سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى نامايىشچىلارغا قارشى باستۇرۇشنى توختىتىش، شەھەرلەرنى بومباردىمان قىلىشقا خاتىمە بېرىش ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى شەھەرلەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش توغرىلىق بەرگەن سۆزىگە ۋە تۈزگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان ئەمەس. ھازىرمۇ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەل نەدۋە» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 24-ئاپرېل سانىدا «سۈرىيىدە يېڭىلىق يوق» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، سۈرىيە ھاكىمىيىتى باستۇرۇشنى توختىتىش ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى شەھەرلەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش توغرىلىق بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە سۈرىيىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئادەم ئۆلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. رەسمىي ستاتىستىكىلار سۈرىيىدە ئۆتكەن 13ئايدىن بىرى 5000 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. سۈرىيىدىكى كۈزەتكۈچىلەر تۈنۈگۈننىڭ ئۆزىدە 20 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەھۋالدا سۈرىيىگە خەلقئارا دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە موھتاجدەك تۇرىدۇ. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 14 قېتىملىق ماددىي جازاسى سۈرىيىگە تەسىر قىلمىغان.»
خەلق تورىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،ئامېرىكا پىرزىدنتتى باراك ئوباما سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا يېڭى تەدبىر قوللانماقچى بولغان ھەمدە ،ئامېرىكىنىڭ بىۋاستە سۈرىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پىلان تۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.