باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2518 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دادىسى ئۈچۇن نەزىر قىلغان بالىلارغا....
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 609
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە609دانە
ئۆسۈش: 1270 %
مۇنبەر پۇلى: 7275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-07-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 19:44

دادىسى ئۈچۇن نەزىر قىلغان بالىلارغا....

كوچىدىكى ھۆرمەتلىك مايلامچىلار
مەدھىيىگە لايىق كوچا سۈپۈرگۈچىلەر
ياشىسۇن تىلەمچىلەر
يىرىم ئەسردىن كېيىن ئېقىپ چۈشتى ئاسماندىن .
ھەممىمىز تۆشۇكتەك قاراپ تۇرمىز
ئاتالدىڭلار سىلەر قەھىرمان!
                2
ئۆلوپ كەتكەنلەر روھىغا ئاتاپ ،
نەزىر قىلغاندۇ بۇگۇن كۈنگە پەيشەنبە.
نومۇستىن ئۆرتىنىپ ئۇغرى مۇشۇكتەك
مارىلاپ كىردىم
كىرمىگىلى ئۇزۇن بۇلغان مەسچىتكە.
.............
ھىچكىم بۇ يەردە تۇنمىسا مېنى،
خاتىرجەم بىر بۇلۇڭغا جايلاشتىم.
بىرسى قەيەردە كۆرگىنىمنى ئەسلىيەلمىسۇن،
دەپ قالسۇن دەلتە ياش ۋە ياكى يىتىم.
ھازىر
گەپ سورىمىسىلا خۇش بۇلاتتىم،
بوتتەك ئولتۇرۇش مەقبۇل،تۇغرا.
سۈرگۈنلوك ياشلىقىنى ئەسلىشىپ قىزغىن ،
ئۇنتۇپ قالغاندەك ئۆرپ -ئادەتنى،
مىنى ئۇنتۇپ كەتسە نىمە بولار؟
....................
ئولار نېمانچە ئەققىللىق ھەم ھاڭۋاقتى،
ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك يۈرۇشمەكتە،
پەقەت تېزرەك تارتىلسا چاي -ئاش
دەيتتىم ئىچىمدە دىرىلداپ تىترەپ
قاتتىق دەسسىگەچ سىمۇنىت يەرگە .
...........
شىلەپىلىك ،پاينەكباش ئەپەندىلەر ،
پەلتولۇق ،ئىڭىكىدە ياغلىق چىگىۋالغان خانىملار ،
سۇ بەرگەن،چاي قۇيۋاتقان ياش بالىلار ،
مىرىھبان شەپقەتلىك سىلەر ،مەنلا گۇناھكار.
..........
بىر ئۆمۇر تويۇپ باقمىغان زات
تاپىنى يىرىق-يىرىق مەشرەپ قەلەندەر،
جاڭ ئۇرۇۋاتقان تاقىرباش راھىب
يىنىڭلارغا كېتەي چاقىرىڭلار مېىنى!
....................
تەكلىپ قىلماي يەۋەردىم ئاۋۋال قول سېلىپ ،
قارىتىپ قۇيۇپ سورۇن تەلەت جاناپنى،
بەرمىگەن بۇلغىيمىتى خۇدا ئاۋايلاپ
پولو يېسە بۇلمايدىغان بىرەر كېسەلنى.
............
چۈشىنىدۇ بۇ مىنىڭ ناۋاتتەك ئاجزلىقىمنى
تۈرمىگە كىرمىگەنلەر ،مۇساپىرلار ،بەڭۋاشلار.
ئىككى كاپام ئالساملا تۇگەپ كېتىدىغانداك،
سىلەر يېمەڭلار ،مەنلا يەي دېگەندەك ،
ئالىيىپ قاراپ قويدۇم ئولتۇرغانلانلارغا
..........
قىرائەتكە قۇلاق سېلىپ قىلمىدىم دۇئا،
تۇۋۋا قىلىپ خۇدانىڭ پىنھان شەپقىتىگە .
ئەتىگىچە ياششىم ئۈچۈن بىمالال،
رەھمەت ئېيتىپ يىنىپ چىقتىم غىپپىدە،
دادىسى ئۈچۇن نەزىر قىلغان بالىلارغا....
مەنبە:ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى ئەسلى ماۋزۇسى <نەزىر>.ئاپتۇرى ساۋۇتجان يۈسۇپ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-07-13
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 22:17

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى رەسسام نىڭ 2012-04-26 19:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
[quote]بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2012-04-25 23:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھۇ،،پوشكالچى،،،،،،،،،،،،،،   
.....مۇشۇ شېئىرنى يازغان كىشى پۇشكالچى   ئۇخشايدۇ،،،،

نەزىرنى بۇرۇنتىن يولغا قويۇلۇپ  چەكلەنمەي كېلىۋاتقىن مۇشۇ بىر مۇساپىرلارنىڭ ئايلاپ ئۈيىدە تۈزەك تاماق يىيەلمەيدىغان كەمبىغاللارنىڭ مۇشۇ نەزىر بانسىدا بىرقېتىم بولسىمۇ قوسىغىنى تويدۇرۇپ ئاللاھقا شۈكىرى ئېيتىشى ئۈچۈن.مىكىندەپ پەرەز قىلىمەن كەچۈرىڭ بۇ مىنىڭشەخسى پىكىرىم.