باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2807 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەھمۇد مۇھىتى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6275
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 305 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-26
ئاخىرقى: 2012-09-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 00:37

مەھمۇد مۇھىتى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش

مەھمۇد مۇھىتى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش

ھۈسۈيىن ئەبەيدۇللا
<1>

مەھمۇد مۇھىتى 1931 - 1932 - يىللىرى قوزغالغان قۇمۇل ، تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ۋە يىتەكچىلىرىدىن بىرى . 1932 - يىلى قۇمۇل - تۇرپان خەلىق قوزغىلىڭى  پۇتكۈل شىنجاڭ  دائىرىسىگە كېڭەيگە مەزگىلىدە ئۇ ، قۇمۇل خەلق قوزغىلىنىڭ باش يىتەكچىسى خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتكە ، مۇستەملىككە ۋە مىللى زۇلۇمغا قارشى كۆرەش قىلغان ئادەم . مەھمۇد مۇھىتى قەشقەردە  6 - دىۋىزىيىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە  شىڭ شىسەي  بىلەن بولغان زىدىيىتى كۈچۈيۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ،  1937- يىلى ئامالسىز چەتكە چىقىپ ، بىر قانچە  يىللار سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ،1943 -يىلى ۋەتەنگە قايتىپ ، شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى بېيجىڭدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.
مەھمۇت مۇھىتى تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ، جىن شۇرىننىڭ  مۇھىم قولچۇمىقى بولۇپ خەلق قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغان شىڭ شىسەيگە قارشى كۆرەش قىلدى . تۇرپان خەلق قوزغىلىڭى قۇمۇل خەلق قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىككى خەلق قوزغۇلىڭى بىرلەشكەندىن كىيىن ، مەھمۇت مۇھىتى خوجىنىياز ھاجىمغا يېقىندىن ماسلىشىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا خەلىقنىڭ ئىنقىلابىي ھەركىتىگە باشچىلىق قىلدى .جىن شۇرىن ، شىڭ شىسەيگە قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىللە ، مىللىتارىس ماجۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تۈرلۈك قىياپەتلەردە  ئوتتۇرغا چىقىرىپ ، خەلىقنىڭ ئىنقىلابى ھەركىتىگە قاتتىق زەربە بەردى . شۇنىڭ بىلەن بىللە مەھمۇد مۇھىتى  ئاپىرىل ئۆزگىرىشىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى  مەزگىلىدە ئۇ ئىجىرا قىلغان سىياسەتلەرگە ، جۇملىدىن مىللەتلەر باراۋەرلىكى ، مىللى مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش  ، پارخورلۇقنى تۈگىتىش ، ئوخشاش شوئارلارنى قوللاپ ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ  خەلىقنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئىگە بولدى  . مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كۆپلەپ مەكتەپلەرنى قۇردى .  مەدەنىيى - ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئالغا سۈردى . ۋەخپە يەر ، ۋەخپە ئۆي زېمىن ، ئۆشرە زاكاتنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ  ئۇيۇشمىلارنى مالىيە ئىقتىسادى جەسەتتىن يۆلەپ  خەلق مائارىپى ، مىللى ئەدەبىيات سەنئەتنى  تەرەقىيى قىلدۇرۇشتا  شەرت شارائىت يارتىپ بەردى . بولۇپمۇ ئۇيۇشمىلار قارمىقىدىكى  خەلىق مەكتەپلىرىنىڭ  كۆپلەپ قۇرلىشىى ، يېزىلاردا باللارنىڭ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىشى ئۈچۈن ، كۈچلۈك مەدەتكار بولدى  .  مەھمۇت مۇھىتى شىڭ شىسەينى قوللاش يۈزىسىدىن  جەنۇبى شىنجاڭدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىكتە  سابىت داموللا (1933 - يىلى قەشقەردە  قۇرۇلغان <شەرقى تۈركۈستان جۇمھۇرىيىتى>نىڭ زۇڭلىسى) نى قولغا ئېلىپ ، شىڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بەردى  .
  مەھمۇت مۇھىتى 1893 - يىلى تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن  . مەھمۇد مۇھىتىدىنىڭ ئائىلىسى دەسلەپتە كەمبەغەل بولۇپ  . كىيىنرەك بېيىغان  . بۇ ئائىلە ئۆ ۋاقتىدا يېڭىلققا ئىنتىلگەن مەرىپەتپەرۋەر ئائىلە ئىدى  .  مەھمۇت مۇھىتى كىچىك ۋاقتىدا دىننى مەكتەپتە تەربىيەلەنگەن دىندار ئادەم بولۇپ  ، خەلق قوزغىلىڭىغا قاتناشقۇچە ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان  . مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئىككى ئاكىسى - مەقسۇت مۇھىتى ، مۇسۇل مۇھىتىلەر  سودىگەرچىلىك قىلىپ ،روسيەنىڭ ئاۋات شەھەرلىرىگە بېرىپ  ، بىر تەرەپتىن سودا قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن  ئۇ يەردىكى يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلىپ  يۇرتىغا ئېلىپ كەلگەن ھەمدە مائارىپچى زاتلارنى تەكلىپ قىلىپ  ئاستانىدە يېڭىچە مەكتەپلەرنى قۇرغان  مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر ئىدى  .ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ، بولۇپمۇ  ئازاتلىقتىن كىيىن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ,مەدىنىيەت ئىشلىرىدا ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان تۇرپانلىق ئىلغار كىشىلەر ، كادىرلار ئاشۇ مۇھىتىلەر قۇرغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقوغۇچىلىرى ئىدى.

