باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1326 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شەيتاننىڭ يەنە بىر قۇرالى-فىيجۇلىيۇ
دوستلىشىش
ئىلىم@ئىسلام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11461
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-26
ئاخىرقى: 2012-04-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 18:17

شەيتاننىڭ يەنە بىر قۇرالى-فىيجۇلىيۇ

شەيتاننىڭ يەنە بىر قۇرالى-فىيجۇلىيۇ




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا ئانىلار .
يېقىندا مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆسمۈلىرىمىزنى كىرەكتىن چىقىرىۋاتقان شەيتاننىڭ قۇرالى بولغان <سېرىق فىلىم> كۆرۈش توغرىسىدا جەمىيەت تەكشۈرەش مەلۇماتىمنى بەرگەن ئىدىم.ئاڭلىسام جەميەتتە خېلى غۇل غۇلا قوزغاپتۇ .ئۆزىنىڭ جان جىگەر بالىسىنىڭ سېرىق فىلىمنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشىدىن نۇرغۇن ئاتا -ئانىلار بالىسىنىڭ كومپىتوردا نىمە قىلىۋاتقانلىقىغا كۆز قۇلاق بولىدىغان بوپتۇ .
مەن ھازىر بايان قىلىدىغان ھادىسە بالىلارنىڭ روھىيىتىگە زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان مەدەنىيەت ئەخلىتى بولغان فىيجۇلىيۇ توغرىسىدا توختالماقچىمەن .
فىيجۇلىيۇنى بەزىلەر پاھىشىۋى قىياپەت دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ .ئاتا ئانىلارنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىك تۈپەيلى جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ياش قاتلىمىدا بۇ ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچىرشىش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى بۇ مەدەنىيەت ئەخلىتىدىن خەۋەرسىز يۈرىشى ۋە بالىسىنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ بۇ مەدەنىيەت ئەخلىتىنىڭ تەسىرىدە غەيرى ۋە بىنورمال،جاھىل پىسخىكىغا كېلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەسلىكى تەبىئىي .
ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تور بەتنى ۋە رەسىملەرنى كۆزدىن كەچۇرۇڭ  .
http://arzu8.33591.com/
http://ohhoyee.33591.com/
http://kaysar3838.33591.com/ 

















خوش بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز ؟بەلكىم يۈزەكى شۈشەنچىگە كېلىشىڭىز مۇمكىن .ئەمدى مەن فىيجۇلىيۇ توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بىرەي .
1.بۇ ئەخلەتنىڭ بىر ئۇچى ياپۇنىيەدە يەنە بىر ئۇچى ئامىرىكىدا ئىكەن .ياپۇنىيەدىكىسى   
 بولسا 70-80 يىللىرىدا ياپۇن جەمىيتىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا جەمىيەتكە قارشى ئېقىم سۈپىتىدە 
مەيدانغا كەلگەن .ياپۇنىيەدە سېرىق فىلىم سانائىتى باغچىسى بولۇپ بۇ باغچىدىكى ئەر ئاياللار دەل فىيجۇلىيۇ ئۇسلۇبىدا ياسىنىدۇ .تەيۋەنگە ۋە چوڭ قۇرۇقلۇققا تاقالغىنى دەل مۇشۇ پاھىشىلەرنىڭ ياسىنىش ئۇسولىدۇر .ئۇنىڭ ئىپادىسى بولسا ھەرخىل ئەخلاق ۋە گۇزەللىككە خىلاپ قىياپەتتە   
رەسىمگە چۈشۈش ۋە ياسىنىش ،گىرىم قىلىش .بۇ <بەدنىيەتلىك>نى كەڭ ئومۇملاشتۇرىدىغانلار  
ئاسەسەن پاھىشە ۋە سېرىق فىلىم ئىشلەيدىغانلار ياكى جىنسى جەھەتتە ئەركىن ياشلار بولغان .
كېيىن بۇ <بەدنىيەتلىك >تەيۋەنگە تارقالغان.90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا چوڭ قۇرۇقلۇققا تارقىلىپ
جەمىيەتكە ،ئەخلاققا، ئېغىر  زىيانلارنى سالىدىغان مەنىۋى ئەخلەتلارنىڭ بىرى بولۇپ 
 قالغان .يەنە بىر ئۇچى بولسا ئامىرىكىدىكى مانسونچىلار ئېقىمىدىكىلەر .
 


