باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 798 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مانا بۇ ھەقىقى مۇسۇلمان ئەخلاقى
دوستلىشىش
ئەلمۇسلىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10576
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 1407 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-30
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 15:29

مانا بۇ ھەقىقى مۇسۇلمان ئەخلاقى

                    
                        ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئالەملەرنىڭ پەرۋىشچىسى ئاللاھقا چەكسىز مەدھىيەلەر بولسۇن، ئىنسانىيەتنىڭ پەخرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا شۇنداقلا قىيامەتكىچە شۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلارغا چەكسىز سالام يوللايمىز،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ھازىر بىز ياشاۋاتقان دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىدا پەيدا بولغان تۈرلۈك ئىللەتلەر ۋە چىكىنىشلەر تۈپەيلى ئۇلار دۇچ كەلگەن ئازغۇنلۇقلار ۋە چۈشكۈنلۈكلەرنى تۈزىتىش نىيىتىدە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى مۇسۇلمانلارغا دۇنيا ۋە ئاخرەتلىك بەخىت سائادەت ئېلىپ كىلىدىغان ئەخلاق بىلىملىرىنى قىسقىچە بارلىق قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم.

ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە ئورۇندا مۇئمىنلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىشنىڭ ئىنتايىن زۈرۈر ئىكەنلىكىنى زىكرى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ،«ئى مۇھەممەد «ئەلەيھىسسالام» ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ،» (سۈرە ئال ئىمران 31-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) مانا بۇ ئەگىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىمراقى پۈتكۈل دۇنيا مەخلۇقلىرى ئىچىدە تىپىلمايدىغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ مىسلىسىز ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا نادانلىق قاراڭغۇلىقىدا يۈرگەن ئازغۇنلارنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى نۇر بولۇپ، ئۇ زات ئەخلاق-پەزىلەتتە يۈكسەك چوققا ۋە مۇئامىلە ئەخلاقىدا بولسا ساپ بۇلاق ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئىنچىكە تەپەككۈر قىلغان ھەر بىركىشى ئۇزاتنىڭ، ئىنسانىي بۈيۈكلىكلەرنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن مول مەنبە ۋە تۈگىمەس خەزىنە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىنى ئاللاھ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ،«ھەقىقەتەن سىلە ئەڭ بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى» (سۈرە نۇن 4-ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئىشتا ئەگىشىلدىغان ياخشى ئۈلگە بولۇپ ئۇ زاتنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى شەخىس ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆرنەك، ۋە پەيغەمبەرلىكىگە بولسا كۈچلۈك پاكىت بولغان ئىدى، ھەمدە شۇنىڭدەك ئۇ زات ئۆزىگە ۋەھىي ئارقىلىق يىتىپ كەلگەن ئىلاھى يولنىڭ تۈرتكىسىدە، مىسلىسىز بىر ئۈممەت ۋە تەڭداشسىز بىر مەدەنىيەت قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇشبۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىرىنى گۈزەل ئەخلاق ئۈستىگە قۇرغان ئىدى، بۇ ھەقتە ئۇزات مۇنداق دەيدۇ: « مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم.» (ھاكىم رىۋايەت قىلغان)
يۇقىردا بايان قىلىنغان ئايەت ۋە ھەدىستىن شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كىرەككى، ئىسلام دىنى ئەخلاق ئارقىلىق مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن مۇسۇلمانلاغا قويۇلىدىغان ئەڭ چوڭ تەلەپ، ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغىنىدەك. «سىلەرگە ئاللاھنى ۋە ئاخرەت كۈنىنى ئۈمىت قىلىدىغان، ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» دىگەن. (سۈرە ئەھزاپ 21-ئايەت) ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھايات يولىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى، ۋە گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ مېڭىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەينى دەۋىردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زامانداش بولغان پادىشاھلاردىن ئوممان پادىشاھى < جۇلەندا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىگە ھەيران قالغانلىقىدىن مۇنداق دېگەن: « ئۇنىڭ ئۆزى بۇيرىغانلىكى ئىشتا تۇنجى بولۇپ ئەمەل قىلغۇچى، توسقانلىكى ئىشنى بولسا تۇنجى بولۇپ تەرك قىلغۇچى بولىشى، قىلغان غەلىبىسىدىن كۆرەڭلىمەسلىكى ۋە مەغلۇبىيتىدىن ئۆكۈنمەسلىكى ھەمدە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشى ۋە بەرگەنلىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ماڭا ئۇنىڭ، ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇممي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى، مانا مەن ئۇنىڭ بەرھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىمەن. (قازى ئىيازنىڭ «شىپا» ناملىق كىتابى 1-توم 248-بەت)
شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام تەربىيىسىگە بولغان قارىشىمۇ ئەخلاقنى مەركەز قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىردىلا ئەرەبلەر بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن، مەسىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى شەيبان ئەلچىلىرىگە ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىۋېتىپ ئۇلارغا ئاللاھ تائالا نىڭ: «ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، اﷲ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر اﷲ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار.» (ئەنئام سۈرىسى 151-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايىتىنى ئوقۇپ بەرگەندە، ئەلچىلەر ئارىسىدىن مەفرۇق دېگەن كىشى مۇنداق دېگەن: « بۇ سۆزلەر ھەرگىزمۇ زىمىن ئەھلىنىڭ سۆزىدىن ئەمەس، ئاللاھقا قەسەمكى ئەگەردە يۇقارقىلار زىمىن ئەھلىنىڭ سۆزىدىن بولغىنىدا ئىدى بىز ئۇنى ئەلۋەتتە بىلىۋالالايتتۇق.»
ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلچىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ: « اﷲ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش - ئەقرىبالارغا سىلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز - ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، اﷲ سىلەرگە پەند - نەسىھەت قىلىدۇ » [نەھل سۈرىسى 90- ئايەت
] دېگەن ئايىتىنى ئوقۇپ بېرىشىگە <مەفرۇق> يەنە: « ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى سەن ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە چاقىردىكەنسەن، سىنى يالغانغا چىقارغان ۋە ساڭا قارشى قوپقانلار چوقۇم ھالاك بولغۇسى.» دېگەن.
ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل-ئەخلاقلارنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقى ھەر بىر سۆزلىرى ۋە ھەدىسلىرىدە مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى، مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مۆئمىنلەر ئىچىدە ئەڭ ئەخلاقلىق ۋە ئائىلىسىگە ئەڭ كۆيۈنگەنلەر ئىمانى ئەڭ كامىل كىشىلەردۇر.» [تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان]
بەيھەقى مۇئاز رەزىلەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇئاز رەزىلەللاھۇ ئەنھۇغا؛ مەن ساڭا ئاللاھتىن قورقۇشقا، راس سۆزلەشكە، ئەھدىگە ۋاپا قىلىشقا، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىققا، قۇشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، يىتىمغا شەپقەت قىلىشقا، باشقىلارغا چىرايلىق سۆز قىلىشقا، ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا سالام قىلىشقا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، ئارزۇ ھەۋەسكە ئەگەشمەسلىككە، ئىتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا، قۇرئاننى كۆپ تەپەككۇر قىلىشقا، ئاخىرەتنى دوست تۇتۇشقا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساپ بىرىشنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇشقا، مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولۇشقا بۇيرۇيمەن. ۋە سىنى ئىلىم ئەھلىلىرىگە ھاقارەت قىلىشتىن، ھەقنى ئاغدۇرۇشتىن، گۇناھكارغا ئەگىشىشتىن، رەھبىرىڭگە ئاسىيلىق قىلىشتىن، زىمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىمەن دىگەن.
يەنە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەكرار نەسىھەت قىلىپ: كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاقىڭنى ياخشىلا دىگەن.  
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن ئاللاھ ئىسلامنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ۋە چىرايلىق ئەمەللەر بىلەن زىننەتلىدى، دېدى. (مۇئەتتا رىۋايەت قىلدى)
دىمەك گۈزەل ئەخلاق دىنى جەھەتتىلا بولماستىن بەلكى ئىنسانى پەزىلەت جەھەتتىنمۇ ھەر قانداق بىر كىشىدە بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم سۈپەتلەردىندۇر، جۇملىدىن بىز مۇسۇلمانلار ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقىنى ئاللاھنى كالامى ۋە رەسۇلىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملەپ پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنى قايىل قىلالىغۇدەك ھالەتكە كىلىشىمىز ئىنتايىن زۈرۈر،
بۇنىڭغا بولغان ئەينەن پاكىت ئەينى زاماندا پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابى ئىكراملارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن ئىسلامنڭ ھەقىقى توغرا دىن ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىدىن تەستىق قىلىپ ئىمان كەلتۇرگەن كىشىلەنىڭ سانىنىڭ قورال ئاستىدا ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەنىڭ سانىغا قارىغاندا كۆپ بولغانلىقى.
ھەتتاكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپ شەھرىگە ئىسلام دەئۋىتى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە بارغاندا شۇ يەرلىك كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەئۋىتىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەز قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاش چالمىلارنى ئېتىپ ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى قانغا بويىغان ۋاقىتتىمۇ ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ ھىلاك بولىشىغا دۇئا قىلماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ «ئەپۇنى دوس تۇتقىن. ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا ۋە ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرىغىن. نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن، دىگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا سېغىنىپ «ئى رەببىم قەۋمىمنڭ قىلغانلىرىنى كەچۇرگىن، ئۇلار بۇ خاتالىقلارنى بىلمەسلىكتىن قىلدى، دەپ ئۇلارنىڭ ھىدايىتىگە دۇئا قىلغانلىقى.
شۇنداق بولغان ئىكەن بىز مۇسۇلمانلارمۇ پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىمىز دەيدىكەنمىز، پەيغەمبىرىمىز قۇرئان كەرىمنى ئۆز ئەخلاقىنىڭ ئۆلچىمىنى قىلغان، بۇ توغرىسىدا مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللانىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى» بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاق ئۆچىمىنى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ئەپۇچانلىق كەڭ قۇرساقلىقنى ساداقەتمەنلىكنى ۋە راسچىللقنى ئېغىر بېسىقلىقنى، ئادىللىقنى ھەمدە  مەرتلىكنى، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ھايالىق بولۇش، سەۋىرچان بولۇش چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، خۇلۇم خوشنا جەمىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەربىلەن ئىناق ئىتىپاق ئۆتۇش باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئۆزىمىزنىڭ زىيىنى دەپ بىلىش، قاتارلىقلارنى ئۆزىمىزگە لازىم تۇتۇش. يۇقارقى ئىشلارنىڭ ئەكسى بولغان مۇسۇلمانلاردىن كەلگەن ئەرزىيەتكە چىدىيالمايدىغان، ئىچى تارلىق، ۋاپاسىزلىق، يالغانچىلىق تولا ئاچچىقلىنىش، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش،نامەردلىك قىلىش،ئەھدىگە تۇرماسلىق، ھاياسىزلىق، جىدەل ماجرا قىلىش ئاتا ئانىى قاقشىتىش، بىرەر مۇسۇلمانغا پايدا مەنپەئەت كەلسە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىش، ئەگەر بىرەر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازانسا ئۇنى كۆرەلمەسلىك، ئۇلارغا زىيان زەخمەت يەتسە خۇشال بولۇش قاتارلىق ئىنسانى پەزىلەتكە زىت كىلىدىغان ھەر قانداق رەزىل ناچار پەسكەش ئىللەتلەرنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارنىمۇ شۇنداق ناچار قىلىقلارنى قىلىپ سېلىشتىن كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئەخلاقىمىزنى ياخشىلاپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى توسۇش ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىزنىڭ شۇئارىدۇر، ئاللاھ تەئالا ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمدە، بىز ئۈممەتنىڭ باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن تۇسىدىغان ئىسىل ئەخلاقنى سۈپەتلەپ: « (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! ) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن تۇسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر.» دىگەن، سۈرە ئال ئىمران 110ـ ئايەتنىڭ بىر قىسمى
ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتتىكى ساھابىلەر ئەخلاقىدىن ھېچ نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ، ئاللاھ تەئالا بۇ ئۈممەتنى سۈپەتلىگەندە شۇ ساھابىلەرنىڭ ئىسىل ئەخلاقىغا لايىق ھالدا سۈپەتلىگەن، لىكىن ھازىر بەزىبىر ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغان ئىمانى ئاجىز مۇسۇلمانلىرىمىز ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ ئۇممەتكە بەرگەن سۈپىتىگە تۈپتىن مۇخالىپ كەلمەكتە، ئەتراپىدا نۇرغۇن يامان ئىشلارنىڭ يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتمەكتە، ھەتتاكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەخلاق جەھەتتە قانچىلىك ئەگىشەلىگەنلىكىنى ساھابىلەر قىلغاننىڭ نەچچىنىڭ بىرىنى قىلالىدىمۇ ياكى قىلالمىدىمۇ، بۇنى ئويلاپ باقماستىن، ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى ھەسەتخورلۇق قىلىپ يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا،
ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام ئېيتقان: « مۇئمىنلەر خۇددى بىر تەنگە ئوخشايدۇ، ئەگەر شۇ تەندىن بىرەر ئەزا دەرت تارتىدىغان بولسا باشقا ئەزالارمۇ قىزىش ۋە ھارغىنلىق بىلەن شۇ ئەزاغا ئوخشاش دەرت تارتىدۇ.» بۇ ھەدىسكە قارايدىغان بولساق، ھەدىسنىڭ روھى بۇيىچە ئىش قىلالىدۇقمۇ ياكى قىلاممىدۇقمۇ؟ بىرەيلەن زىيان زەخمەتكە ئۇچرىسا خۇشال بولدۇقمۇ ياكى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قايغۇردۇقمۇ؟ قايغۇرمىدۇقمۇ؟ ياكى ئۇنىڭغا قاراپ خۇشال بولۇپ كۆڭۈل خۇش قىلدۇقمۇ؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىللەتلەر مۇسۇلمانلاردا زادى قانچىلىك؟ بۇنى تۈزىتىش كىرەكمۇ ياكى داۋاملىق شۇ ئىللەتلەرنى ئۆزىمىزگە سۈپەت قىلىپ يۈرۈشىمىز كىرەكمۇ؟ بۇ ھەر بىر كىشى ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ئەمدى بۇ ياخشى ئەخلاقلارنى ئىبادەت سۇرۇنلىرىدىلا ئەمەس بەلكى ھەر خل ئاممىۋى سۇرۇنلاردا يەنى، مەيلى بازارلاردىكى تىجارەت ساھەسىدە، مەيلى ئاۋات شەھەرلەردىكى يۈرۈش - تۇرۇش گەپ سۆزلەردىلا بولمىسۇن ياكى غەيرى دىندىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلاتلار قاتارلىق بىزنىڭ ئىجتىمائى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە ئەينى زاماندىكى ساھابە ئىكراملارنىڭ ئىسىل ئەخلاق پەزەلىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇلارنى ئۆزىمىزگە يول باشچى قىلىپ ماڭىدىغان بولساق، ئاللاھ خالىسا بۇ زىمىننى تېخىمۇ گۈزەل مەدەنىيەتكە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى مەدەنىيىتىمىزگە قول قويغۇدەك بىر مىللەت بولالىغان  بولاتتۇق.
سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھى سالامنىڭ ياخشى ئەخلاق - پەزىلىتى توغرىسىدا سۆزلىگەن بىر نەچچە ھەدىسىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇئمىنلەرنىڭ ئىمان جەھەتتە كامىل راقى ئۇلارنىڭ ئەخلاق جەھەتتە كامىل راقىدۇر» دىگەن. (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلدى).
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (ھەقىقەتەن مۇئمىن ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئەخلاقى بىلەن، كىچىدە قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزى رۇزا تۇتقۇچىلارنىڭ دەرىجىسەگە يىتىدۇ).(بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلدى)
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغىنىڭلار، ۋە ئەڭ سۈيۈملۈك تۇيىلىدىغىنىڭلار، ئەخلاقى ئەڭ ياخشى بولغىنىڭلار، قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يىراق تۇرىدىغىنىڭلار،  ۋە ماڭا ئەڭ ئۆچ كۈرىلىدىغىنىڭلار، تولا گەپ قىلىدىغان ۋە كوت كوتلىرىڭلار، ۋە ھاكاۋۇرلىرىڭلار » دېدى. (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ئالارىۋايەت قىلدى).

يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ھەقىقەتەن ئاللاھ تەئالا ئاراڭلاردا رىزىقىڭلارنى تەقسىم قىلغاندەك، ئەخلاقىڭلانىمۇ تەقسىم قىلدى، ئاللاھ دۇنيانى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياخشى كۆرمەيدىغان بەندىسىگە بىرىدۇ، بىراق ئىماننى پەقىت ياخشى كۆرگەن بەندىسىگىلا بىرىدۇ، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بەندىنىڭ قەلبى ۋە ئۇنىڭ تىلى مۇسۇلمان بولمىغۇچە ئۇ مۇسۇلمان بولمايدۇ، ۋە يەنە بىر بەندىنىڭ قوشنىسى ئۇنىڭ زۇلۇمىدىن خاتىرجەم بولمىغۇچە، مۇئمىن بولالمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەزۋەجەللە يامانلىقنى يامانلىق بىلەن ئۆچۈرمەيدۇ، بەلكى يامانلىقىنى ياخشىلىق بىلەن ئۆچۈرىدۇ، ھالبۇكى يامانلىق يامانلىقنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.» ( بۇ ھەدىسنى ئەھمەد رىۋايەت قىلدى.)
شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ بەزى ئۆلىمالار گۈزەل ئەخلاق ئىگىلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دىدى: « گۈزەل ئەخلاق ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا، ئىككىنچىسى ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدا،  ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى چىرايلىق ئەخلاق تۆۋەندىكىچە، ـــ بەندە ئاللاھ تەئالانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ۋە چەكلىگەن ئىشلىرىغا قارىتا قەلبى ئۇچۇق ھالەتتە بولىدۇ، ئاللاھ تەئالا پەرز قىلغان ئىشلارنى نەپسىنى پاك تۇتقان ھالەتتە ئىتائەتمەنلىك بىلەن قىلىدۇ، ۋە ئاللاھ تەئالا ھارام قىلغان ئىشلارنى رازى بۇلۇپ بىئاراملىق ھىس قىلماستىن يانىدۇ. ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقىدۇ، ئىسلامدا مۇستەھەپ سانالغان ئەمەللەرنىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىلگەن ھالەتتە ئىجرا قىلىدۇ، ئىسلامدا قىلسىمۇ بولىدۇ دەپ رۇخسەت (يەنى مۇباھ) سانالغان ئىشلارنى ئاللاھ تەئالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تەقۋادارلىقنى ئىزلەپ ئۇ ئىشنى تەرك ئىتىدۇ، ئۇنى تەرك ئىتىشنىڭ تەقۋاقىققا ئۇنى قىلىشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىسا ئۇنى خۇش بىشارەت بىلگەن ھالەتتە، زىرىكىپ قالماستىن، قىيىنچىلىق ھىس قىلماستىن تەرك ئىتىدۇ.
ئىككىنچى، ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاق تۆۋەندىكىچە ـــ ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىدا كەڭ قورساق بولىدۇ لىكىن باشقىلاردىن كەڭ قورساق بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر كىسەل بۇلۇپ قېلىپ باشقىلار يوقلاپ كەلمىسە، سەپەردىن قايتىپ كىلىپ باشقىلار ھاردۇقمۇ سورىمىسا، مىھمانغا بارغاندا ھۆرمەت قىلىنمىسا، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ جاۋاپ بىرىلمىسە، باشقىلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بەرسە شۈكرى قىلنمىسا، بىرەر يەرگە بارسا ئورۇن بىرىلمىسە، سۆزلەۋاتقاندا باشقىلار دىققەت بىلەن ئاڭلىمىسا، بىرەر دوستىدىن رۇخسەت تەلەپ قىلسا رۇخسەت بىرىلمىسە، بىرەرىنىڭ قىزىنى ئېلىشقا خىرىدار بولغاندا ئۇلار تەرىپىدىن رەت قىلىنسا، قەرزگە مۆھلەت بىرىلمىىسە ياكى كەمەيتىش تەلەپ قىلسا كەمەيتىپ بىرىلمىسە، ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل تەڭسىزلىك ئەھۋاللارغا ئۇچرىغاندىمۇ غەزەپ قىلمايدۇ.