2

1931 - يىلى جىن شۇرىننىڭ ئەكسىيەتچى  ، مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان قۇمۇل خەلىق قوزغىلىڭى ناھايىتى تېز كېڭىيىپ  ، تۇرپان ، پىچان خەلىقلىرىگە كۈچلۈك تەسىر قىلدى  . مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلۇم ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان تۇرپان خەلقى 1932 - يىلى ئۆزلىكىدىن ئويۇشۇپ جىن شۇرىنىڭ تۇرپاندىكى كۈچلىرىگە قارشى قوزغۇلۇپ ، ئارقا - ئارقىدىن غەلبە قىلدى  . خەلىق كۆرىشىگە باشلامچىلىق قىلغان مەھمۇت مۇھىتى ناھايىتى تېزلام ھەممىگە تونۇلۇپ ،قوزغىلاڭنىڭ ئاساسى يىتەكچىسى بولۇپ قالدى . مەھمۇت مۇھىتى قۇمۇل خەلىق قوزغىلىڭىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ، تۇرپان خەلىق قوزغىلىڭى بىلەن بىرلەشتۇرۇش ئۈچۈن  ، خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل خەلىق قوزغىلىڭى  قاتناشچىلىرىنىڭ تۇرپان ، پىچان تەرەپلەرگە كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلدى  .ۋە يېقىنلىرىدىن بىرقانچە كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىپ ، خوجىنىياز ھاجىنى تۇرپانغا كېلىشكە تەكلىپ قىلدى . خوجىنىياز ھاجى قۇمۇل خەللىق قوزغىلىڭىنىڭ بىرقىسىم قاتناشقۇچىلىرىنى باشلاپ  پىچان تۇرپانلارغا كەلگەندە   مەھمۇت مۇھىتى خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىشىپ ،ئۇنىڭ سادىق ياردەمچىسى ، مۇسىم مەسلىھەتچىسى بولۇپ قالدى ، خەلىق قوزغىلىڭىنىڭ كىيىنكى جەريانىدا خوجىنىياز ھاجى ھەربىيى ۋە سىياسى ئىشلاردا ئاساسەن مەھمۇت مۇسىتىگە يۆلىنىپ ئىشلىدى .
مەھمۇت مۇھىتىنىڭ خۇجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىكتە خەلق قوزغىلىڭىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا كۈرەش نىشانىسى ئېنىق بولغانىدى. 1932 - يىلى يازدا ئۇ، خۇجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە مورىدا ماجۇڭيىڭ بىلەن ئۇچىرىشىپ، ماجۇڭيىڭنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىپ كۆرەڭلەپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماجۇڭيىڭ چىڭخەيدىن شىنجاڭغا چىقىشتا كۆزلىگەن سۈيقەستلىك مەقسەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇجىنىياز ھاجىغا: << ھاجى ئاكا، بۇ تۇنگاننىڭ( ماجۇڭيىڭنى دېمەكچى) گېپى بەك چوڭغۇ، ئۇ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەنمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنمۇ ئۇرىشىدىغاننىڭ گېپىنى قىلىۋاتىدۇ، بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەنمۇ ئۇرۇشمايمىز، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنمۇ ئۇرۇشمايمىز، بىز ئۈچۈن پەقەت شىنجاڭدا ئادىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، خەلقىمىز زۇلۇمىدىن قۇتۇلسىلا بولدى. سۈن ۋىن( سۈن جۇڭشەننى دېمەكچى) نىڭ تۇتقان يولى ياخشىدەكمىش، ئۇنى پۇقراپەرۋەر دېيىشىدۇ. لېكىن شىنجاڭدا ھېچكىم ئۇنىڭ يولىدا ماڭمايۋاتىدۇ. ئەگەر بىرەرسى ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان بولسا، ئەل ئامان ، يۇرت ئامان بولغان بولاتتى، ئەگەر بىز ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلەشسەك شىنجاڭ خەلقىنى زورلاپ ئۇرۇشقا سېلىپ، بىزنى