بۇ ئېقىمدىكىلەر چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقنى ئوموملاشتۇرۇدىغان روك موزىكا ساراڭلىرى بولۇپ 
 موزىكا ۋە بەدەن ئارقىلىق ئوچۇقتىن ئوچۇق خىرىستيان گادىغان(خىرىستيان خۇداسىغا ) قارشى تۇرۇدۇ .ئۇلارنىڭ موزىكا ئېقىمى ۋە ئىدىيەسى ھازىر بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھى دۇنياسىغا
بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ . دېسكو موزىكىسى دەل فىيجۇلىيۇنىڭ يەنە بىر شاخچىسىدور
ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ياشلىرىدا فىيجۇلىيۇنىڭ تەسىرى ئىككى خىل ھالەتتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ .
1.يۇشۇرۇن ھالەت .بۇ ئاساسەن تورلاردا شۇنداق ئۇچۇرلارنى كۆپ كۆرگەنلىكى ياكى دورامچىللىق سەۋەبىدىن شۇ خىل مەدەنىيەت ھادىسىگە ئەگىشىدىغان بۇنى چچ تور بوشلۇقىنى لاھىلەش ياكى 33591 دەك تور ساھاسى ئەخلەت دەپ قارايدىغان بىلوگ سۇپىلىرىنى فىيجۇلىيۇ ئۇسلۇبىدا بىزەيدىغان شەكىللەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ .33591 ھازىر ئۇيغۇر ئۆسمىرلىرىنى بۇزىدىغان بىر مەيدان بولۇپ قاپتۇ . 
مەسىلەن :
http://arzu8.33591.com/
http://ohhoyee.33591.com/
http://kaysar3838.33591.com/ 

 
2.ئاشكارە ھالەت .بۇ ھالەت چاچ پاسونىدا ۋە گىرىم قىلىشتا ئۆز ئەكسىنى تاپتى .ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلىرىدا ۋە ئوغۇللىرىدا فىيجۇلىيۇ ئېقىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان چاچ پاسونلىرى مەيدانغا كەلدى .مەسىلەن :ئوغۇللار چېچىنى  ئوتتۇرسىنى پۆپۇك چىقىرىش،ئىككى چىكىسىنى قىرقىۋېتىش .قالايمىقان بىر ھالەتتە ياسىتىش .
قىزلار غەيرى ھالەتتە چېچىنى ياسىۋېلىش .
ئىنگىلىز ۋە خەنزۇچە تور بەتلەردىن فىيجۇلىيۇنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى توغرىسىدا مەخسوس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ھەم مەخسوس بۇ ئەخلەت مەدەنىيەتكە قارشى تور بىكەتلەر قۇرۇلغان .
http://365fanfei.5d6d.com/

فىيجۇلىيۇ يەنى پاھىشىۋى قىياپەتنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى زور .فىيجۇلىيۇغا ئەگەشكەن ياشلار غەيرى رەسىم ۋە دېسكو مىتال موزىكىلارنى كۆپ كۆرگەچكە، ئالدى بىلەن پىسخىكا جەھەتتىن گەپ ئاڭلىمايدىغان ۋە جاھىللىق پىسخىكىسى شەكىللىنىدىكەن .ئاندىن ياسىنىشتا غەيرىلىككە ئىنتىلىدىغان ،يوشۇرۇن مۇھەببەتلىشىشكە بىرىلىدىغان، ھەتتا سېرىق فىلىم كۆرىدىغان ھادىسىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردىكەن .ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى قوغدايدىغان ئەخلاق تېمى نىپىز بولغاچقا بۇ خىل مىڭىنى غىدىقلۇغۇچى غەيرى رەسىم ۋە موزىكىلار ئۆسمۈرلەرنى يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدىكى بالدۇر يىتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن .تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە فىيجۇلىيۇ ئېقىمىغا ھىسداشلىق قىلىدىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ خىل بىنورمال ھالىتى ئاخىرى بىنورمال جىنسىي تۇرمۇشقا بالدۇر مېڭىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
ھازىر خەنزۇ مەكتەپلەردە بۇ ئەخلەت مەدەنىيەتكە نىسبەتەن لىكسىيەلەر ۋە تەربىيەلەر قىلىنىۋاتىدۇ .لېكىن مەسىلە ئوڭشالماقتا يوق كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ .خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئارسىدا بۇ خىل ئەخلەت مەدەنىيەتكە بىرىلىش ۋە ياخشى كۆرۈش ھادىسىسى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ .ھەمدە ئۇيغۇر مەكتەپلەردىمۇ بەلگۈلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ .
سىز بالىڭىزنىڭ چچ تور بوشلۇقى ،ۋە 33591 دىكى بېتىنىڭ قانداق بىزىلىشىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟بالىڭىزنىڭ قانداق رەسىملەرنى باش رەسىم قىلىۋالغانلىقىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟بالىڭىزنىڭ ياسىنىشىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟
سۇكەلگۈچە توغان تۇت دىگەن تەمسىل بار .ھازىر فىيجۇلىيۇنىڭ زىيىنى چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئىچىدە بەكرەك تەرەققىي قىلدى لېكىن كىچىك شەھەرلەرگە تېخى ئەمدى تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ .شۇڭا ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ بۇ مەدەنىيەت ئەخلىتىنىڭ زىيان سالماسلىقى ئۈچۈن پەرزەنتىڭىزگە دىققەت قىلىپ قويۇڭ.
بۇ ھەقتە كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىپ باقماقچىمەن .
 
مەنبە:مەن ۋە باغداش تورى
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-04-26 22:24قايتا تەھرىرلى ]
ئەسسەلەمۇ .ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4073
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 206
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە206دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 1940 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2012-06-21
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 22:50

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ھەقىقەتەنمۇ بىلىشكە ۋە ئالدىنى ئېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن خەۋەردار قىلغىنىڭىز دىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
                يا شەرىئەت يا شاھادەت.