ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
دوستلار، يېقىندا كاللامغا كەلگەن ياخشى بىر پىكىر ھەققىدە كۆپچىكنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم. ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئەجدادلىرىمىز يىراق زامانلارندىن بۇيان ئۇلۇغ دىنىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ تىلى،شۇنداقلا ھازىرقى ئالتە چوڭ خەلقئارالىق تىلنىڭ بىرى بولغان ئەرەب تىلىنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە دىيارىمىزدا ئەرەب تىلى ھەۋەسكارلىرى مەلۇم سالماقنى ئىگەللىسىمۇ ئەمما مۇنتىزىم ئۆگىنىش شارائىتى يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى، ھەۋەسكارلار بىر ئىزدا توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئىنگىلىز،خەنزۇ تىللىرىنى ئۆگىنىدىغان بىكەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئەرەب تىلى ئۆگىنىش تور بىكەتلىرى ئىزچىل تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي ،يېرىم يولدا توختاپ قالدى. شۇڭا كۆپچىلىك مۇشۇ ساھەدىكى قابىللار باشچىلىقىدا بىر ئەرەب تىلى ھەۋەسكارلىرى بىكىتى قۇرۇپ چىقساق قانداق بولار دەيمەن. ئەلۋەتتە باشقا كونكىرت لاھىيەلەرنى كىيىنكى باسقۇچتا پىلانلىساق بۇلىدۇ. قېنى كۆپچىلىك ياخشى مەسلىھەتلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر