ھېيتلىرى بار. بۇنۇڭدىن باشقا ھېيتنى تەشكىل قىلىش، شەرىئەتتە يوق. بىرەر بىر ساھابىلەر قىلغان ئەمەس،تابىنلارمۇ قىلمىغان،  بۇ دىندا ئەسلى يوق بىد ئەتكە كىرىدۇ. ئىككىنچى تۈرى بولسا شەرئى ئىبادەتتە بار مەسىلەن؛ تۆت رەكەت ناماز ئۇقۇش، شام نامىزنى ئۇچ رەكەت ئۇقۇش ۋاھاكىزا بىزدە مەشرو بولغان ئىبادەت بار ، كىمكى بۇئىبادەتنى ياخشى نىيەت بىلەن تۆت رەكەتنى مەن بىر ئالتە رەكەت ئۇقۇي، ياكى بەش رەكەت قىلىپ ئۇقۇي دىگەندەك.بۇ بىد ئەتنىڭ ئىككىنچى تۈرىدۇر. ياخشى نىيەت بىلەنھەر رەكەتكە شۇنچە ساۋاپ تۇرسا مەن شۇنەرسىنى بەش قېتىم قىلسام ماڭا ساۋاپ كۈپۇيىدۇ دەپ قىلش، بىر بىد ئەتتۇر. بۇ نەرسىنى بىدئەت دىيىشلىكنى ھەممە كىشى ياخشى بىلىدۇ.لىكىن بەزى ئەمەللەر باركى قۇشۇلغىنى سىلىغراق شەكىلدە بۇلۇدۇدە، بۇنىڭ بىدئەتلىكىنى ئېيتسا ھەم قۇبۇل قىلماستىن، ،بۇ نىمە ئۇچۇن بىد ئەت بۇلۇدۇ .ساۋاپ بۇلىۋىردۇ، دەيدۇ . مەسىلەن؛پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەتنى تەلىم بەرگەنلەردە  ھەر-بىر ئەزالىرىنى بىر مەرتە يۇيۇپ تاھارەت قىلدىلەردە، بۇ بىر تاھارەتكى ئا للاھ سۇبەھەنە ۋەتە ئەلا تاھارەتسىز ئبادەتنى قۇبۇل قىلمايدىغان تاھارەت دىدىلەر، ئىككىنچى  قېتىم ئىككى مەرتىدىن يۇدىلەردە بۇھەم تاھارەت دىدىلەر. يەنە تاھارەت قىلپ ئۈچ مەرتىدىن يۇدىلەردە، بۇمىنىڭ تاھارىتىم دىدىلەر. ئۈچ مەرتە يۇيۇشلۇق سۇننەت، شەرىئەتى ئسلام، پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن بىز گە كۆرسەتتى. شۇنداق ئۇرۇن بۇلىشى مۇمكىنكى بىر مەرتە تاھارەتكە يىتىدىغان سۇ بار، ئەگەر ئەزايىڭىزنى بىر مەرتە يۇسىڭىز سۇ يىتىدۇ، ئەمما ئۇچ مەرتىگە يەتمەيدۇ، شۇ ۋاقىتتا تىيەممۇم قىلىش مۇمكىن ئە مەس، شۇ ۋاقىتتا بىر مەرتىدىن يۇيۇپ تاھارەت قىلىنىدۇ . پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن، مانا مۇنداق ئۇرۇندا پايدىلنىشىمىز كېرەك. ئەمدى بىر كىشى، سۇ ناھايتى كۆپ جايدا تۇرۋاتىمەن دەپ تۆت مەرتە يۇسا ، بۇ بىد ئەت، شۇنداق ئېيتىدۇكى تۆت مەرتە يۇيۇپ پاكىزراق قىلىش نىيتىم باتتى دەپ،شۇ پاكىزراق قىلىش نىيتىدە بولغان شۇ ئشى بىد ئەت دىيىلدۇ. شۇنۇڭ ئۈچۇن ئۆلىمالار،بىد ئەتتىن شۇنداق ئىھتىيات بۇلۇشقانكى، تاھارەت قىلىنغان ۋاقىتتا ئىنسانغا شۈبھە بولسىكى يەنى ئككى مەرتە يۇدۇممۇ ،ئۈچ مەرتىمۇ ،دەپ شۈبھىلىنىپ قالسا ئۈچ مەرتە يۇغانغا ھۈكۇم قىلىپ يۇيۇدۇ،مەيلى ئۇ ئككى مەرتە يۇيلۇپ قالسا ھەم ،چۇنكى ئۈچ مەرتە يۇغان بولسا  يەنە بىر مەرتە يۇيۇش بىلەن تۆت مەرتە بۇلۇپ بىد ئەت بوپ قالىدۇ. دىيىشكەنلەر،ئككى مەرتە يۇسا بىد ئەت بولمايدۇ. بىد ئەتتىن شۇ دەرىجىدە ئىھتىيات قىلغان. بەزى كىشىلەر  ئېيتىشى مۇمكىنكى، ھازىرقى ۋاقىتتا بۇ  ئشلار بۇنچىلىك كېرەكسىز بولغان مەسىلە دەپ قېلىشى مۇمكىن، لىكىن مۇسۇلمان كىشى، ئۆزىنىڭ ئاللاھ رەسۇلى تەرىپىدىن بۇيرۇلغان بۇيرۇقلىرىدىكى مۇقەييەتلىكى شۇ دەرىقىدە بولغاندىلا ئاندىن ئۇ ھەقىقى مۇسۇلمان بۇلۇپ ،كەلگۇسىدە بۇنداق مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل قىلغان جەمىيەت پاكىزە جەمىيەت بۇلۇدۇ .ئۇ خالىغان نەرسىسىنى قىلىپ يۇرىدىغان جەمىيەت ئۇ پاساد جەمىيەت بۇلۇدۇ.ئۆزىنىڭ ھەربىر ھۆكمىگە مۇقەييەت بۇلۇشتىن ۋاز كەچكەن جەمىيەت .ئۇ چىرىگەن، تاختىلار ھەممىسى جەملەنگەندە مۇستەھكەم بۇلۇدۇ دىگەن، باتىل پەلسەپەدىن باشقا نەرسەئەمەس، بۆرىلەرنىڭ ھممىسى توپلانغاندا چوپانغا ئايلىنىدۇ،دىگەن پەلسەپەدن باشقا نەرسە ئەمەس. بىر بۆرە يالغۇز تۇر غاندا چوپان بولمايدۇ، لىكىن ھەممىسى توپلانغاندا چوپان بۇلۇدۇ، دىگەن پەلسەپەدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنۇڭ ئۈچۇن شەرىئەتنىڭ ھەر-بىر بۇيرىغىدا مۇقەييەت بولماقلىق كېرەك. ئەسھابلەر جىھاتتىكى مەغلۇبىيتىنى، بىر مەرتە ئۆزى ، مىسسۋاكقا بى ئھتىيات بولغانلىقتىن دەپ، ئاللاھ بىزگە زەپەر بەرمىدى دىيىشكەن.شۇدەرىجىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە مۇقەييەت بۇلۇشقان، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ئتبار بىرىشى كېرەك. ئەنە شۇلاردىن جەملەنگن جەمىيەت بۇلۇش كېرەك.
3-بىد ئەتنىڭ يەنە بىر تۇرى-ئىبادەتتە تەسچىلك، قاتتىقچىلىق، بۇ ھەم بىد ئەتتۇر،  يەنى نىھايەتتە ھەر بىر ئىبادەتنى نەفسىگە ئېغىر كىلىدىغان دەرىجىدە قىلىش ،
مەسىلەن؛ ئۆمۇر بۇيى روزا تۇتۇش، رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى قىلمىغان، ،بەلكى ئۆمۇر بۇيى روزا تۇتۇشتىن توسقان دىسەك ھەم بۇلۇدۇ. روزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى دىگەن. يەنى بىركۇن روزا تۇتۇش، بىركۈن ئفتار قىلىش، چۈنكى روزا تۇتىۋەرسە ئنسانغا ئاقەت يىيىشلك نەفسىگە مالال كىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تەربىيىسىگە زىت بۇلۇدۇ. ئۇنۇڭدىن سىرىت ئىنسان ئۆزىنىڭ جەسىدىنىڭ ھەققىنى،  ئۆتىمىگەنگە كىرىدۇ. بىزنىڭ جىسمىمىز، ،بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ھەم ئامانەت پەرزەنتلىرىمىز،ئۈچۇن ھەم ئامانەت، جىسمىمىزدا جەمىيەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىرى بار، مانا بۇ ھەقلەرنى ئۆتەش ئۈچۈن بۇ جىسمىمىزنى ئۆزىگە خاس بىر تەربىيە قىلماقلىق كېرەك. بۇتەسچىلىكنىڭ ھەممىسى، ناسارا يەھۇدىلاردىن قالغان ئۇلار ھەددىدىن ئېشىىش بىلەن زالالەتكە قالدى.ئاللاھ سۇبەھەنە ۋەتەئەلا مۆمىنلەرنى توستىكى {دىنىڭلاردا ئېشىپ كەتمەڭلا} دىدى. رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  ھەممىمىزگە مەلۇم، بىرى ئۆمۈر بۇيى روزا تۇتىمەن دىگەن ئادەمگە، بىرى كىچىلىرى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىمەن دىگەن،ئادەمگە يەنە بىرى مۇتلەق تۇرمۇش قۇرمايمەن دىگەن، ئادەملەرگە شۇنداق قاتتىق سۆز بىلەن بۇ مىنىڭ يۇلۇم ئەمەس مىنىڭ يۇلۇم تۇرمۇش ھەم قۇرۇمەن، روزا ھەم تۇتىمەن، ئفتار ھەم قىلىمەن، ۋە ھەمدە كىچىلىرى ئۇخلايمەن، مىنىڭ يۇلۇم شۇ ،مىنىڭ يۇلۇمدىن ئېشىپ كەتكەن ئادەم، مەندىن ئەمەس دىدى. شۇنۇڭ ئۇچۇن بىد ئەت كۆپراق تەسچىلىك ئارقىسىدىن كىلىدۇ بۇرادەرلەر، كۆپراق ئبادەت قىلاي دىگەن پىكىر بىلەن بىد ئەتكە كىرىپ قالىدۇ .
