ئىسلامى تور بىكەتلەر شۇنچە قورقۇنۇشلۇقمۇ؟
ئېلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىپ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان كەشپىيات ۋە يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن كاتتا سوۋغىسى دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقلىق قىلمايدۇ ، جۈملىدىن Internet يەنى تور بىزگە ئويلىمىغان قۇلايلىقلارنى ۋە شارائىتلارنى كەلتۈرۈپ بەردى . مەسىلەن ؛ بىز بۇرۇن قىرائەت ۋە ماقالىلەرنى ئاڭلىماقچى ھەم ئوقۇماقچى بولساق بىر قاتار ئاۋارچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرەتتۇق، لېكىن ھازىر ئۆيىمىزدە ئولتۇرۇپلا مۇڭلۇق قىرائەتلەرنى ئاڭلىيالايمىز ،نادىر ماقالە ئەسەرلەرنى كۆرەلەيمىز ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن كۆپ تىجەشلەرنى ئېلىپ بارالايمىز . بىزگە مۇشۇنداق ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن. << ئاللاھ >> چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن .
ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىمىزدە سۈپەت ۋە مەزمۇن جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان نادىر تور بېكەتلەر بارلىققا كەلدى . شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەم ناچار ، سۈپەتسىز تور بېكەتلەرمۇ يوق ئەمەس ، لېكىن بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇر تور زىيارەتچىلىرىگە نېمە بولدىكىن ناخشا مۇزىكا ، كىنو-فىلىم ، ۋە باشقا مەزمۇنلار بار تور بېكەتلىرىگە خاتىرجەم ھالدا كىرىپ زىيارەت قىلدىكەن، بىراق ئىسلامى مەزمۇن بار تور بېكەتلەردىن ئۆلگۈدەك قورقىدىكەن . نېمە سەۋەب؟
بەزى زىيارەتچىلەرنىڭ قارشىدا ئىسلام تور بېكەتلەر قانۇنغا خىلاپ ، ئەگەر بىز زىيارەت قىلساق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىمىز دەپ ئويلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئىسلامى تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ئەمەس سىز قانۇننى چۈشەنمەي تۇرۇپ قارغۇلارچە پەرەز قىلىپ ئىسلامى تور بېكەتلەر تەرەقىياتىغا توسالغۇلۇق قىلماڭ ، بىز ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلۋاتقان بىر مىللەت . بىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىمىز ، قائىدە-يۇسۇنلىرىمىز ، ھەم تۇرمۇش ئۇسۇللىرىمىزمۇ ئىسلام دىنى چىگىرسىدىن ھەرگىز قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ . چۈنى ئىسلام دىنى بىزنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشىمىزغا سېڭىپ كەتكەن ، شۇنداق بولغانىكەن، سىزنىڭ قانۇنسىز دەيدىغانغا نىمە ھوقۇقىڭىز بار !!!
بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىسلام تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز دىگەن خاتا چۈشەنچە بولغاچقا، تور بېكىتىمىزگە ۋە باشقا ئىسلامى مەزمۇنلار بار تور بېكەتلەرگە يۇشۇرۇن ھالدا كىرىدۇ . بىزنىڭ سىزگە تەۋسىيە قىلدىغىنىمىز شۇكى: تور بېكىتىمىزگە ئاشكارا ھەرقاندااق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق شارائىتتا كىرىپ خاتىرجەم ھالدا زىيارەت قىلىۋىرىڭ. چۈنكى بېكىتىمىزدە ھەرگىزمۇ قانۇنسىز مەزمۇن يوق ، ئەگەر بىرەسى سىزنى مۇشۇ تور بېكىتىمىزگە كىرىشتىن چەكلىسە شۇ چەكلىگەن كىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ ، ۋە پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇرگەن بولىدۇ. تورداشلارنىڭ پايدىلنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنى ھۇقۇقىنى قوغدىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى قانۇننى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى 36 – ماددا : جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىماسلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتمەسلىكى لازىم. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى11 – ماددا : مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىماسلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتمەسلىكى لازىم. دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، پۇقرالارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا، جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىدا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (1989 – يىل 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى) 41 – نومۇرلۇق سەككىزىنچى: قانۇنسىز ھالدا پۇقرالارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشكە ئائىت دېلولار (<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 147 – ماددىسى). دۆلەت خادىملىرىدا قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ياكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن قانۇنسىز ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ئارىلاشقان، دەخلى يەتكۈزگەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ؛
1- مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىش ياكى مۇرىتلارنى دىنىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش، پۇقرالارنى دىنغا ئىشىنىشكە ياكى مەلۇم بىر مەزھەپكە ئىشىنىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولسا ، دېلو ئېچىش كېرەك.
