مىلادىيە يىلى بىلەن ھىجرىيە يىلىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇشنى بىلەمسىز؟

كالىندارنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز،لېكىن كالىندارنىڭ تارىخ،دىن،مەدەنىيەت،.....ۋەھاكازالار قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك ۋە ھەددى-ھىسابسىز مەنىلەرگە ئىگە بولغان ئارقا كۆرۈنىشىنى كۆپچىلىكىمىز بىلمەسلىكى مۇمكىن.
دىققەت قىلىدىغان بولساق، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان قەۋم-خەلىقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس كالىندارلىرى بولغان،بۇلارنىڭ ئچىدە مەدەنىيەت تارقىلىش جەريانىدا پۈتۈن دۇنياغا ئوموملاشقان مىلادىيە كالىندارى،مايا كالىندارى،ئىلىمىزنىڭ دىھقانلار كالىندارى(دۆلىتىمىزدە ئوموملاشقان، قاچان شەكىللەنگەن قاچان بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن)،قاتارلىق ۋەھاكازالار.
ئىشقىلىپ دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇن ۋەقەلەر سەۋەپلىك نۇرغۇن كالىندارلار مەيدانغا كەلگەن،نۇرغۇن پادىشالار تەختكە چىقىپلا ئۆز نامى بىلەن يىلنامە ئشلەتكەن،دىمەككى، ھەرقايسى قەۋملەر ئۆز كالىندارلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ كەلگەن. بۇنداق يىلنامىلەرنى بەزى كىتاب ۋە كىنولاردا ئۇچرىتىپ تۇرىمىز،ئالايلۇق <<پالانىنىڭ ئوسۇرۇپ تاشلىغانلىقىنىڭ مانچىنچى يىلى>>دىگەندەك (ئۆزەممۇ كۈلىۋەتتىم).
گىپىمنى يىغىپ كەلسەم،مۇسۇلمانلارنىڭمۇ شۇنداق بۈيۈك كالىندارى بار!
ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا،پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىمىلەرنى ئىلىپ كەلگەنلىكىنى مەن سۆزلىمەي،مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر دىنىنىڭ كالىندارى بولماي تۇرالىسۇنمۇ؟دىمەك بۇ كالىندارنى ئۇلۇغ ئىسلامنىڭ تارىخىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن دىسەم ..........
لىكىن ئەپسۇس!
بۇ كالىندارنى نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمىز ئىشلىتىش تۈگۈل،چۈشەنمەيدۇ.بۇ كالىنداردا قانداق ئەھمىيەتلىك كۈنلەر،ۋاقىتلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ.قايسى ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىبادەتلەرنىڭ قانداق مۇكاپاتلىرى بارلىقىنى ئەسلا .(بىلىدىغىنى رامىزان بىلەن ئىككى ھىيت،يەنە <جۈمە> مۇ بار)
لىكىن بىز روژدىتسىۋا بايرىمى،ئاشىق-ئاۋارىلار بايرىمى،چاغان بايرىمى،يالغانچىلار بايرىمى،.....دىگەندەكلەرنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا بولىدىغىنىنى ھەتتا گۆدەكلىرىمىزغىچە سىڭدۈرىۋاتىمىز............
شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن ئۆزۈم بىلگەن ۋە توردىن يىغىۋالغان ئىسلام كالىندارىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.بۇ ماتىرياللارنىڭ كۆپىنچىسى تور ۋە كىتابلار بولۇپ مەلۇم بىر تور بەتتىن ئېلىنمىدى،پەقەت رەتلەپ قويدۇم خالاس
ھىجرىيە يىلنامىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە(سۇئال جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ قويدۇم)
سوئال: ھىجرىيە يىلنامىسى دېگەن قانداق يىلنامە؟
جاۋاب: ھىجرىيە يىلنامىسى ئەرەبلەرنىڭ يىل، ئاي ۋە كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ھىجرەت ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت
قىلغان) يىلىنى باش يىل قىلغان ئىسلام يىلنامىسىدۇر. ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان.
