مانا بۇ ئادەم سەكراتتا يېتىپمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجاندىل ئورۇنداۋاتىدۇ!
ھەقىقەتەن ناماز ئىسلامنىڭ بەش پەرىزىنىڭ بىرى، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام « ئىسلام دىنى بەش نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلدى، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى مەئبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەد ئەلەيھى سالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق ئېيتىش، نامازنى ( خۇشۇئ - خۇزۇئ بىلەن نامازنىڭ پەرزلىرىنى كامىل قىلغان ھالدا ) ئادا قىلىش، زاكات بىرىش، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، (قۇربىتى يەتكەنلەر) بەيتۇللاھنى ھەج تاۋاپ قىلىش،» دىگەن، يەنە بىر ھەدىستە « ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى شاھادەت كەلىمىسى، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى ناماز، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى جىھاد. » دىگەن، يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام: « مۇسۇلمان بىلەن كافىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ناماز.» دىگەن. مۇسلىم ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى، مانا بۇ ھەدىسلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى ناماز ئىنساننىڭ چۇقۇم ئۆتەشكە تىگىشلىك پەرزى، بۇ ھەر بىر مۇسۇلماندىن ھېچ قاچان ساقىت بولمايدۇ، پەقەت ئاياللار ناماز ئوقۇشتىن رۇخسەت قىلىنغان ۋاقىتلاردا ( ھەيزدار ياكى نىپاسدار ) بولغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا، ساقىت بولمايدۇ. نامازنى تەرك ئىتىشكە ئىسلامدا ھېچ رۇخسەت يوق، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيالمىسا، ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغىمۇ قادىر بۇلالمىسا يېتىپ ھەتتا ئىشارەت بىلەن ئوقۇسىمۇ بۇلىدۇ، تاھارەت ئالالمىسا تەيەممۇم قىلىشقا رۇخسەت بۇلىدۇ.
مانا ھازىرقى زامانىمىزدا بەزى ياش قىز ئوغۇللار بىكار ۋاختى تۇرسىمۇ، نامازنى تەرك ئەتمەكتە، ئۇلار نامازنىڭ مۇسۇلمان بىلەن كافىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ! يەنە تېخى ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ ئاتاپ يۈرىيدۇ ، بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك!
يەنە بەزى قىزلار تويى بولدى دىگەن كۈنى بولدى دىگۈدەك گىرىم قىلىپ، شۇ گىرىملىرىنىڭ ئېقىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر كۈنلۈك نامىزى خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ، يەنە بەزى يىگىتلەر ئازراقلا زۇكام بۇلۇپ قالسا، نەچچە كۈنلۈك نامىزى خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ، ئەجەبا بۇ كىشىلەر يەنە ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتاپ يۈرىيدۇ، ئەپسۇس بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ھالى نىمە بۇلۇپ كىتەر؟