خانۇ-ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى ئوبدان ئويلاشمىساق بولمىغۇدەك>> ( ئابلىمىت مەقسۇتوفنىڭ << شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى>> مەجمۇئەسىنىڭ 38- سانىغا بېسىلغان<< 1931،1932-يىللىرى شىنجاڭدا بولغان خەلق قوزغىلاڭلىرىدىن قىسقىچە ئەسلىمە>> دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى) دېگەن يۇقىرىدىكى سۆزلىرىدىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ خەلق قوزغىلىڭىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئىنقىلاب قىلىش مەقسىتىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. مىلىتارىست ماجۇڭيىڭ مۇرىدىكى ئۇچىرشىشتا خۇجىنىياز ھاجى، مەھمۇت مۇھىتىلارغا ياۋۇز نىيىتىنى ئاشكارىلاپ:<<... بۇ يىل مەن 29 ياشقا، ئىنىم ئېرسلىڭ ماجۇڭجى27ياشقا كىردى. بىز - ئازچىلىق ، شۇنداق بولسىمۇ ، بىز نەيزىنىڭ ئۇچى، سىلەر ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا كۆپچىلىك، سىلەر نەيزىنىڭ سېپى ، نەيزىنىڭ سېپى تەۋرەنمەي تۇرۇپ بەرسە ، نەيزىنىڭ ئۇچى دۈشمەننى قىرىۋېتىدۇ. مەن گۇچۇڭنى تۆت سائەتتە، ئۈرۈمچىنى ئالتە سائەتتە ئېلىپ بولىمەن. ئاندىن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۈشمەنلەر قارشىلىق بىلدۈرمەيلا تەسلىم بولىدۇ. ئۇ چاغدا سىلەر( خۇجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىغا قاراپ) ئۈرۈمچىدە بولىسىلەر، مەن جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ50 تۈمەن ئەسكەر ئېلىپ ئىككى يىلدا جۇڭگونى ئۆزۈمگە قارىتىپ بولىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ يىلدا سوۋېتنىمۇ ئۆزۈمگە قارىتىپ،چېگرىنى تۈركىيەگە ئۇلاپ، چوڭ ئىسلام دۆلىتى قۇرىمەن>> ( يۇقىرىدىكى ماتېرىيالدىن ئېلىندى)، دېگەن.مەھمۇت مۇھىتى خۇجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە، يۇقىرىدا ئۆزى ئېيتقان<< بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەنمۇ ئۇرۇشمايمىز، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنمۇ ئۇرۇشمايمىز، بىز ئۈچۈن پەقەت شىنجاڭدا ئادىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، خەلقىمىز زۇلۇمدىن قۇتۇلسىلا بولدى>> دېگەن ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جىن شۇرىننىڭ قولچۇمىقى جاللات شېڭ شىسەي ۋە مىلىتارست ماجۇڭيىڭ بىلەن بولغان كۈرەشنى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغىچە كېڭەيتىدۇ.  مەھمۇت مۇھىتى خۇجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتىپاقىغا تايىنىپ قورال-ياراق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىدۇ.خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈچتۇرپاندا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال-ياراق سېتىۋېلىشىدا ۋە يەنە ئاقسۇدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاكىسى مۇسۇل مۇھىتىنى ئەۋەتىپ قورال-ياراق سېتىۋېلىشتا، مەھمۇت مۇھىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ ئىشلارنى ئىككەيلەن بىللە مەسلىھەتلىشىپ بىرلىكتە قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە كۆپ ئىشلار مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پىكىرى بويىچە ئىشلىنىدۇ.
