دوستلارنىڭ پىكرى ياخشى بوپتۇ، مىنىڭچە بۇ ياخشى تەكلىپنى خەۋەرسىز قالغانلارغىمۇ يەتكۈزسەك، مەن ئويلايمەن بۇنىڭغا دەسلىپىدە باشلاش ئۆچۈن، خالىس يىتەكچلىك قىلىدىغان قابىللار كىرەك بۇلىدۇ. ئىقتىساد مەسىللىرىنى ھەل قىلىپ كىتەلەيمىز. شەخسەن مەن بۇئىشلارنى ماسلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمەن.
مەخسەت بىز كەسپلەشكەن، خاس ئەرەب تىلى بىلىملىرى بىلەنلا چەكلىنىدىغان، ئىناۋەتلىك بىر بىكەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كىرەك.
بۇنىڭدا باشقا تىللاردىكى ئۆگىنىش بىكەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىشىقا بۇلىدۇ. كىيىنكى قەدەمدە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ھەتتا تاپشۇرۇق بىرىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۇسۇلىنىمۇ قۇشۇمچە قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن.
شۇڭا ھازىردىن باشلاپ بۇئىشقا تىل ئۆگىتىش يىتەكچىلىكى ،ياكى تور تېخنىكا يىتىەكچىلىگى جەھەتتىن كۈچ چىقىرالايدىغانلار ئۆز ئۆستىگە ئالالايدىغان ۋەزىپىسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ماڭا ئىلخەت بىلەن ئۇچۇر قىلغان بولسا، تىزراق تۇتۇش قىلساقمىكىن دەيمەن. باشقا كونكىرت پىلانلارنى خاس جاپاكەشلەر بىلەن مەسلىھەت قىلىپ باشلىساق.
مىللەتنىڭ ئونۋرسال ساپاسى ئۆچۈن بىر كىشىلىك ئەمەلىي ئىش قىلايلى!
[ بۇ يازمىنىozlat 2012-04-26 14:21قايتا تەھرىرلىدى ]