2- قانۇنلۇق دىنىي سورۇنلارنى ھەمدە باشقا دىنىي مۇئەسسەسەلەرنى قانۇنسىز ھالدا پېچەتلىۋەتكەن ياكى چېقىۋەتكەن بولسا دېلو ئېچىش كېرەك.
3. ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆرپ – ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە قانۇنسىز ھالدا ئارىلىشىپ ۋە دەخلى يەتكۈزۈپ، مىللىي ماجىرالارنى كەلتۈرۈپ چىقارسا؛ 4. قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىپ باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا دېلو ئېچىش كېرەك.
ئىسلامى تور بىكەتلەر سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق ئەمەس ، ھازىرقى زىيارەت مىقدارى كۆپرەك بەزى ئۇيغۇر تور بەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئىسلامى تور بېكەتلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئاتالمىش باناسى تۇلىمۇ ئاددى بۇلۇپ ئۇلار ئىسلام تور بېكەتلەرنى قەتئىي قوللىمايدۇ. ئۇلار نەپنى ئويلامدۇ ، ياكى قانۇنسىز دەپ ئويلامدۇ ئىشقىلىپ ھەر ئىككى خىل ئېھتىماللىق مەۋجۇت . جۇملىدىن مەنمۇ بىرقانچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان تور بېكەت مەسئۇللىرى بىلەن پاراڭلىشىپ كۆردۇم . نەتىجە يۇقىرىدا ئىيتىلغاندەك بولدى .
ئۇلار سەۋەب قىلغان ئىشلارغا مەن تۆۋەندە ئازرااق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي: شۇ قانۇنسىزلىق؟ : مەن يۇقىرىدا بۇ توغۇرسىدا دەپ بولدۇم يۇقىرىدىكى مەزمۇننى چۈشىنىپ ئوقۇسىڭىز ئىسلام تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ئەمەسلىكىنى بىلۋالسىز .
نەپنى ئويلامدۇ ؟: مەنچە بۇنداق بولىشى تەبىئى چۈنكى ئۇلارمۇ مۇلازىمىتىرنىڭ يىللىق پۇلى ۋە ئىشلەيدىغانلارنىڭ مۇئاشى ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇلى دېگەندەك ئىشلارنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ ، لېكىن بىر يىرى ئۇلار پۇل دەپ ئۇدۇللا ئىيتالمايدىكەن . سەۋەبى ئىسلام دىنىمىزغا بولغان ھۆرمىتى بولسا كېرەك . سىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ دىنىمىزنى ئويلىغىنىڭىزغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن ! قەلبىڭلەردە ئويلىغانلىرىڭلارنى دەۋەرسەڭلەر بولىدۇ ، ئىسلامى تور بېكەت قۇرغۇچىلار سەل كەمبەغەل بولدىكەن، ئەمما قولىدىكى بارىنى بىرىشكە تەييار تۇردىكەن !
ئۇلار ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتىنى بىلمەيدۇ ؟ : سىزلەرگە دەيدىغىنىم بەلكىم سىز شۇ ئاتالمىش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسلامى تور بېكەتلەر تەرەقىياتغا توسالغۇلۇق قىلۋاتقىنىڭىزنى بىلمەي قىلۋاتىسىز ، قوللىماسلىقنىڭ ئۆزى بىر توسالغۇ ، سىزنىڭ شۇ توسالغۇلۇق قىلغىنىڭىز تۈپەيلىدىن ھازىر ئۇيغۇر ئىسلامى تور بېكەتلەر تەرەققىياتى بەك ئاستا بولۋاتىدۇ . لېكىن بۇ ئىسلامى تور بېكەتلەر ئۈچۈن باش قاتۇردىغان مەسىلە ئەمەس .ئەمما بۇ سىز ئۈچۈن باش قاتۇردىغان مەسىلە . ئۇ سىزنىڭ مەسئۇليىتىڭىز ، سىزنىڭ بۇرچىڭىز ، چۈنكى سىزنىڭمۇ دىنىڭىز ئىسلام ئەمەسمۇ ؟