باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1198 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تاققا-تۇققا، زەنجىر ھالقا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 310
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە310دانە
ئۆسۈش: 4904 %
مۇنبەر پۇلى: 5947 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2012-01-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 11:17

تاققا-تۇققا، زەنجىر ھالقا

مەن ئەيسا ساقال، يەكەندىن، كىچىككىنە كۆڭۈل سۆزۈم بار، تەﻫرىر بولغاندىكىن بېسىپ قويارسىلەر.
ئەڭ ياخشىسى ﻫېچنېمە يازمىغان ياخشى ئىدى، لېكىن يازماي تۇرالمىدىم. سۆزلىسەم سۆزۈم تەكلىماكانننڭ قۇمىدەك تولا... بېشىمنى تۆگە قۇشىدەك قۇمغا تىقىۋالغۇم كەلمىدى. مەن كۆتۈمنى بۆرە يېسە يېسۇن، كۆزۈم كۆرمىسۇن دەيدىغان نامەرتلەردىن ئەمەس. مەن دېگەن يەكەنلىك ئۇيغۇر، ئەجدادىم خان نەسلىگە تۇتىشىدۇ. سىلەر ئۇقمايسلەر. يەكەننىڭ نەشىسى ئالامەت. سادام نېمىشقا دارغا .ئىسىلدى. بىز خەققە ﻫېچكىم ئىشەنمەيدۇ، مەركەز بىزنى يۆلەۋاتىدۇ. پاكىستان دېگەن غالچا ﻫۆكۈمەت ئامېرىكىنىڭ تاپىنىنى يالاپ جان باقمىسا بىر نېمىسى كەملەپ قالاتتىمۇ؟ ئابدۇللا ئابدۇرەﻫىم دېگەن ئاداش جەننەت ئانام دەپ ناخشا ئېيتقان بىلەن مارالۋېشىغا نەچچە قېتىم باردى؟ بىن لادىننى خوتەندە دەپ ئاڭلىۋىدۇق، ئەمدى زاكاۋى دەپ بىرسى چىقتى، قارىسا قەشقەرلىققىلا ئوخشايدىغان گۇيكەن. پوشكال داموللاملار خۇدادىن راستىنلا قورقامدىغاندۇ؟ خۇدادىن ﻫەقىقىي قورقۇپ ياشاۋاتقانلار بارمۇ بىزدە؟ مەن ئىمان توغرىلىق ماقالە يازماقچىدىم، ساۋاتسىزلار كۆپ بولغاچقا يازمىدىم. يازساممۇ شۇ موللاملار ئوقۇيدىكەن، ئوقۇپ ئەمەل قىلسا قىلدى، قىلمىسا ئىشىم بىكار بولىدىغان گەپ. مەن قەغەز ئىسراپچىلىقىدىن بىزار. ئوباما دېگەن بوش نېمە ئەمەسكەن،  سايلاندى، ئۇنى بىز بىلگەن بىلەن بىزنى ئۇ بىلەمدىكەن؟ جاﻫاندىكى ئەڭ چوڭ ئادالەتسىزلكتىن بىرسى مانا مۇشۇ. مەﻫەللىمىزدىكى سايىماخۇن شودۈيجاڭ سادامنىڭ نەچچە خوتۇنى بارلىقىنى، ئوغۇللىرىنىڭ نەچچە خوتۇن ئېلىپ، نەچچە ئەرەبنى ئۆلتۈرگەنلىكىكىنى بىلىدۇيۇ، خوتۇنىنىنىڭ تىقىپ قويغان قانچە پۇلى بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ﻫاراق دېگەن دۇنياۋى نەرسە، ئىچسڭىز ﻫارام، ئىچكەندىكىن بولىسىز ساراڭ، مۇشۇ جەمئىيەتتە بولۇۋاتقانلارنىڭ ﻫەممىسى ئاقمايدىغان پاراڭ! ماقالە يازىدىكەن، ئوقۇيدىكەن، تاشلايدىكەن، يېڭى سان قاچان چىقىدىكەن دەيدىكەن. ئەرلەر يېڭى ئالغان خوتۇنلىرىدىنمۇ خېلى بىر نېمە ئۆگىنىدۇ. ئەمما كىتابتىن نېمە ئۆگەندى؟ ئېشەك... خوتۇن... ﻫاراق... بېدە... زاكوسكا... زورونىڭ ئىتى ..يازغۇچىلارغا تون كەيدۈرۈش... .. نەسلىك، پەسلىك... ﻫەي تەﻫرىر ئاداشلار، سىلەر زادى نېمە ئىش قىلىدىغان خەق؟ ئاپتور بىلەن تەﻫرىرنىڭ ئالاقىسى خۇددى ئوغرى بىلەن ساقچىغا ئوخشايدىكەن.. سادامنىڭ گېپى كونىراپ قالدى... ئەمدى ئۇ تۈگەشتى..ئەھمەد نىجات چىقتى ئورنىغا . بىز خەققە ئۆزبېك، قىرغىزلارنىڭ گېپىلا خوشياقىدۇ... لېكىن رۇس ئېيقىلىرى ئاللىقاچان لەنەت تۈۋرۈكىمىزگە مىقلاندى.
خوتۇن چاقىرىۋاتىدۇ، بولدى ئاخىرىنى كېيىن يېزىپ سالاي.. خەير خۇداغا ئامانەت.

ئەيسا ساقال يازمىسىكەن....
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30

ھى ھى ھى ھى ..................   بىزنىڭ مەھەللىدىكى خالىق شائىرنىڭ ئۆزىكەن بۇ...........        
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 980
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-15
ئاخىرقى: 2011-06-24
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-17 10:32

ياخشى يېزىپتۇ چەشمىنى، مەن قوللايمەن.