سوئال: ئىسلامدىن بۇرۇن ئەرەبلەرنىڭ قانداق يىلنامىلىرى بار ئىدى؟
جاۋاب: ئىسلام دىنى كېلىشتىن ئىلگىرى، ئەرەبلەرنىڭ ئىككى خىل يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى قۇياشنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان شەمسىيە يىلنامىسى، يەنە بىرى، دىنىي پائالىيەتلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى بار ئىدى.
سوئال: ئىسلام يىلنامىسىنى قوللىنىش پىكىرى قاچان مەيدانغا چىققان؟
جاۋاب: ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام نۇرى پارلاشقا باشلاپ، ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىسلام ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملەنگەن ھەمدە ئىسلام دەۋىتى چەت دۆلەتلەرگىچە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، دۇنيادا ئەڭ زور نوپۇزغا ئىگە بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس رامىزان، ھەج ۋە باشقىمۇ ئىبادەتلەرنىڭ، دىنيى پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلايدىغان، ۋەقەلىكلەرنى خاتىرىلەيدىغان، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس ئىسلامىي يىلنامىسى بولۇشى لازىملىقى ھېس قىلىنغان ۋە بۇ پىكىر رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ تاللىنىشى
سوئال: ھىجرىيە يىلنامىسى قانداق تاللانغان؟
جاۋاب: ئىسلام يىلنامىسىدا قايسى ۋاقىتنى يىل بېشى قىلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 570- يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغان 610- يىلنى يىل بېشى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان 622- يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سوئال: نېمە ئۈچۈن ھىجرەت يىلى ئىسلامىي يىلنامىسى بولۇشقا تاللانغان؟
جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىق ۋەقەسى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇشنى ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ ۋەقە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يىلىنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى ” ھىجرىيە“ دەپ ئاتاش پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بەلگىلىگەن.
سوئال: ھىجرىيە يىلنامىسى قاچاندىن بىرى قوللىنىلىشقا ئۆتكەن؟
جاۋاب: ھىجرىيە يىلنامىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنى ئەرەب قەبىلىلەر ئارىسىدا دەۋەت قىلىنىپ 30 يىلدەك ۋاقىتقىچە يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلنامىسى قوللىنىپ كېلىنگەن ئىدى. 639- يىلىدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلار دىن ۋە دۇنيالىق پۈتۈن ئىشلىرىدا ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن.
ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشى
سوئال: ھىجرىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر ئېلىگە قاچان كىرگەن؟
جاۋاب: ئۇيغۇر ئېلىدە ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتۈش تارىخى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلىرىغا بېرىپ يېتىدۇ. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھىجرىيە يىلنامىسى پۈتۈن سىستېمىسى بويىچە ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى يىلنامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دىنىي پائالىيەتلەر ھەم دىنغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئىشلار، شۇنداقلا تۇرمۇش ساھەلىرىدىمۇ بۇ ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلىدىغان بولغان. ئۇيغۇرلاردىن چىققان نۇرغۇن ئالىملار – تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار، تىۋىپلار، نەغمە – سەنئەتچىلەرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋاقىتنى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە بايان قىلىدىغان بولغان. پەقەت يېقىنقى زامانغا كەلگەندىلا، مىلادىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، دىنىي ساھەلەردە، بولۇپمۇ رامىزان ۋە ھېيت – ئايەملەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا، يەنىلا ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلماقتا.
سوئال: ھازىر ھىجرىيە يىلنامىسىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىۋاتقانلار كىملەر؟
جاۋاب: ھازىر ئىسلام ئەللىرى، بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي ساھەلەردىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ھاياتلىق ساھەلەردە، ھەتتا ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللانماقتا.
سوئال: ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا قانداق ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
(1) مىلادىيىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ھىجرىيە يىلىنى 33 كە بۆلۈمىز.
(2) مىلادىيىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ھىجرىيە يىلىغا 622نى قوشىمىز.
(3) 622 نى قوشقاندا چىققان ساندىن 33 كە بۆلگەندە چىققان ساننى ئېلىۋېتىمىز.
شۇنىڭ بىلەن مىلادىيە يىلى چىقىدۇ.
مەسىلەن: ھىجرىيە 1429 ÷ 33= 43
1429+ 622= 2051
2051- 43= 2008
1507. سوئال: مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا قانداق ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
(1) مىلادىيە يىلىدىن 622 نى ئالىمىز.
(2) ئالغاندا چىققان ساننى 33 كە بۆلۈمىز.
(3)يۇقىرىقى ئىككىسىنىڭ نەتىجىسىنى بىر- بىرىگە قوشىمىز.
شۇنىڭ بىلەن ھىجرىيە يىلى چىقىدۇ.
مەسىلەن: مىلادىيە 2008 – 622- = 1386
1386÷33 = 42
1386 + 42= 1428
بۆلۈنگەندە چىققان نەتىجە 42 يېرىمدىن كۆپرەك بولسا، ئۇنى 43 دەپ سانايمىز، ئەگەر 41 يېرىمدىن ئازراق بولسا، ئۇنى 41 سانايمىز.
ئەمدى تەپسىلاتىغا نەزەر سېلىڭ:
ھىجىرىيە كالېندارى
ھىجىرىيە كالېندارى ئىسلام كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ كالېندار قەدىمكى ئەرەپ كالېندارى ئاساسىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ مىلادىيە كالېندارىدىن قالسا دۇنيا بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كالېندار ھېسابلىنىدۇ.
«ھىجىريە» دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆز ئەسلىدە«ھىجىرەت »يەنى «كۆچۈش»ياكى«يۆتكۈلۈش»دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەككە شەھرىدە تۇرۇشلۇق قۇرەيىش قەبىلىسى ئاقسۆڭەكلىرى باشچىلقىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن ،مىلادىيە 622-يىلى مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈپ كەلگەن.مىلادىيە 634-يىلى تەخىتكە چىققان 2-خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ھىجىرەت»نى مەڭگۈ خاتىرلەش ئۈچۈن، مىلادىيە 622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈننى ھىجىرىيە كالىندارى بىرىنچى يىلنىڭ يىل بېشى قىلىپ بەلگىلىگەن،شۇنىڭدىن ئىبارەت بۇ كالىندار مۇسۇلمانلارنىڭ يىلنامىسى قىلىپ قوللىنلماقتا.شىنجاڭدا 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ،ھىجىريە كالېندارى تەدرىجىي ئۇمۇملاشقان .
ھىجىرىيە كالىندارى ساپ قەمەرىيە كالېندارى (ئاي كالېندارى) بولۇپ ئۇنىڭدا ئاينىڭ تولۇش، ئويۇلۇش دەۋىرى بىر ئاي ،ھىلال ئاي چىققان كۈن شۇ ئاينىڭ 1-كۈنى قىلىپ بېكتىلگەن.تاق ئايلار 30كۈن، جۈپ ئايلار 29 كۈندىن(ئادەتتە مۇشۇنداق ماڭىدۇ) ھېسابلىنىپ ،بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنۈپ، ئادەتتىكى يىللار 354 كۈن ھېسابلىنىدۇ.30يىل بىر قەرنە (● قەرنە [qerne]— مىلادىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر پەسىلنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى، ھىجىرىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ھىجىرىيىنىڭ شۇ ئېيى مىلادى يىلىنىڭ شۇ پەسلىنىڭ شۇ مەزگىلىگە ئاساسەن توغرا كەلسە بۇ چاغدا بىر «قەرنە» ۋاقىت ئۆتكەن بولىدۇ. يەنى مىلادىيىنىڭ 33- يىلى ھىجىرىيىنىڭ 34- يىلى بىر قەرنە ھېسابلىنىدۇ) ھېسابلىنىپ، بىر قەرنىنىڭ 2-،5-،7-،10-،13-،16-،18-،21-.24-،26-،29-،يىللىرنىڭ ئاخىرقى 12-ئېيىغا بىر كۈن قوشۇلۇپ، بۇ يىللارنىڭ ھەر بىرى 355 كۈن قىلىنىدۇ.ئەمما ھىجىرىيە كالېندارىدىكى يىللارنىڭ ھەر بىرى 354كۈن 8سائەت 48مىنۇت بولغاچقا ،ئۇنىڭ بىر يىلى تىروپىك يىلىدىن 10 كۈن 21 سائەت 1 مىنۇت كەم بۇلۇپ،ھەر 2.7 يىلدا تروپىك يىلىدىن 1ئاي، 32 يىلدا تىروپىك يىلىدىن بىر يىل پەرقلىنىدۇ .ئادەتتە ،مىلادىيە كالېندارى 32 يىل ئۆتكەن بولسا، ھىجىرىيە كالىندارىدا 33 يىل ئۆتكەن بولىدۇ.شۇڭا، مىلادىيە كالېندارىدا رامازان ،ھېيىت-بايراملار ھەر يىلى تەخمىنەن 11كۈندىن سۈرۈلىدۇ.
تەپسىلاتى تۈۋەندىكىدەك:
ئادەتتە شەمسىيە (جۈملىدىن مىلادىيە) يىلى 365 كۈن بەش سائەت 48 مىنۇت 47 سېكونت بولىدۇ.
لېكىن، قەمەرىيە (جۈملىدىن ھىجىرىيە) يىلى 354 كۈن سەككىز سائەت 48 مىنۇت بولىدۇ.
ھىجىرىيە يىلى مىلادىيە يىلىدىن ئون كۈن 21 سائەت كەم بولغاچقا ، ھەر 2.7 يىلدا بىرئاي ،
ھەر 32.6 يىلدا بىر يىل پەرقلىنىدۇ.
دېمەك ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھىجىرىيە بىلەن مىلادىيە يىلىدىن ھەر يىلدا ئون كۈندىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى كېلىدۇ.
شۇڭا، ئىسلام كالېندارىدىكى بايراملارنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىدە يازدا كەلسە، بەزىدە قىشتا كېلىدۇ.
ئىسلام كالىندارىدىكى ئاي ناملىرى:
1-ئاي مۇھەررەم
2-ئاي سەپەر
3-ئاي رەببىيەل ئەۋۋەل
4-ئاي رەببىيەل ئاخىر
5-ئاي جامادىيەل ئەۋۋەل
6-ئاي جامادىيەل ئاخىر
7-ئاي رەجەپ
8-ئاي شەئىبان
9-ئاي رامىزان
10-ئاي شەۋۋال
11-ئاي زۇلقەددە
12-ئاي زۇلھەججە .
مىلادىيە كالېندارىدىكى ئاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى
1-ئاي − يانۋار: قەدىمكى رىم تەڭرىلىرىدىن «يانۇس» (Januarius) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. رىملىقلار يانۇسنى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىپتىداسى ۋە خەيرلىك ئاقىۋىتىنىڭ سىيماسى دەپ ھېسابلىغان. يىل يېڭىلانغاندا، رىملىقلار يانۇسنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەڭگىنى بىر-بىرىگە سوۋغا قىلىشىپ، ئامانلىق تىلەشكەن.
2-ئاي − فېۋرال: قەدىمكى رىملىقلار بۇ ئاينى «فېبرۇئار» (Februarius) دەپ ئاتىغان. رىملىقلار ھەر يىلى مەزكۇر ئاينىڭ 15-كۈنى «فېبرۇئار» دەپ ئاتالغان كاتتا دىنىي مەرىكە ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن «فېبرۇئار» دېگەن سۆز 2-ئايغا نام بولۇپ قالغان.
3-ئاي − مارت: قەدىمكى رىملىقلار بۇ ئاينى «مارس» (Martius) دەپ ئاتىغان. قەدىمكى رىملىقلار ئەتىياز باشلانغاندا، يەر يۈزىگە باھار كېلىپ، ھاياتلىق جانلانغانلىق مۇناسىۋىتى ىبلەن مارس تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن «مارس» دېگەن سۆز 3-ئايغا نام بولۇپ قالغان.
