ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن 
 ئاپتورى؛ مۇھاممەتجان راشىدىن 
 ئىشتىن بالدۇر كېتشسەڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن ، 
قايسىڭ ئىشقا كېچىكسەڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن . 
كېچىكمەمسەن خىزمەتكە يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ ، 
بىر كارۋاتتا يېتىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن . 
 جان يېرى بار ئادەمنىڭ ، جان يېرىڭدۇر ئىش ھەققىڭ ، 
مېنىڭ بىلەن ئېتىشساڭ ، ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن . 
بۇندىن باشقا تەدبىرنىڭ ئانىسىنى تۈمەنمىڭ ... 
مەندىن قۇسۇر تېپىشساڭ ، ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن . 
 ئىدارىغا يولاتما بۇندىن كېيىن بالاڭنى ، 
بۇندا بالا بېقىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن . 
چىقىپ كەتسەڭ كىرمەيسەن خالا جايدىن بىر سائەت ، 
يىغىن ئاچسام ، قېچىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن . 
 قېشىڭدىكى ئوسمىنى قاچان قويدۇڭ ، ئېيتمىدىڭ ، 
ئەمدى خېنە يېقىشساڭ ، ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن . 
گەپنى ئوچۇق دەپ قوياي ، مېنى كۆرسەڭ پىچىرلاپ ، 
قۇلقىڭنى يېقىشساڭ ، ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن . 
 ئىنتىزامىڭ بولمىسا ، كۈندە كېسەل بولمامسەن ، 
بالنىستتا يېتىشساڭ ، ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن . 
بارالايدۇ پېقىرمۇ ، بارغان يەرگە ھەر قايسىڭ ، 
رەھبەرلىككە چىقىشساڭ ، ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن .