باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2403 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىھقان پەرھاتنىڭ 12مىليۇنلۇق قويى
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3138 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 11:51

دىھقان پەرھاتنىڭ 12مىليۇنلۇق قويى

           ئافغانىستاننىڭ ۋاھاڭ ساپ سورلۇق قويى يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى باھانى يېڭىلىدى!!

يېقىندا يېڭىساردا بىر ئافغانىستاننىڭ ۋاھاڭ ساپ سورتلۇق قويىغا 12 مىليونلۇق يۇقىرى باھا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ قوي تارىختىكى ئەڭ قىممەت قوي بولۇپ قالدى. ئۇنداق بولسا قانداق نەسىللىك قوي 12 مىليوندەك مۇنچىۋالا يۇقىرى باھاغا ئېرىشەلەيدۇ؟ مۇخبېر يېڭىسارنىڭ ماڭشىن يېزىسىنىڭ 3- كەنتىدە بۇ ئافغانىستان ۋاھاڭ قويىنى كۆرگەندە شۇنچىلىك ھەيران قالدى. بۇ قوي ئىنتايىن بەستلىك، بەئەينى بىر كالىغا ئوخشايىتتى. بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.7 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.4 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق ئىدى. پۇت- قولىنىڭ شۇنچىلىك جېنى بار بولۇپ، بۇنى قارچۇغىنىڭ بۇرنىدەك چىرايلىق، قۇلىقى بولسا ھەم چوڭ ھەم قېلىن، كۆزى شۇنچىلىك نۇرلۇق ھەم چوڭ ئىدى. قوينىڭ ئىگىسى پەرھات مۇنداق دەيدۇ: بۇ قوينى ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا ئالغان، ھازىر 11 ئاي بولدى. بۇ قوينىڭ سورتى ئىنتايىن ساپ بولۇپ، قۇلىقى 40 سانتېمېتردىن ئۇزۇن، كەڭلىكى 20 سانتېمېتىر، بۇنداق قوي 1- دەرىجىلىك رەڭلىك ئاق قوي ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل قوي 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا 130 كىلوگرامدىن 140 كىلوگرامغىچە سەمرىيدۇ. بۇ قوينى پەرھات ئۆتكەن يىلى 3- ئايدا ئافغانىستاندىن كىرگۈزگەن ساپ ۋاھاڭ قويى. ھازىر بۇنداق ساپ نەسىللىك قوي ناھايىتى ئاز، دۆلىتىمىزدە ھازىر پەقەت پەرھاتنىڭ ئۆيىدىلا بۇ قوي بار. نەچچە كۈن بۇرۇن، كورلىلىق سودىگەر ئالاھىدە بۇ قوينى دەپ كەلگەن بولۇپ، 12 مىليون باھا قويغان. بىراق پەرھات بۇ قوينىڭ ئۇرۇقلاندۇرۇش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سېتىشتىن ۋاز كەچكەن. پەرھات مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭمۇ بۇ قوينى ساتقىم بار. بىراق ھازىر دۆلىتىمىزدە پەقەت مەندىلا بۇ قوي بار. باشقا يەردىن تاپماق تەس. ئۇلار ھازىر بىر قوينى 500 يۈەندىن تاتىپ 1000 يۈەنگىچە سېتىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ قوي شالغۇتلاشتۇرۇلسا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بىز دېھقانلار ھەممىمىز قوي بېقىشنى ياخشى كۆرىمىز، ئەگەر ئۇلارغا ھەقسىز ياردەم بېرىپ، ھەربىر ئائىلىگە بىردىن شالغۇتلاشتۇرۇپ بەرسەم، بۇ يېڭىساردىكى دېھقانلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا دولان قويى باقىدىغان ئادەت بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۇلار ئادەتتىكى قويلارنىلا باقماستىن،بەلكى سورتى ساپ بولغان قويلارنى بېقىشقا يۈزلەندى. بۇنىڭ بىلەن ۋاھاڭ قويىدەك ياخشى سورتلۇق قويلار ناھايىتى كۆپ پۇلغا ياراپ كەتتى. 12 دولان قويىغا مىليوندەك مۇنچىۋالا يۇقىرى باھا قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى، بىر تەرەپتىن سانىنىڭ ئازلىقى، ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ئاران 1000 نەچچە دولان قويى بار ئىكەن، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەرلىكلەرنىڭ دولان قوي سودىسىنى مۇنچىۋالا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشى بۇ قوينىڭ ئون نەچچە مىليونلۇق باھاغا چىقىشىنىڭ مۇھىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئۈچ يۈز مىڭ يۈەنلىك دولان قويلىرى بولسا دائىم ئۇچرايدىغان باھالار ھېسابلىنىدۇ.




ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 15:19

پاھ پاھ پاھ...   باراڭلىق ھويلىغا قويۇپ بىرىپ، كۆرپىدە ئوڭدىسىغا يېتىپ قاراپ ھوزۇرلىنىدىغان قويكەن.  
    قولىقى نىمانداق چوڭ دەيمەن. پىلنىڭكىدەكلا.  
   ساتماڭ ئاكا، ياخشى ئويلاپسىز.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2473
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2473دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30411 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 09:56

10-قەۋەت (كەنە) نىڭ يازمىسىغا

يا ئاللا دوس،  ھىچبىر يامان گەپ ئەمەسقۇ بۇ؟    قازاقلار قوينىڭ قۇلىقىنى يەيدىغاندۇ؟  بىزمۇ يەيمىزغۇ؟   قىرغىزلاردىمۇ ئۆيگە كەلگەن ئىسىل مىھمانغا چوقۇم قوي سويۇپ، قوينىڭ كاللىسىنى تارتىدىغان ئىش بار.  قازاقلاردىمۇ مىھمانغا ياكى باشقا بىرەر ئالاھىدە ئەھۋالدا قوينىڭ قۇلىقىنى تارتىدىغان ئەھۋال يوقمۇ؟
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