      چوڭ سۈيقەستچى، پۇرسەتپەرەس شېڭ شىسەي تۈرلۈك ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ خەلق قوزغىلىڭىنىڭ مېۋىسىنى تارتىۋېلىپ، ئوز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندىن كېيىن، خۇجىنىياز ھاجىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس، مەھمۇت مۇھىتىنى جەنۇبىي شىنجاڭ ئاتلىق 6- دېۋىزىيەنىڭ باشلىقى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەھمۇت مۇھىتى خۇجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە ئاقسۇدا تۇرۇۋاتاتتى. تارىخىي ئەسلىمىلەردە يېزىلىشىچە، 1934-يىلى 5-ئايدا خۇجىنىياز ھاجى بىلەن  مەھمۇت مۇھىتى پىدائىيلىرىنى باشلاپ مەكىتتىن ئاقسۇ ئاۋاتقا كېلىش بىلەن تەڭ ، ماجۇڭيىڭنى ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قوغلاپ كېلىۋاتقان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ۋە يەرلىك ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىمۇ ئاقسۇغا كېلىدۇ. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بارلىق ئەسكەرلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شېڭ شىسەيگە باش ھەربىي مەسلىھەتچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن گېنىرال مالىكوف (تاتار) قوماندانلىق قىلاتتى. ئۇ ئاقسۇغا كېلىپلا جۇجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنى ئاۋاتتىن ئاقسۇغا چاقىرتىدۇ. بۇ ئىككەيلەن قوشۇنلىرىنى ئاۋاتتا قالدۇرۇپ ئاقسۇغا كېلىپ، گېنىرال مالىكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ. گېنىرال مالىكوف خۇجىنىياز ھاجىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ تېزراق ئۈرۈمچىگە بېرىپ خىزمەتكە چۈشۈشى لازىملىقىنى، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ھەربىي قىسىملار بىلەن بىللە،ماجۇڭيىڭنى قوغلاپ قەشقەرگىچە بېرىپ،ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىشقا ئاتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، 1933-يىلى خۇجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلەر ماجۇڭيىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ،جىمسار ، گۇچۇڭلاردا جىن شۇرىننىڭ قالدۇق كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا، ماجۇڭيىڭ ئوتتۇرىدا بولغان توختامنى بۇزۇپ ،جىمساردا خۇجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتى قوشۇنلىرىغا تېگىشلىك قورال- ياراقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوغىرلىقچە ئېلىپ كەتكەنلىكى ۋە گۇچۇڭدا قولغا چۈشكەن قورال-ياراقلاردىن خۇجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىلەرگە ھېچنىمىنى بەرمىگەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ۋە شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە شۇ يىلى 6- ئايدا فۇكاڭدا قۇمۇل قوزغىلىڭى باشلانغاندىن بېرى ئۆزى جان تىكىپ ئۇرۇشقان چوڭ دۈشمىنى شېڭ شىسەي بىلەن يارىشىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. بۇ ئىشلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدا مەھمۇت مۇھىتى خۇجىنىياز ھاجىغا ئۈنۈملۈك مەسلىھەت بەرگەن ۋە چوڭ رول ئوينىغان.مەھمۇت مۇھىتى سوۋېت گېنىرالى يەتكۈزگەن خۇجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇجىنىياز ھاجىغا شېڭ شىسەينىڭ قارا نىيەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا بايقىغانلىقى، ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارغا ئاساسەن، شېڭ شىسەينىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قالماسلىقىنى بىلدۈرىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ قول ئاستىدىكى پېدائىي قوشۇن باشلىقلىرىمۇ شېڭ شىسەينىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇشىدىن گۇمانلىنىدۇ. سوۋېتلىك ھەربىي مەسلىھەتچى مالىكوف شېڭ شىسەينىڭ خوجىنىياز ھاجىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتى نامىدىن ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خۇجىنىياز ھاجى، ئۈرۈمچىگە بېرىشقا رازىلىق بىلدۈرىدۇ. خوجىنىياز ھاجى،مەھمۇت مۇھىتىلار قەشقەردىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن،مەھمۇت مۇھىتى خۇجىنىياز ھاجىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەكەندە سابىت داموللىنى قولغا  ئالغان ئىدى. بۇ ئىككەيلەن ئاقسۇدا سابىت داموللىنى گېنىرال مالىكوفغا شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن بېرىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ يەنە بىر ئۇقتۇرىشىدا مەھمۇت مۇھىتى جەنۇبىي شىنجاڭدا ماجۇڭيىڭنى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۇنى جەنۇبىي شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ قوماندانى ۋە 36- دېۋىزىيىنىڭ باشلىقى قىلىپ بەلگىلىمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قۇرۇق ۋەدە شېڭ شىسەينىڭ ئالدامچىلىقى ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىپ شىنجاڭغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىپ ماجۇڭيىڭغا قارشى ئۇرۇشقاندىن كېيىن، ماجۇڭيىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قېچىپ ئاقسۇ، قەشقەرلەردە نۇرغۇن خەلقنى قىردى ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتتى. ماجۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قانداق ھىيلە ئىشلىتىپ چىقىپ كەتكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس . ماجۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېقىن قولچۇمىقى ماخۇسەن ماجۇڭيىڭنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا ، جۈملىدىن خوتەندە زور قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، خوتەن خەلقىنى بۇلاپ-تالاپ زار قاخشاتتى. تارىخىي ئەسلىمىلەردە يېزىلىشىچە، 1938- يىلى شېڭ شىسەي يوشۇرۇن موسكىۋاغا بېرىپ ، ستالىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ستالىندىن ماجۇڭيىڭنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ستالىن شېڭ شىسەيگە ماجۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەننلىكىنى ئېيتقان.

(3)
شېڭ شىسەي نېمە ئۈچۈن مەھمۇت مۇھىتىنى يوقاتماقچى بولىدۇ؟ شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنى ئۆزىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ ھېسابلاپ،ئۇنىڭغا خېلىدىن بېرى توزاق قويۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. شېڭ شىسەينىڭ مۇنداق قىلىشى تەسادىپىي ئەمەس. قۇمۇل، تۇرپانلاردا خەلق مىللىي زۇلۇمغا، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ئىزىشىگە قارشى ھەققانىي قوزغىلاڭ كۆتەرگەندە، شۇ ۋاقىتتىكى زالىم ھۆكۈمەت باشلىقى، مۇستەبىت جىن شۇرىن خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ، جاللات شېڭ شىسەينى نۇرغۇن ھەربىي كۈچ بىلەن قۇمۇل، تۇرپانلارغا ئەۋەتىپ خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. خوجىنىياز ھاجى ، مەھمۇت مۇھىتىلەر شېڭ شىسەينىڭ ۋە ئۇنىڭ قىرغىنچى قوشۇنىغا قارشى قەھىرمانلارچە كۈرەش قىلىپ، جىن شۇرىن-شېڭ شىسەيگە قاتتىق زەربە بەرگەن. ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، بەزى سەۋەپلەر ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن خەلق قوزغىلىڭى باشلىقلىرى شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشقان ئىدى. شېڭ شىسەينىڭ بۇ ئىككى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىشىشى پەقەت ئۆز ھاكىمىيىتىنى چىڭىتىۋېلىش، خەلقنى ئالداش ئۈچۈن قىلغان ساختىلىقى ئىدى. ئىككىنچىدىن، خۇجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قولىدا مەلۇم ساندا خېلى كۈچلۈك قوراللىق ھەربىي قوشۇن بار ئىدى. خۇجىنىياز ھاجى ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ھەربىي قوشۇن مەھمۇت مۇھىتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنىدى. گەرچە شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ھاكىمىيەت بولسىمۇ، بۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەربىي كۈچى ئاز ئىدى. بارى- يوق ھەربىي قوشۇنى پولكقا يەتمەيتتى. يەنى مارالبېشىدا بىر روتا ئاق ئورۇس ئەسلىرى بىلەن ئاقسۇدا بىر پولكتەك ئەسكىرى بار ئىدى. يېتەرلىك ئاساس بولمىسا، شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىغا تېگىشكە پېتىنالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنى يوقىتىشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى پىلانلىدى . ئالدى بىلەن ئۇ قەشقەردىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەھمۇت مۇھىتىنى قاتتىق رازۋېتكا قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. قەشقەر ساقچى ئىدارىسىدا مەھمۇت مۇھىتىغا قارشى جاسۇسلۇق ھەركىتىنى جىددىيلەشتۈردى. ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن 6- ئاتلىق دېۋىزىيە( مەھمۇت مۇھىتى دېۋىزىيەسى) نىڭ ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئوفتىسېر-جەڭچىلىرىنى يوشۇرۇن ھالدا شېڭ شىسەي تەرەپكە تارتىدۇ. ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلىرى قەشقەردە مەھمۇت مۇھىتىغا قارشى تۈرلۈك پىتنە – ئېغۋالارنى تارقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئەتراپىدا  شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەۋەتىلگەن ھەربىي مەسلىھەتچى گېنىرال ۋە بىر مۇنچە ھەربىي كوماندىرلار بار ئىدى. قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ سوۋېت تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ئادەم ئىدى.
  ئۇلۇغچاتتىن يۆتكەپ كېلىنگەن بىر قىسىم قىرغىز ئەسكەرلەر شېڭ شىسەينىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى قوشۇنىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. قەشقەر ساقچى ئىدارىسى بۇ ئەسكەرلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مەھمۇت مۇھىتىغا قارشى رازۋېتكا قىلىشقا سالىدۇ.
شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كۈچىنى بۆلىۋېتىش، ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قول ئاستىدىكى كوماندىرلارنى تەلىم - تەربىيە ئالدۇرۇشنى بانا قىلىپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىشنى خالىمىسىمۇ، شېڭ شىسەي بىلەن مۇناسىۋەتتە يىرىكلىشىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ بۇ كىشىلەرنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدى.
   1936- يىلى 8- ئايدا شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئىككى نەپەر پولك كوماندىرى؛ ئىككى نەپەر مۇئاۋىن پولك كوماندىرى ۋە تۆت نەپەر ئسكادرون كاماندىرىنى ئۈرۈمچىگە تەلىم - تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۇقتۇردى. مەھمۇت مۇھىتى ئامالسىز قىلىپ ئۇلارنى ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كېيىن شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن تېلېگرامما ئەۋەتىپ،ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى،قوشۇمچە شەخسى كاتىپىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئاشكارا ھەرىكىتىگە قاتتىق نارازى بولۇپ، شەخسى كاتىپىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. شېڭ شىسەي بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن، يەنە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن 23 ئادەمنى ئۈرۈمچىگە تەربىيە ئېلىشقا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۇقتۇرىدۇ. يۇقىرىدىكى بىر نەچچە قېتىملىق ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلگەن ئادەملەرنىڭ بىر قىسمى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنە خېلى بىر قىسمى تېخى قايتىپ كەلمىگەن ۋاقىتتا قەشقەردە مەسىلە چىقىدۇ. شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدىن قايتقان ياكى يولدا كېلىۋاتقان ئادەملەرنى ئارقىدىن ئادەم ئەۋەتىپ قوغلاپ قولغا ئېلىپ يوقىتىدۇ.
    شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوشۇنىغا ئەۋەتىلگەن ھەربىي مەسلىھەتچىسى رىبالكىن ئارقىلىق مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇشقا ئادەم چىقىرىشىنى تەكىتلەپ، ئوقۇپ كەلگەنلەرنى يەنە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يېنىدا مۇھىم خىزمەتلەرگە قويۇپ ، ئۇلارنى مەھمۇت مۇھىتىنى نازارەت قىلىشقا سالىدۇ.
   مەھمۇت مۇھىتى چەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، شېڭ شىسەي بۇ ئادەملەردىن بىر نەچچىسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كۆرۈنۈشتە بىر قەدەر مۇھىم خىزمەتلەرگە مەسىلەن، بۇلاردىن بىرىنى ئۆلكىلىك جامائەت تېنچلىقىنى قوغداش باشقارمىسى ( گۇڭئەن گۇەنلىچۇ) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، يەنە بىرىنى  ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى بازىرىنىڭ مۇئاۋىنلىقىغا قويىدۇ ۋە ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئاز - تولا ئالاقىلاشقان ياكى شېڭ شىسەي قەشقەردىكى جاسۇسلۇق ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئىگىلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن،<< مىللىي ھىسسىياتى كۈچلۈك>> ، << مىللەتچى>> دەپ بىلگەن يەرلىك باشلىقلارنى مەسىلەن، قەشقەردىكى ئەيسا ھاجى، سېتىۋالدى ئاخۇن ۋە تاشقورغاندىكى ئابلا قازى ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەرنى << جاھانگىرلارنىڭ قۇيرىقى>> دەپ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قارشىلىق قىلىشىغا قارىماي ، ھەممىسىنى تۈرمىگە تاشلاپ ئۆلتۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ شېڭ شىسەي تەرەپ- تەرەپتىن مەھمۇت مۇھىتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ ، ئۇنى ئىلاجىسىزلىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
    شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھەممە چارىلارنى ئىشلىتىپ، ئۇنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋاقىتتا، مەھمۇت مۇھىتى قول ئاستىدىكى ئىمىن ۋاھىدى، مۆمىن ئاخۇن ئىسىملىك ئىككى كىشىنى شېڭ شىسەي ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ ، يوشۇرۇن نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋەكىللەر نەنجىڭدا گومىنداڭنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاخىرىدا جياڭ جېشى بىلەن كۆرۈشىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋەكىللەرگە: << بىز ھازىر ياپونغا قارشى ئۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولىۋاتىمىز، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چولىمىز يوق، سىلەر بىر ئاز تەخىر قىلىپ تۇرۇڭلار، بىز شېڭ شىسەيگە چارە قىلىمىز>>، دەيدۇ. ۋەكىللەر قايتىپ لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىن، مۆمىن ئاخۇن يۇشۇرۇنچە قۇمۇلغا كېلىدۇ. قۇمۇلدا شېڭ شىسەينىڭ جاسۇسلىرى ئۇنى قولغا ئالىدۇ. ئىمىن ۋاھىدى ئىلاجىسىز لەنجۇدا تۇرۇپ قالىدۇ.
      1936-يىلى 9- ئايدا شېڭ شىسەي سوۋېتلىك ئاپروسوف دېگەننى قەشقەرگە ئەۋەتىدۇ. ئاپروسوف مەھمۇت مۇھىتى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا:<< مېنىڭ سىز بىلەن كۆرۈشۈشۈمنىڭ سەۋەبى، سىز ھۆكۈمەتكە نارازى بولۇپ، ئۇيغۇر ھۆكۈمىتى قۇرماقچى بوپسىز، شۇ سەۋەپتىن سىز ياپونىيەگە ئىككى ۋەكىل ئەۋەتىپسىز، ئىككى ئادىمىڭىزنىڭ بىرى بىز تەرەپتىن قولغا ئېلىندى . سىز مۇنداق قىلماڭ، ئىتتىپاقلاشقىنىڭىز ياخشى>> ، دەيدۇ.
      مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆزىنى پارچىلاپ يوقىتىش سۈيقەستىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىپ، ئۆزىگە بولغان خەۋپ - خەتەرنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، سىرتتا شېڭ شىسەي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە قارشى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەن دەرىجىلىك خادىملاردىن شېڭ شىسەيدىن تەلىم ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ خېلى بىر قىسمى شېڭ شىسەيگە مايىل بولۇپ، ئۆزىدىن يۈز ئۆرىگەنلىكى نەتىجىسىدە، قوشۇنلارنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشى قىيىنلىشىپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى 1937-يىلى4-ئاي بېشىدا مەھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەي ئەۋەتكەن تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇنىڭدا شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە << 3- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى>> ئۆتكۈزىدىغانلىقى، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشىنى ۋە << يېڭى ۋەزىپە>> تاپشۇرۇپ ئېلىشى ئۇقتۇرۇلغان.  بۇ بۇيرۇقنى شېڭ شىسەي ئۆزى بىلەن خوجىنىياز ھاجى نامىدا چۈشۈرگەن. بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىلا قەشقەر گارنىزون باشلىقى ليۇبىڭ مەھمۇت مۇھىتىغا ئالاقە ئەۋەتىپ، ئۇنى قەشقەر باش شتابىغا كېلىشكە، بەزى ئىشلارنى بىللە مەسلىھەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان. ئارقىمۇ-ئارقا بولىۋاتقان بۇ ئەھۋاللاردىن مەھمۇت ئۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىنى يوقىتىشقا رەسمىي ئاتلانغانلىقىنى سېزىپ ھېچيەرگە بارمايدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم ئۆز يېقىنلىرىنى چاقىرىپ شېڭ شىسەينىڭ سۈيقەستلىك ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى، يەنى شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئاۋۋالقى مۇزاكىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەسلىھەتكە چاقىرىلغانلاردىن بىرى قەشقەر گارنىزونىغا ۋە سوۋېت كونسولىغا مەلۇم قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بۇ ئىشى مەغلۇپ بولىدۇ . 2- قېتىملىق مەسلىھەتتە، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بەزى يېقىنلىرى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە بارماسلىقىنى ، ئەگەر بارسا، ئامان ئىسەن قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ھېچ ئامال بولمىغاندا چەتكە چىقىپ كېتىشىنى دەۋەت قىلىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى ئۆز خەلقىگە داۋاملىق خىزمەت قىلىشىغا ، ھەتتا جېنىنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى سېزىپ ، يۇرتىنى تاشلاپ چەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن 1937-يىلى 4-ئاينىڭ4-كۈنى ئۆز ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىدىن ئابدۇللا داموللا نەيىم قاتارلىق 30 نەچچە ئادەمنى ئېلىپ، قولىدىكى قوشۇنىنى ئۆزىگە تەۋە كوماندىرلارنىڭ بىرىگە تاپشۇرۇپ،ئوۋغا چىقىدىغانلىقىنى بانا قىلىپ ، يەكەن چېگىرسى ئارقىلىق ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ.
     مەھمۇت مۇھىتى ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، شېڭ شىسەي گېزىت-ژۇرناللاردا ئاشكارا ھالدا:<< مەھمۇت مۇھىتى ئەنگىلىيە جاسۇسى، ئۇ قەشقەردە قوراللىق توپىلاڭ قوزغاپ ھۆكۈمەتكە قارشى چىقتى. مەقسىتىگە يېتەلمەي مەغلۇپ بولۇپ چەتكە قېچىپ كەتتى>>، دەپ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىدۇ.
     مەھمۇت مۇھىتى چېگرىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەر ئابدۇنىيازنى باشلىق قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئابدۇنىياز قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن ماخۇسەنگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قەشقەردىكى شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرىشىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ماخۇسەن- ئابدۇنىياز قوشۇنىنى تارمار قىلىدۇ.
      مەھمۇت مۇھىتى نېمە ئۈچۈن شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرىدۇ؟
     بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ئككى تۈرلۈك:1. قۇمۇل، تۇرپان خەلق قوزغىلىڭىدىن كېيىن ، شېڭ شىسەي ئەكسىيەتچى، مۇستەبىت جىن شۇرىنغا سادىق قولچۇماق بولۇپ مۇستەبىت، ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن قۇمۇل، تۇرپان،پىچان، توقسۇنلاردا نۇرغۇن خەلق قوزغىلاڭچىلىرىنى قانلىق باستۇردى. جۈملىدىن شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەقسۇت مۇھىتى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئۆلتۈردى. تۇرپاندا نۇرغۇن خەلقپەرۋەر مەشھۇر كىشىلەرنى، تۇرپان قوزغۇلىڭىنىڭ قاتناشچىلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ھەمدەم بەگ ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈردى. مۇشۇ سەۋەبلەردىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ شېڭ شىسەيگە كۈچلۈك ئۆچمەنلىكى بار ئىدى ۋە بۇ ئۆچمەنلىك خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. شېڭ شىسەي خەلق قوزغىلىڭىنڭ مېۋىسىنى تارتىۋېلىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ۋاقتىنچە خۇجىنىياز ھاجى، مەھمۇت مۇھىتلار بىلەن ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارمىدى. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى ، خۇجىنىياز ھاجىمۇ شېڭ شىسەينىڭ كۆزىگە قادالغان ئەڭ چوڭ مىخ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شېڭ شىسەي 1937-يىلى10-ئايدا<< خوجىنىياز باشچىلىقىدىكى شېڭ دوبەنگە قارشى چوڭ ئەنزە>> نى ياساپ چىقىپ ۋە خۇجىنىياز ھاجىغا ياپون ، ئەنگلىيە جاسۇسى دېگەن تۆھمەتلەرنى چاپلاپ قولغا ئېلىپ، تۈرمىدە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى. مەرھۇم خۇجىنىياز ھاجى قۇمۇل خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى،1931-يىلىدىن 1934- يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ كۆپچىلىك يەرلىرىدە مىللىي زۇلۇمغا قارشى ئارقا- ئارقىدىن قوزغالغان خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ ئىلھامچىسى ۋە يېتەكچىسى.  ئۇ ، خەلق ئىچىدىن چىققان خەلق قەھىرمانى بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى مۇۋاپىق باھا بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن. مەھمۇت مۇھىتى بولسا، شېڭ شىسەي تەرەپ - تەرەپتىن قىستاپ ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىر كۈنمۇ تىنچ-ئامانلىق بەرمىدى. ئاخىرىدا ئۇ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، يۇرتىنى تاشلاپ چەتكە قېچىشقا مەجبۇر بولدى.