بەزى ۋاقىتلارنى ئىبادەتكە خاسلاپ قۇيۇش، مانا بۇ بىد ئەتنىڭ بىرتۇرى، شەرىئەتتە خاسلانمىغان ،مەسىلەن؛ شەبان كۈنىنى. شەبان رامىزان ئېيىنىڭ ئالدىدىكى ئاي، بارات كىچىسى دىيىشىدۇ، شەبان ئېيىنىڭ 15-كۇنىدە شۇكۈننىڭ كىچىسى ۋە كۈندۈزلۈك روزا ۋە ئبادەتكە خاسلاش بۇئاللاھ رەسۇلى تەرىپىدىن بىز گە خاسلانغىنى يوق بۇرادەرلەر، بىرتەرەپتىن ئالسىڭىز ئەسلى نەفلە روزا تۇتۇش ساۋاپ، كەچقۇرۇنلىقى بىدار بۇلۇپ  ئىبادەت قىلىش، ساۋاپ، لىكىن بۇلارنى بىر كۈنگە خاسلاپ تۇرۇپ قىلىش، بۇ شەرىئەتتە يوقتۇر بۇرادەرلەر. ئنسان بىدئەتكە مانا مۇشۇنداق يوللار بىلەن چۇشۇپ قالىدۇ.رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، بىد ئەتنىڭ ھەممە تۈرلىردىن قايتۇرۇپ ؛دىندا يېڭى پەيدا بولغان نەرسىلەردىن چەكلىنىڭلار، ھەربىر پەيدا قىلىنغان نەرسە بىد ئەت ھەربىر بىدئەت زالالەتتۇر ؛دىدىلە ر .ئەبۇ داۋۇت ۋە تىرمىزى رىۋايەتلىرى.
شۇنداق بىر نەرسىگە توختۇلۇپ ئۆتىشىىز كېرەككى، بىد ئەتنى بىد ئەت ھەسەنەگە ۋە ،  نسەييىئەگە بۇيرۇشلۇق بۇ خاتالىقتىن كىلىپ چىققان، دەرسىمىزنىڭ ئەۋۋىلىدە ئېيتتۇقكى، ئادەتتە پەيدا قىلىنغان نەرسىلەر، بىد ئەت دىيىلمەيدۇ بۇرادەرلەر. بەزى كىشىلەر ھەممە نەرسىنى بىد ئەت ،يېڭلىقنى بىد ئەت دىيىشىدۇ . رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەنىڭ دەۋرىدە بولمىغان دىيىشىدۇ . مەسىلەن؛ غەلۋىر ئشلىتىشنى بىدئەت . رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە غەلۋىر ئىشلىتىلمىگەن دىيىشىدۇ. بۇ كەلىمە بىد ئەت مەنىسنى مۇتلەق مەنىسنى چۈشەنمەسلىكتۇر ، بىر ئادەم غەلۋىر ئىشلىتپ ئۇننى ، تاسقاپ نان قىلىپ يىسە ساۋابى شۇنداق كۆپ بۇلۇدۇ دىمەيدۇ.تاسقىماستىن يىگەن ئادەم .دىنى سۇس ساۋابى كەم بۇلۇدۇ، دەپ ئىتقات قىلمايدۇ.ياكى تاسقىماستىن يىيىش، ساۋا بى كۆپ دەپ ئىتقات قىلمايدۇ. بۇنۇڭ دىنغا تەئەللۇقى يوق،  ئۇنۇڭ تاسقاشتىكى مەخسىتى ئۇنۇڭ پاكىزراق بۇلۇشى،  بەزى ناپاك نەرسىلەردىن تازلاش، ياكى ئۇنۇڭ ئىچىدىكى، كىپەك قىسمىنى ئېلىپ تاشلاش، بۇ ئادەتى نەرسىلەرگە تەۋە ، ئادەتى نەرسىلەر دىنغا تەئەللۇق بولمىغانلىغى ئۇچۇن، ئادەتتىكى ئختىرا قىلىنغان نەرسىلەر مۇمكىن بۇلىۋىرىدۇ .شۇنۇڭ ئۇچۇن يېڭى پەيدا قىلىنغان نەرسىلەرنى بۇلارنى بىد ئەت ھەسەنە دىيىشلىككە ئۆتكەن،بۇنى مۇتلەق بىد ئەت ئاتاش ، بۇنۇڭغا توغرا كەلمەيدۇ .ئۇنۇڭدا ھەممە نەرسە بىد ئەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ؛ھەربىر بىد ئەت زالالەتتۇر ؛دىدى. بۇ ھەقتە ؛ دۇنيا ئىشىڭلارنى ئۆزۇڭلار ياخشى بىلگۈچى؛ دىدى، رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ، بىدئەتنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدا پەيدا بۇلىشىدىن ئاگاھلاندۇردىلەر ، ئېيتتىلەركى؛ [ ئاراڭلاردا كىمكى ئۇزۇن ياشىسا كۆپ ئختىلاپلارنى كۆرۇدۇ ، سىلەر مىنڭ سۇننىتىمنى ۋە راستچىل توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۇننىتنى چىڭ تۇتۇڭلا،  بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار،ھەرقانداق بىدئەت ھەقىقەتەن ئازغۇنلۇقتۇر ]؛‹ئەبۇ داۋۇت ۋە تىرمىزى خاتىرلىگەن›؛
دىمەك سىزلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ياشىغان كىشىلەر كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرۈدۇ دىدىلەر  ۋە بىدئەتنىڭ تىز پەيدا بۇلىشىغا ئىشارە قىلدى.بىد ئەتنىڭ بەزى بىر سەۋەپلەرنىڭ بۇلۇشىنى بىلىپ، پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتتىلەركى ؛[ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رىۋايەت قىلىدۇلەركى؛ [رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم،بىر سىزىق تارتتىلەردە مانا بۇ ئاللاھنىڭ يۇلى دىدىلەر ۋە يەنە شۇ سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىگە ، كىچىك سىزىقلارنى تارتتىلەر  ۋە ئېيتتىلەركى مانا بۇ سىزىقلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۇستىدە ،شەيتان بار شەيتان شۇ يولغا چاقىرىپ تۇرۇدۇ.دەپ مۇنۇ ئايەتنى ئۇقىدى ‹‹بۇ مىنىڭ توغرا يۇلۇمدۇر ،شۇ يولدا مېڭىڭلار ،ناتوغرا يولدا ماڭماڭلار،ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يۇلىدىن ئايرىۋېتىدۇ ،(ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاقتىن )ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.››سۈرە ئەنئام 153-ئايەت .ئەھمەد،نەسەئى ،دارىمى توپلىغان .
دىندا بىدئەتنىڭ پەيدا بۇلۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەپلىرى ،دىن ھۇكۇملىرىنى بىلمەسلىكتىن بۇلۇدۇ بۇرادەلەر . پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاگاھلاندۇردىكى ، ئاللاھ سۇبھەنە ۋەتەئەلا ،ئىلىمنى ئادەملەرنىڭ  قەلبىدىن سۇغۇرۇپ تارتىۋالمايدۇ ،يەنى ئىلىمنىڭ كۈتۈرۈلىشى ئۇلۇمالارنىڭ جېنىنى ئېلىش بىلەن ئالىدۇ. ئۇلۇمالار يۇقۇلۇشقا ،باشلايدۇ .كىتابى سۈننەتنى بىلىدىغان ئۈلۈمالار كەمىيىپ ھەتتاكى ئاللاھ تائالا بىرەر بىر
ئالىمنى قويمىغاندا ئادەملەر ئۆزىگە جاھىل كىشىلەرنى پىشۋا قىلىۋالىدۇ .ئۇ جاھىل كىشىلەردىن سۇئاللار سورۇلۇدۇ . ئۇلار ئىلىمسىزلىك بىلەن پەتىۋا بىرىدۇ ، ئۆزلىرى ھەم ، ئادىشىپ باشقىلارنى ھەم ئازدۇرۇدۇ . مانا بۇ بىد ئەتنىڭ بىرىنچى پەيدا بۇلۇشىغا سەۋەپتۇر بۇرادەرلەر. بىدئەت بىلەن قارشىلىشالايدىغان نەرسە ئلىم ۋە ئۈلۈمالار دۇر . بۇ ئۈلۈمالار شۇنى ئېيتىشىمىز كېرەككى ئەمەل قىلىدىغان ياخشى ئۈلۈمالار. ئىلىم بىلەن ئەمەل قىلىدىغان، ئۈلۈمالار،  بۇلار يۇقۇلۇشى بىلەن بىد ئەتكە نىھايەتتە راۋاجلىنىدىغان بىر شارائىت ۋۇجۇتقا كىلىدۇ دە ، بىد ئەتلەر راۋاجلىنىپ كىتىدۇ .ئككىنچى سەۋەپ ھاۋايى-نەفسىگە ئەگىشىشلىك  كىتابى سۈننەتتىن . ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشكەن ئادەم ئەلبەتتە ئېزىپ كىتىۋىردۇ كىتابى سۈننەتتىن باشقىغا ئەگەشكەندىن كىيىن ئەگەر ئەقلىگە تايانغان بولسا ھەم ، شۇنداق .كىمكى بىرەر كىشىگە تايانغان بولسا ھەم ھاۋايى نەفسىگە تايانغان بۇلۇدۇ ، كىم رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۇلىنى قۇبۇل قىلمىسا ھاۋايى نەفسىگە
ئەگشكەن ئادەمدۇر. ئاللاھ بۇنى قۇرئاندا ئېيتتى ۋە ئەڭ ئازغان ئادەم شۇدۇر . ئاللاھنىڭ ھىدايتىنى قۇيۇپ ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشكەندىن باشقا ئازغان كىم؟ دىدى شۇنى ياخشى بى-لەيلىككى رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشمىسە ھاۋايى نەفسىگە   ئەگەشكەن ۋە ئادەملەرنىڭ ئچىدە ھەممىدىن بەك ئازغان ئادەم شۇ ئادەمدۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا  ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشكەن ئادەملەرنى ھاۋايى نەفسىىنى ئۆزىگە بەبۇت ،   خۇدا قىلۋالغان كىشىلەردۇر، دىدى مانا بۇ ھاۋايى نەفسىىنى ئۆزىگە مەبۇت قىلىپ سېغىنىۋاتغانلارنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟دىدى بەزى كىشىلەرگە دىسە بىز مەبۇت قىلىپ خۇدا قىلغىنىمىز يوق دەيدۇ . كىم ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشكەن بولسا ھاۋايى نەفسىىنى ئۆزىگە ئىلاھ ، قىلۋالغان ئادەم دىدى. قايسى بىر ئادەم ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشكەن بولسا، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ سۇزىنى قۇيۇپ ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشكەن بۇلۇدۇ ، بۇ ئادەمىڭ قۇلىقىغا ، ۋە قەلبىگە، ھەق كىرمەيدۇ. ھەقنى تەپەككۇر قىلىشتىن مەھرۇم بۇلۇدۇ . ئاللاھ ئۇنى ھاۋاسىگە ، ئەگەشكەنلىك سەۋە بى بىلەن ئۇنىڭ قۇلىغىنى، قەلبىنى مۆھۈرلەپ ، كۆزىگە جاھالەت پەردىسىنى تارتىپ قويغاندىن كىيىن ، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلىدۇ؟
شۇنۇڭ ئۈچۈن ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشكەن ئادەم بىلەن مۇنازىر قىلىش ئۇ جىدەلدىن باشقىنى پەيدا قىلمايدۇ بۇرادەرلەر. ئاۋۋال كىتابى سۈننەتكە ئەگىشىمەن دىگەننى دەۋا قىلالىشى كېرەك. ئەگەر كىتابى سۈننەتتىن ھەق چىقسىلا مەن ئەگىشىمەن ، دىگەندىلا ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىر قىلىپ ئۇنى ھەققە باشلىساق بۇلۇدۇ .بولمىسا ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى كۆزىنى قۇلىقىنى مۆھۈرلەپ قويغاندا ھەق كىرمەيدۇ بۇرادەرلەر .
3-سى ئۆزىنىڭ رەئىلىرىگە تارتىش ؛ بەزى بىر كىشىلەرگە تارتىش ، ھەمدە ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدە كاتتا بۇلۇۋالغان شۇنداق كىشىلەر باركى ئۇلار ئۆز رەئىدىن باشقا نەرسىگەئەگەشمەيدۇ . ئاللاھ سۈبەھەنە ۋەتە ئەلا بۇلارنى ئۆزىنىڭ كالامىدە خۇسۇسەن ، ئاتىلىرمىز بىلمىگەنمۇ ، دىگەنلەرنى مالامەت قىلدى . مازاق قىلدى . ئاللاھ چۇشۇرگەن يولغا -  ئەگىشىڭلار دىسە ياق بىز دادىلىرىمىز قىلىپ كەلگەن ئىشنى قىلىمىز ، دىيىشىدۇ . مانا –بۇ بىد ئەتنىڭ پەيدا بۇلۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەپلىرى .ھېچكىم ئۆزىنىڭ دادىسىنى خاتا قىلغان دەپ ئېيتالمايدۇ ، ھەتتا بۇنى بىد ئەتكارلار ياخشى بىلىدۇ دە ، توختا سەن داداڭنى ئازغان دەمسەن دەيدۇ ، بۇنۇڭدا بۇ مۇنازىرنى بۇيەرگە ئېلىپ كىرمەسلىك كېرەك. ئالدى بىلەن بىز ،ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى نىمىگە بۇيرىغانلىقىنى بىلىۋالايلى . دادىمىزنىڭنىڭ ئازغانلىقىنى ئاندىن ھەل قىلايلى . بولمىسا دادىڭىز ئازغان بۇلىشى كېرەك ، ياكى نەئۇزى بىللا ،ئاللاھ رەسۇلىنى ئازغان دىيىش كېرەك . بۇيەردىكى بۇمەسىلە قاتتىق بۇرادەرلەر ، شۇنۇڭ ئۇچۇن ئاللاھ رەسۇلى تەرىپىدىن بىرەر ھۇكۇم كەلگەندە ، بىز باشقىلارنىڭ ئازغان ئازمىغانلىقىنى قۇيايلى، ئا للاھ رەسۇلى تەرىپىدىن بىرەر ھۇكۇم كەلگەندە قۇبۇل قىلايلى دە ئۆتكەن ئەجداتلىرىمىز  ئەگەر خاتالاشقان بولسا ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن دەپ دۇئا قىلايلى .
4-بىدئەتنىڭ پەيدا بۇلىشى؛ كاپىرلارغا ئۆزىنى ئوخشۇتۇش بىلەن  پەيدا بۇلىدۇ .بۇ ئەڭ ، خەتەرلىك يولدۇر ، ئەبۇ ۋاقىدىن لەيسى رىۋايەت قىلىدۇكى  {پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ-ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن ھۈنەيىنگە چىقتۇق بىزنىڭ يېڭى مۇسۇلمان بولغان ۋاقىتلىرىمىز ئىدى مۇشرىكلارنىڭ بىر دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار شۇيەرگە كلىپ ئولتۇرۇپ ، ئاندىن  قۇرال ئەسلىھەلىرىنى شۇيەرگە ئېسىپ قۇياتتى . بۇزاتۇ ئەنۋان دىيىلەتتى. بىز ھەم بىر سىدرە دەرىخىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۇقتە ، شۇچاغدا يا رەسۇلۇللا ، بىزگە ھەم شۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بېرىپ مەخسۇ س ئولتۇرىدىغان . ھەم قۇراللىرىنى ئېسىپ قۇيىدىغان بىزگە ھەم زاتۇ ئەنۋان قىلىپ بىرىڭ دىيىشتى. شۇچاغدا پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھۇ  ئەكبەر دىدى. بۇ ئەۋۋەلقىلارنىڭ يۇلى،  روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەنقە سەم قىلىمەنكى بۇ سۆز بەنى ئىسرا ئىلنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئيتقان سۆزنىڭ ئەينى ئۆزى .بەنىى ئسرائىل مۇسا ئەلەيھىسسالامغا خۇددى سىلەر كۇفۇر دەرياسىدىن ، سالامەت چىقتىڭلار . ئسلام نىجاتلىقىغا ئۆتتىڭلار . بەنى ئسرائىل ھەم نىلنىڭ بالاسىدىن شۇنداق چىقىشقان ئىدى . سالامەت چىقىپ ئاللاھنىڭ نىئمىتىنى كۆرگەندىن كىيىن بوزەككە ئبادەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ، بىزگە ھەم  بۇلارنىڭ مەبۇتىغا ئوخشايدىغان مەبۇت قىلىپ بىرىڭ دىيىشتى . ئەنە شۇ سۆزنىڭ ئۆزى شۇ دىدى }.ئمام تىرمىزى رىۋايەتلىرى .
مانا بۇ سۆزدە ئۇلار بىرمەبۇت قىلىپ بىرىڭ بىز شۇ يەرگە سەجدە قىلىدىىغان بولسۇن .دىيىشمىگەن ئىدى . كاپىرلارنىڭ سەيلىگاھىغا ئوخشىغان بىر جاي بار ئىدى.بىزگە ھەم شۇنداق مەخسۇس جاي قىلىپ بىرىڭ؟دەپ تەلەپ قىلىشقان ئىدى . بەزى  بىر  كىشىلەرگە، بۇ  نەرسىلەر  ئىسلامدا  يوق، بۇ  نەرسىلەر  سېغىنىش ، بۇ  شىرىك دىسە  بىز سېغىنىپتىمىزمۇ؟، بۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ ئىلاھ دەپتىمىزمۇ؟، دىيشىدۇ.مەسلەن؛ ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىغا مال سۈيۈش  بولمايدۇ  دىسە ، مەن  ئاللاھنىڭ نامىدىن  باشقىغا مال  سۈيۈپ  ئىبادەت  قىپتىمە نمۇ ؟  دەيدۇ .  ئىبادەتنىڭ  مەناسى  نىمە؟  ئىبادەت-  ساۋاپ  بۇلىدىغان  نەرسىنى ئىبادەت  دەيمىز. بۇقوينى سويۇشتىن بىرەر بىر ساۋاپنى . ئۈمۈت قىلامسىز دىسە ، ساۋاپ ئۈمۈت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن بۇنىڭ بىلەن مەن جەننەتنىڭ خالىغان دەرۋازىسىدىن كىرىشنى ئۈمۈت قىلىمەن دەيدۇ . شۇنچىلىك كاتتا، بۇندىن كىيىن گۇناھىم بار دەپ . ئويلىسام ھەم گۇناھكار بۇلىمەن ، دەيدىغان دەرىجىدە دەۋا قىلىدۇ . پەيغەمبىرمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ، ۋەسسەللەم ؛سىلەر ئەۋۋەلقىلارنىڭ يۇلىغا ئەگشىسلەر ھەتتا ئاياق كىيىمىنىڭ بىرىنچى پېيى ئىككىنچى پېيىغا توغرا كەلگەندەك .سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارمۇ بەنى ئسرائىل، ئازغان تائىپىلەر نىڭ يۇلىغا ئوخشاپ كىتەر، دىدى . نەئۇزىبىللا  ھەتتا ھەدىسنىڭ ساراھەت . ئىبارىسى شۇ بولغانكى باشقا رىۋايەتلەردە .  ئۆزىنىڭ ئەڭ يامان گۇناھلارنى قىلغا ن مىللەتلەردە تېپىلغان بولسا سىزلەردە ھەم تېپىلىدۇ دىدىلەر .شۇنىڭ ئۈچۇن بىزگە ، كۆپ كىشىلەر نىمە ئۈچۈن باشقىلار بىراۋنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى قىلىشىدىيۇ ، بىزدىكى ، ئۇلۇغ ساھابىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىلش يوق ؟دەيدۇ .بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىلىمىز دەپ .دەررۇ بىر نەرسىنى پەيدا قىلىۋالىمىز . ۋە بۇنى،   ئبادەت تۈسىگە كىرگۈزۈپ ، كىشىلەرگە ئىلان قىلىمىز ، مانا بۇ نەرسە بىد ئەتنىڭ پەيدا ، بۇلۇشنىڭ سەۋەپلىرىدۇر بۇرادەرلەر. باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى، بىز ھەم ئۆزىمىزگە خاس باشقىچىراق ئىسلامى شەكىلدە دەپ،  يەنى ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەبىرى بۇيىچە ئېيتقاندا   ئىسلامى شەكىلدە قىلىمىز دەيدۇ. ئۇلار  مەس قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى قاتار قىلىپ قويغان بولسا بىز ھالال نەرسىلەرنى قۇيۇپ تۇرپ قىلىمىز دەيدۇ . مانا بۇنەرسە نەتىجىدە بىر بىد ئەت پەيدا بۇلۇدۇ . مانا بۇھەم نىيەت ئارقىلىق پەيدا بولغان بىد ئەت ، خەتەرلىك يولدۇر . كافىرلارغا ئۆزىنى ئوخشۇتۇش ئارقىسىدا بۇلۇدۇ . ئەگەر ھەربىر كىشىنىڭ تۇغۇلغان ، كۈنى  ئۇلۇغ كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسا ، مەھەللىسىنىڭ ئۇلۇغى ، شەھەرنىڭ ئۇلۇغى ، ھەر ئۇلۇغلار كۆپۈيۈپ كىتىدۇ دە ، 360 كۈن يەتمەي قالىدۇ . بۇرادەرلەر .
شۇنىڭ بىلەن ئادەملەرنىڭ ھاياتى تۇغۇلغان كۈننى قىلىشقا سەرىپ بۇلۇپ كىتىدۇ. جەمىيەت ،مەناسىز بىر جەمىيەتكە ئايلىنىدۇ . بىراۋنىڭ ئون ياشقا كىرگەنلىكى، ياكى  يىگىرمە ياشقا كىرگەنلىكى، ئوتتۇز  ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسى ھاياتىنىڭ ھېچ بىر مەنىسى قالمايدۇ . ئەنە شۇ رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇھاببەت ئىزھار قىلىش ياكى ساھابىلەرگە مۇھاببەت ئىزھار قىلىشلىق  . ئۇ ئۆمرىدە يىمىگەن نەرسىلەرنى، قويلارنى زىياپەت قىلىشلىق بىلەن  كاتتا نەرسىلەرنى تەييار قىلىش بىلەن مۇھاببەت ئىزھار قىلماقچى بولمىسۇن ، ھەقىقى مۇھاببەت قىلىمەن دىگەن كىشىلەرگە . ئاللاھ سۇبەھەنە ۋەتە ئەلا  { (ئى مۇھممەت!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى ، ئەگەر سىلەر ،  ئاللاھنى دوس تۇتساڭلار ، ماڭا ئەگىشىڭلاركى ، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتۇدۇ. گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.} سۈرە ئال ئىمران 31-ئايەت.