« گۈزەل ئەخلاق ئىگىسىدە بولىدىغان ئالامەت، ئىنتايىن ھايالىق بۇلۇش، باشقىلارغا ئەرزىيەت بەرمەسلىك، ياخشىلىقى كۆپ، راستچىل، ئاز سۆزلۈك كۆپ ئەمەل قىلغۇچى، ھەقتىن ئېزىپ كەتمەيدىغان، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشمايدىغان، ئۆزى ناھايىتى ياخشى، كەمتەر، چىداملىق، شۈكۈر قىلغۇچى، ئاللاھنىڭ نىئمىتىگە رازى بولغۇچى، مۇلايىم، كۈيۈمچان، ئاق كۆڭۈل، شەپقەتلىك بۇلۇش قاتارلىقلار. بۇنداق گۈزەل ئەخلاق ئىگىلىرىدە، لەنەتخورلۇق، باشقىلارنى تىللاش، چېقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، ئالدىراقسانلىق، ئاداۋەتخورلۇق، پىخسىقلىق، ھەسەدخورلۇق قاتارلىق ناچار ئەخلاقلار ئەسلا تېپىلمايدۇ. ئەكسىچە بۇلار ئىنتايىن خۇش چىراي، خۇش پىئىل، باشقىلارنى ئاللاھ ھەققىدە دوست تۇتىدىغان، دۈشمەن تۇتسا ئاللاھ ھەققىدە دۈشمەن تۇتىدىغان، ئاللاھ ھەققىدە رازى بۇلۇپ، ئاللاھ ھەققىدە غەزەپ قىلىدىغان سۈپەتلەر بىلەن كىلىدۇ، مانا بۇ ھەقىقى گۈزەل ئەخلاقتۇر.»
گۈزەل ئەخلاق ئىگىلىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بولىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك پايدىلار:
1ـ ئىماننىڭ كامىل بۇلىشى ۋە ئىسلامنىڭ چىرايلىق بۇلىشى.
2ـ بەندىنى ئاللاھ تەرىپىگە ئەڭ يېقىن قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى.
3ـ بەندە كىشىلەر بىلەن بولغان ئەخلاقىنى ياخشىلىسا ، بۇ كىشىنى ئاللاھ ۋە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دوست تۇتىدۇ.
4ـ گۈزەل ئەخلاق كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىدۇ، ۋە كىشىلەر شۇ كىشىنى ئۆزىگە قارىتىدۇ.
5ـ ھەقىقەتەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت سائادەتنىڭ ھەممىسى گۈزەل ئەخلاقتا بولىدۇ.
6ـ بەندە ئۆزىنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن سۈپەتلىگەندىن ئارتۇقراق سۈپەت بىلەن سۈپەتلىيەلمەيدۇ، ھەمدە ئەسكى ئەخلاق بىلەن ئەسكى دەپ سۈپەتلەنگەندىن ئارتۇقراق ئەسكى سۈپىتىمۇ بولمايدۇ.
7ـ گۈزەل ئەخلاق دەرىجىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
8ـ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دوست تۇتىشى ۋە قىيامەت كۈنىدە يېقىن بۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
9ـ ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ كامىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
10ـ گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى جەننەتتە ئۈستۈن دەرىجىدە بولىدۇ.
11ـ ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاق ئىنساننى كەڭ قورساقلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلىككە باشلايدۇ.
يۇقىرقى ھەدىس ۋە ئايەتلەردىن ئايان بولىدۇكى، ھەر قانداق بىر ئىنسان گۈزەل ئەدەپ ئەخلاق ئىگىسى بولىدىكەن، ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بولىدىغان مەڭگۈلۈك بەخت سائادەتكە ئىرىشىدۇ، شۇڭلاشقا بىزمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەدەپ ئەخلاقىمىزنى ياخشىلىشىمىز، ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلىگەن ياخشى بەندىلەردىن بۇلۇش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشىمىز زۆرۈر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەقىقى مۇستەھكەم ئىمان، گۈزەل ئەدەپ ئەخلاق، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولىدىغان نارىسىدىلەرگە كامىل ئىمان، قىز ئاياللىرىمىزغا شەرمى - ھايا ، ئەدەپ ئەخلاق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت سائادەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن!

مەنبە: ئۆز قەلىمىم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2578
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 485 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-02
ئاخىرقى: 2012-05-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-27 11:39

ئللاھ رەھمەت قىلسۇن.