باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 709 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈركىيەدە ھەقسىز ئۇقۇش ئۇچۇرى ( پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ )
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11111
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 52
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 715 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-13
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 21:28

تۈركىيەدە ھەقسىز ئۇقۇش ئۇچۇرى ( پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ )

چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارغا پايدىلىق بىر ئۇچۇرنى مۇرات ئورخۇن ئەپەندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن. مۇرات ئەپەندىنىڭ خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسى تۆۋەندىكىچە:
ھۆرمەتلىك تور بىتى باشقۇرغۇچىلىرى:
بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەردىن، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئەكىلىپ ئوقۇتماقچى. ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاستە توردىن تىزىملىماقچى.
تورنىڭ ئادرىسى بولسا:
http://www.ytb.gov.tr/index.php/en/component/content/article/54-turkiye-burslari/287-turkiye-burslari
كۆرىنگەندەك، بۇ توربىتى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ رەسىمى (ھۆكۈمەت) تور بىتى،،،،،،،.داۋامىغا قىزىقسىڭىز،،،،،
بۇ توربىتىدە: تۈركچە، ئەرەپچە، خەنزۇچە دىگەندەك 6 خىل تىلدا ئىلان بىرىلگەن. ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش 4-ئاينىڭ 15-20 كۈنلىرى بولماقچى.
تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان، دوكتورلۇق، ئاسپىرانتلىق ۋە تولۇق كۇرس (ئۇنىۋېرسىتېتتا) ئوقۇيدىغان ھەممە ئادەم تىزىملاتسا بولىۋىرىدۇ. ئەگەر، ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپ قالسا، بالىلارنىڭ ئوقۇشى تۈگىگىچە، تۈركىيە دۆلىتى، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا:
•يىلدا بىر قىتىم ھەقسىز ئايرۇپىلان بىلىتى
•ياتاق پۇلى
•كىيىم-كىچەك پۇلى
•كىتاپ-قەلەم پۇللىرى
•ئاپتوبۇسلارغا ئىشىلتىدىغان پۇللىرى ھەممىسىنى تەمىنلەپ بىرىدۇ.
بالىلار تاللانغاندا، ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلەرگە قاراپ تاللايدىكەن.
مەسلەن، ئەگەر تىبابەتكە (دوختۇرلۇق) 100 سان بەرگەن بولسا، بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغان ۋە تىزىملاتقان پۈتۈن بالىلاردىن ئەڭ ياخشى 100 بالىنى تاللايدىكەن. يەنى، ئەگەر ھەقىقەتەن ياخشى بالىلار بولسا، تىخىمۇ كۆپ بالىلار ئوقۇشقا كىلەلەيدىكەن. تاللاش تەپسىلاتى تور بىتىدە يەنە ئىلان قىلىنماقچى… تەخمىنەن 3000-4000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى.
بۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەممە مەكتەپلەرگە ۋە ئۇنۋېرستېتلەرگە خەۋەر بەسەك ياخشى بولىدۇ.
شۇڭا سىز تور بىتى باشقۇرغۇچىلىرىغا خەۋەر بەردىم. دىگىنىمدەك، بۇ تور بىتى تۈركىيەنىڭ رەسمى تور بىتى. باشقا يەرلەدىن سوراپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ھىچقانداق مەسلە يوق. ياكى سىزلەر ئىلان بىرىشتىن بۇرۇن،
http://www.ytb.gov.tr/index.php/en/component/content/article/54-turkiye-burslari/287-turkiye-burslari
گە خەت يىزىپ سوراپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ پايدىلىنىپ قالسۇن.
قانچىلىك كۆپ بالا تىزىملاتسا شۇنچىلىك ياخشى. چۈنكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىز، دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن بەسلىشىدۇ.
سىلەرگە رەھمەت.
ھۆرمەت بىلەن:
دوتسېنت، دوكتۇر مۇرات ئورخۇن
كومپيۇتېر بىلىملىرى فاكۇلتېتى
ئىستانبۇل بىلگى ئۇنۋېرستېتى
ئىستانبۇل، تۈركىيە
Tel: 0212 311 53 17
يۇقارىقى خەتنى ھەرقانداق توربەتتە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلساڭلار بولىدۇ. قانچىلىك كۆپ قېرىنداشلار بىلسە شۇنچە ياخشى. شەرتى بارلارغا پۇرسەت يار بولسۇن. شەرتى يوقلار كېلەر يىلى بولسىمۇ شەرتنى ئادا قىلسۇن.
تىزىملىتىشنى بىلمىگەنلەر بىۋاستە ئۇچقۇن بلوگىغا كىرىڭلار
مەنبە ئۇچقۇن بلوگى : http://www.uchqun.com

[ بۇ يازمىنىchayan 2012-04-28 18:29قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 318
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 667 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2012-05-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-27 23:45

مەنمۇ تىزىملىتىشنى بىلەلمىدىم