     2. مەھمۇت مۇھىتى دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك، دىندار،كوممۇنىزىم بىلەن كېلىشەلمەيدىغان ئادەم ئىدى. شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەنلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولىدا مېڭىشى مەھمۇت مۇھىتىغا ياقمىدى. شېڭ شىسەيدىن بارغانسېرى گۇمانلىنىشقا باشلىدى. مەسىلەن، مەھمۇت مۇھىتى قەشقەردىكى ۋاقتىدا شېڭ شىسەي چوڭ دىنى زات ئابدۇغۇپۇر داموللىنى ئۈرۈمچىگە<<3- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى>> غا چاقىرتىپ ئاپىرىپ ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ، نۇرغۇن سوۋغا سالاملار بىلەن قەشقەرگە قايتۇرىدۇ. ئابدۇغۇپۇر داموللا قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر سورۇندا جامائەتكە سۆز قىلىپ: << ئاللادىن  پەيغەمبەرلىككە ۋەھىي كەلسە، بۇ شېڭ دۇبەن جانابلىرىغا مەنسۇپ بولىدۇ>>، دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان. بۇ سۆزلەر نى مەھمۇت مۇھىتى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خاپا بولۇپ ، ئابدۇغۇپۇر داموللىنى مەخپىي ئۆلتۈرۋېتىدۇ. ئەمما ئابدۇغۇپۇر داموللىنىڭ نامىزىغا قاتنىشىدۇ. بۇ مىسالدىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ دىنى ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
     مەھمۇت مۇھىتى چەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن چەتتە قايسى مەملىكەتلەرگە باردى، ئۇ يەرلەردە نېمە ئىشلارنى قىلدى، بۇ ھەقتە يېزىلغان بىرەر ماقالە ياكى باشقا ئەسەرلەرنى كۆرگەن-ئاڭلىغىنىم يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەھمۇت مۇھىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم ياكى ئاڭلىغانلىرىمنى ئاساس قىلىپ، تارىخىي پاكىتلار بويىچە بۇ ماقالىنى يازدىم.
      مەھمۇت مۇھىتى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشى بىلەن تۈگىمەيدۇ. ئۇ چەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شېڭ شىسەي ئىلگىرى مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولغانلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن جەبرى سېلىپ، بىر- بىرلەپ يوقىتىدۇ.


                                                          ( ئاپتور: ئاپتونۇم رايونلۇق پەن - تېخنىكا كومىتېتىدىن)
                                                            جاۋابكار مۇھەررىر:    جۈرئەت ئابلىمىت
مەنبە :
شىنجاڭ تارىخى ماتىرىياللىرى  . 45 - سانى
بۇ ئەسەر ئەجداد ئۇيغۇر تارىخ تور گۇرپىسىدا كۆچۈرۈلدى . باشقا تورلارغا يۆتكىسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 10:43

مەھمۇد مۇھىتى نىمە ئۈچۈن چەتكە چىقىپ كىتىدىغاندۇ؟   ئەينى چاغدا قوشۇننى تاشلاپ چىقىپ كەتمەي، ئابدۇنىياز (قوچقار پەھلىۋان) بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلغان بولسا بىرگەپ بولۇر ئىدى.  ئابدۇنىياز كامال ھەر قانچە قىلسىمۇ مامۇت سىجاڭنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ دە...  
  مەھمۇد مۇھىتى كىيىنكى كۈنلىرىنى ياپۇنيەدە ئۆتكەزگەنغۇ دەيمەن.  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