4- ئاي − ئاپرېل: لاتىن تىلىدا «ئاپرىلىس» (Aprilis) دەپ ئاتالغان. بۇ نام «ئېچىش، ئېچىلىش» دېگەن پېئىلدىن ياسالغان. بۇ سۆز تەبىئەتتە ھەممە نەرسە روناق تېپىشقا باشلىغان ۋە ياشارغانلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
5- ئاي − ماي: قەدىمكى رىملىقلار مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى «مايا» (Maia) تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر قىلغان.بۇ تۇغۇش-ئۆسۈشنى ئىلىكدايدىغان ئايال تەڭرى بولۇپ، رىملىقلارنىڭ 5-ئاي تەڭرىسى ئىدى. شۇنىڭھبىلەن 5- ئاي «ماي» (Maia) دەپ ئاتالغان.
6- ئاي − ئىيۇن: لاتىنچە «يۇنىئۇس» (Junius) دېيىلىپ، توي-نىكاھ ۋە تۇغۇتنى ئىلىكدايدىغان ئايال تەڭرى يۇنو (Juno) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يەر يۈزىدىكى جانلىقلار مەزكۇر ئايدا يېتىلىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.
7- ئاي − ئىيۇل: بۇ ئاينىڭ «يۇلىئۇس» (Julius) دەپ ئاتىلىشى قەدىمكى رىمدىكى ئاتاقلىق سىياسىيون يۇلىئۇس قەيسەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ ئادەم مەزكۇر ئايدا تۇغۇلغانىكەن، رىملىقلار بۇ كىشىنى خاتىرلەش ئۈچۈن 7-ئاينىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ يۇلىئۇس ئېيى دەپ ئاتىغان.
8- ئاي − ئاۋغۇست: قەيسەرنىڭ ۋارىسى ئاۋگۇستۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاۋگۇستۇس (augustus) دەپ ئاتالغان ھەم 30 كۈنلۈك ئاي 31 كۈنلۈك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
9- ،10-،11-،12- ئايلار دەرىجە سانلارنىڭ لاتىنچە ناملىرى بىلەن ئاتالغان. كونا رىم كالېندارىدا 7-،8-،9-،10-ئايلارنىڭ ناملىرى «7-»، «8-»، «9-»، «10-» دىن ئىبارەت دەرىجە سانلارنىڭ لاتىنچە ناملىرى بولغان «Septimus»، «Octavus»، «Nonus»، «Decimus» لار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىپادىلەنگەن. مىلادىيەدىن 700 يىل ئىلگىرى رىملىقلار كالېندارنى ئىسلاھ قىلىپ، بىر يىلنى 12 ئايغا ئۆزگەرتكەن. ئۇلار كونا كالېنداردىكى 1-ئاي − مارس ئېيىنىڭ ئالدىغا يانۇس ۋە فېبرۇئار ئايلىرىنى قوشقان. شۇنىڭ بىلەن ئايلارنىڭ نامى تەرتىپ بويىچە كەينىگە سۈرۈلگەن. شۇ سەۋەبتىن 7-،،8-،9-،10- ئايلارنىڭ ناملىرى 9-، 10-، 11-، 12- ئايلارنىڭ ناملىرى قىلىنغان. ھازىرقى ئايلارنىڭ ناملىرى ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان
مىلادىيە يىلى بىلەن ھىجرىيە يىلىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى
ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى: M=H-(H/33)+622
فورمىلىدىكى H ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان ھىجرىيە يىل سانىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: ھىجرىيە 1382- يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
M=1382-(1382/33)+622
=1382-(41.878788)+622
=1382-42+622
=1962
مۆجىزىنىڭ "مۇزىكانتلار تارىخى" ناملىق ئەسىرى يېزىلغان ۋاقتى ھىجرىيە 1271- يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
M=1271-(1271/33)+622
=1271-(38.51515151)+622
=1271-38+622
=1855
مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى: H = M -622+ (M -622) /33
فورمىلىدىكى M ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان مىلادىيە يىل سانىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: مىلادىيە 1962- يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
H = M -622+ (M -622) /33
= 1962 -622+ (1962 -622) /33
= 1340+ 40.60606061
=1381
يەنە مىلادىيە 1855- يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
H = M -622+ (M -622) /33
= 1855 -622+ (1855 -622) /33
= 1233+ 37.363637
=1270