ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
خىزمەتنى دەپ بايرامدا ئۈرۈمچىگە قايتالمىدىم . پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئالامەت تەسەللى بولدى . تىلپوندا ئانچە-مونچە سۆرەتكە ئېلىۋالدىم . بىر نەچچە كىرگەن توپنى سۆرەتكە ئېلىۋاتسام تىلپون كىلىپ يوق قىلدى . فىلىم يوللاپ باقماپتىكەنمەن ،مۇنبەردىن دەرسلىكنى يا تاپالمىدىم . .......
........ ئىشقىلىپ ئاخىرى يوللىدىم .
ئىلى يۇلتۇزى 1-مەيدان ئىككىنى،ھۇررا 2- مەيدان بىرنى ئۇردى . ئىلى يۇلتۇزىنىڭ 8بىلەن11-نۇمۇر ئوبدان ئوينىدى(شەخسى قاراش،ئامما\كوللىكتىپقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)، ھۇررانىڭ 7-نۇمۇرغا يەنە 1،2توپ چۈشكەن بولسا ئۇرىۋىتەمتىكىن دىگەنتىم، 75مىنوت بولغانلاردا تېرىنىر مەيداندىن چۈشىرەلىۋەدىغو(تورپانچە سۆزلەپ قوياي).
تۇرپان بارمان 5-2نەتىجە بىلەن قۇمۇل جەسۇرنى سوقىۋەتتى ، مەنمىغۇ باغداش مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى ، مۇسابىقە باشلانغاندا قۇمۇل جەسۇرنى بەك بىسىپ كىتەرمۇ دەپ ئويلىغان،لىكىن موسابىقە باشلانغاندىن كىيىن ساھىبخان ساھىبخانلىقىنى قىلدى....
مۇسابىقە جەريانىدا ھاياجانلىنىپ كېتىپ ، پېقىر ۋە تاماشىبىنلارنىڭ زۇۋانىدىن بەزى يا ئۇيغۇرچە يا خەنسوووچە ئەمەس ئەبجەش سۆزلەر چىقىپ كەتكەن بولسا مىڭ ئۆزرە ئېيتىمەن، داۋاملىق تۈزىتىش باسقۇچىدا....
بىتەرەپ ھالدا ھەممە كوماندىنىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن ھاردۇقىنىڭ تېزراق چىقىشىنى تىلەيمەن .