ئىمام مالىك، مانا مەدىنىدىكى ئەڭ فىقى ئۈلۈ مالاردىن .بۇكىشى رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگىشىشتە ياخشى نەمۇنە بولغان ، ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇھاببەت قىلغان ، ئۇ كىشىگە ئەگەشكەن،ھەربىر ئەمەللەرنى شۇكىشىنىڭ بۇيرۇقىغا مۇۋاپىق قىلغان ، تابىنلەر ھەم شۇنداق قىلغان ،  ئىمام مالىك  رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى رىۋايەت قىلسا رەڭلىرى ئۆزگىرىپ كىتەر ئىكەن ، ۋە تاھارەت قىلغان ھالەتتە  قىبلىگە قاراپ لىباسلىرىنى تۈزەپ خۇشخۇيلىنىپ تۇرۇپ ھەدىس ئوقۇپ بىرەر ئىكەن . پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ،   بۇھەدىسنى  ئېيتقان دەپ بىرەر كىشى ئېيتىپ قويسا ئۇكىشىنىڭ رەڭلىرى ئۆزگۈرۈپ كىتەر ئىكەن .ھەتتاكى ئىمام مالىكنىڭ ئالدىدا بىرەر ھەدىسنى رىۋايەت قىلىشتىن ھەممىلىرى ، قورۇققان ، باشقىلار ئىمام مالىكتىن سوراشتىكى، نىمىشقا بۇنداق رەڭگىڭىز ئۆزگىرىپ كىتىدۇ ، دەپ سورىغاندا ، مەن كۆرگەننى كۆرگۈنىڭدە بۇنىڭغا ئەجەپلەنمەستىڭ دىگەن . .پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناملىرىنى ئاڭلىسا ئۇكىشى  ئىڭىشىپ قالار ئىكەن . ھالەتلىرى شۇنداق بۇشىشىپ ئىڭىشىپ يىغا تۇتۇپ كىتەرئىكەن
ئۆزى شۇنداق بەستلىك كىشىلەرنى كۈلدۈرۇپ  يۈرگۈچى بۇلىشىغا قارىماستىن ، .پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناملىرىنى ئاڭلىشى بىلەن يىغا تۇتۇپ ئۆزىنى تۇتالماي قالار ئىكەن .  پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇھاببەت قىلدىم دەپ  ئۇكىشىنىڭ تۇغۇلغان  كۇنىنى قىلىشقا بولمايدۇ بۇرادەرلەر. ئسلام ئۈممىتنىڭ پىشۋالىرى . ساھابىلەر ، تابىنلەر  بىد ئەتكە نىسبەتەن قاتتىق تۇرۇشقان .
ئىمام مالىكنىڭ ئالدىغا بىر كىشى كەلدىلەردە . قايەردىن ئىھرام باغلىسام بۇلۇدۇ دىدى.
پەيغەمبىرىمىز ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەيىن قىلغان . ئىقرا قىلغان مىقاتتىن ئىھرم باغلاڭ دىدى . ئۇزاقراقتىن ئىھرام باغلىسامچۇ دىگەندە ، شۇچاغدا ئىمام مالىك مەن ، بۇنىڭغا مەسلىھەت بەرمەيمەن ، دىگەن ئىكەنلەر . بۇنى يامان ھەم كۆرمەمسىز دىگەندە   سىنىڭ ئۈستىڭدىكى فىتنىدىن قورقۇمەن دىدىلەر . بىر ياخشىلىقنى يەنى ئۇزۇنراق ئھرام باغلىسام ھەم پىتنە بۇلامدۇ؟ ، ياخشىلىغنى كۆپ قىلسام پىتنە بۇلامدۇ ؟، دىگەندە ،
ئاللاھ سۈبھەنە ۋەتەئەلانىڭ؛ رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقلىرىگە قارمۇ قارشى ئىش قىلغانلارغا فىتنە يىتىپ قېلىشتىن ئىھتىيات بۇلۇشسۇن ياكى ئۇلاغا ئازاپلىغۇچى ئازاپ يىتىدۇ . دىدلەر  ، مۇفەسسىرلەرنىڭ كۆپلىرى فىتنەنى دۇنيادا دىيىشكەن. قايسى مىللەت قايسى جامائەتتە رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرىغى.  تەرىك قىلىنغان  بولسا ئۇنىڭغا فىتنە يىتىدۇ . ياكى ئاخىرەتتە  ئازاپلىغۇچى ئازاپ  بار دىيىشكەن . بۇنىڭدىن كاتتا قايسى فىتنە باركى ، رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خاسلىمىغان ئىشنى سەن خاسلاپ قۇيۇۋاتىسەن ، يەنى باشقا يەردىن ئىھرام باغلاش ، كېرەك دەپ ئۆزۈڭچە بىر يول تۈزىۋاتىسەن دىگەن ئىكەن ، بۇنىڭدىن مۇرات بۇرادەرلەر،ئۇزۇنراق ئىھرام باغلىسا ئىھرام  ئىھرام بولمايدۇ ،دىگەنلىك ئەمەس ، ئۆزىنىڭ ھەربىر ئەمىلىنى رەسۇلۇللاھ ساللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا مۇقەييەت قىلىشقا ھەركەت قىلىش لازىم.
 
ئەللامە ئابدۇۋەلى قارىنىڭ 82 دەرسىنىڭ  28-دەرسى ئاڭلاپ يېزىلدى .
 
يازغۇچى خالىد .
 
                                                        
 
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1411
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-08-28
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-01 15:45

اللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