فىلىمنىڭ 57.01 مىنۇتلۇق يېرىگە كەلگەندە تاتار قىزى تاتارلارنىڭ مەشھۇر ناخشىسى <<ئەي، گۈزەل قىرىم!>> نى ئېيىتتى. شۇ زامانلاردا بۇ ناخشىنى قانچە رەت ئاڭلىغىنىمنى بىلمەيمەن، قانچىلىك ھىسلارغا چۆمۈلگىنىمنى دەپ بېرەلمەيمەن، يەنە ئىختيارسىز ناخشا مەزمۇنىغا چۆكۈپ كەتتىم، نېمىشقىكىن كۆزۈمدىن يەنە ياش ئەگىدى. بۇ ناخشىغا تاتارلارنىڭ قان-ياشلىق تارىخى پۈتۈلگەن،تاتار قىزى بۇ ناخشىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېيتىپ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. قىزىق يېرى بۇ ناخشىنىڭ مىلودىيسىى ۋە ئاھاڭى <تارىم ناخشىسى> بىلەن <سېنى ئەسلەيمەن> دىگەن ناخشىلىرىمىزغا سەل-پەل ئوخشاپ قالامدۇ-قانداق، ماڭا شۇنداق تەسىر بەردى.