باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2633 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ بىرىنجى ئوقى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6585
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ئۆسۈش: 1710 %
مۇنبەر پۇلى: 1756 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-20
ئاخىرقى: 2012-09-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 18:33

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ بىرىنجى ئوقى

    گومىنداڭ نىلقا ناھىيە ساقچى ئىدارىسى خەلىقتىن ئوۋ  مىلتىقلىرىنى يېغىۋىلىش ئۇقتۇرىشى خەلىقنىڭ نارازىلىغىنى قوزغايدۇ، بولۇپمۇ ئوۋچىلىق مۇھىم بىر تۇرمۇش ۋاستىسى بولغان قازاق خەلقىنىڭ بەكەراق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.
1944-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ،ئۇقتۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ ،قولغا ئېلىنغان قازاقلاردىن ئېكبەر ۋە سېيت ناھىيە تۈرمىسىدىن ئىلگىرى -ئاخىرى بولۇپ قېچىپ چىقىپ،سىرتتىكى ئىنىسى ناۋان بىلەن ئۇچۇرشۇپ قوراللىق كۈرەش قىلىش قارارىغا  كىلىدۇ.
8-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ ئۈچى قورال ئېلىش ئۈچۈن قورغاس سوۋېت چىگىراسىدىكى ئىنتال دىگەن يەرگە بېرىپ ئۇ يەردە پاتىخ مۇسلىموف ،خەمىت،بايسۇرىن،بورى،ھۇشۇر ۋە ئوسمان قاتارلىق قاچقۇنلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ .گىربىنكو دىگەن بىر ئورۇسنى تېپىپ بىر ئاتقا بىر مىلتىق 100 ئوق تىگىششكە كېلىشىدۇ.ئەكبەر ئاكا-ئۇكىلار ئات ئالغىلى كىتىدۇ.پاتىخلار 5 كىشى شۇ جەرياندا 5 گېرمانكا،بىر مائۇزىر ،6 يەشىك ئوققا ئېرىشىپ،نىلقىنىڭ ئۇلاستاي دىگەن تېغىغا قاراپ ماڭىدۇ.ئەمما يولدا يامغۇر تۇمانغا ئۇچىراپ،گومىنداڭنىڭ قاراۋۇلچىلىرى بىلەن تۇقۇنۇشۇپ ھەممىسى تارقىلىپ كېتىدۇ.ئەكبەرلەر 10 ئات ئېلىپ بېرىپ قورالغا تېگىشىپ كېلىدۇ. سېيت بىلەن مولداجان ئىنتالغا بېرىپ 7 گېرمانكا 10 تاپانچا ،10 مىڭ دانە ئوق ئېلىپ ،بايىنچۇرىن،نۇر،ھۇشۇر ۋە ئوسمانلارنى باشلاپ ئۇلاستايغا بارىدۇ.مولداجان بىلەن ناۋان غۇلجا شەھەرىگە بېرىپ ھىمىتنى تېپىپ ئېلىپ كىلىدۇ.
9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇلاستايدىكى پاتىخ بىلەن ئەكبەر يېتەكچىلىكىدىكى  پارتىزانلار خەلىققە ئوچۇق ئاشكارە تەشۋىق قىلىشنى باشلايدۇ.
ناۋان غۇلجىغا بېرىپ ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن قېچىپ كەلگەن ئوسماننى تېپىپ ئۇلاستايغا ئېلىپ كېلىدۇ.نىلقا تاغلىرىدىن سىبابېگ، ساتقىنباي،نۇرغالى،ئىسقاقجان ،مېدېتبېگ قاتارلىقلار كېلىپ قوشىلىدۇ.
10-ئاينىڭ 8-كۈنى كىچىسى سېيت بىلەن ھىمىت ئۇلاستاي تاغ ئېغىزىدا ماناپقان دىگەن پايلاقچىنى قولغا چۈشۈرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئاغزىدىن گومىنداڭنىڭ 2-3 كۈن ئىچىدە پارتىزانلارغا 3 يولدىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ.
ئۇلار شۇ كۈنى قوماندانلىق ئىشتابىنى كۆچۈرۈپ بولۇپ ،ئۇلاستاي تاغ ئېغىزىغا پارتىزانلارنى ئورۇنلاشتۇردى.
10-ئاينىڭ 10 -كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئەتتىگەنلىك تاماقتىن سەل كىيىن رېن دۇسا  باشچىلىقىدىكى گومىنداڭنىڭ 30 ئەسكىرى ئۇلاستاي تاغ ئېغىزىغا كەلگەندە يۇشۇرنۇپ ياتقان پارتىزانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ  رېن دۇسا باشلىق بىر قانچىسى ئۆلۈپ،ئىككىسى قولغا چۈشۈپ قالغانلىرى قېچىپ كېتىدۇ.بۇ جەڭدە پارتىزانلار 13 دانە مىلتىق ۋە بىرمۇنچە ئوق غەنىمەت ئالىدۇ.مانا بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ بىرىنجى  ئوقى ھىسابلىنىدۇ.
[ بۇ يازمىنىsirik 2012-04-28 18:53قايتا تەھرىرلىدى ]