بۇ تېما ھەقىقەتەن ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ياخشى يېزىلىپتۇ. بۇ تېمىنى يازغۇچىغا رەخمەت.
مەن بۇ قوشاقتا تىلغا ئېلىنغان ئىككى كىشى توغۇرلۇق تەپسىلىرەك تارىخىنى بىلگىم بار ئىدى. ئەجەبا بىلىدىغانلار بارمۇ؟ يۇقۇرقى قوشاقلاردا يېزىلىپتۇ.
تەلكىنىڭ داۋانىدا،
كارۋان توختىماي ئۈتەر.
سۇلايمان يىغلاپ ئۆتسە،
ئېلاخۇن يىغلىماي ئۈتەر.
مېنىڭ بۇ قوشاق توغۇرلۇق ئاڭلىغانلىرىم،
سۇلايمان ۋە ئېلاخۇن ئىسىملىك ئۇ ئىككى كىشى خەلق قوزغۇلاڭچىلىرى بولۇپ، دۈشمەنلەر ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ، يالىڭاچلاپ، چېقىر تىكەنگە يۆگەپ، باغلاپ بىر كۆتەك ھارۋىغا سېلىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ مېڭىپ مۇشۇ تەلكىنىڭ داۋىنىغا كەلگەندە سۈلايمان دېگىنىنىڭ كۆڭلى بوزۇلۇپ، ئېلاخۇنغا:
ئاداش بىز مۇشۇ بەدبەختلەرنىڭ قولىدا مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرمىزمۇ؟ دېگەن. ئېلاخۇن دېگىنى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان. بۇلارنىڭ بەدىنىدىن تەپچىرەپ ئاققان قانلار تاكى ئۈرۈمچىگىچە ئاققان ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئېلاخۇننىڭمۇ كۆڭلى بوزۇلۇپ ئاران تۇرغان بولۇپ، بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ۋاي شۇنى دەيمەن دىسە ھەر ئىككىسى ھەر جەھەتتىن تېخىمۇ بەك تۈگۈشۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئېلاخۇن ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، گەرچە ئۆزىنىڭ ئەھۋالى سۇلايماندىن قىلچىلىك پەرقلەنمىسىمۇ بۇ دەھشەتلىك سائەتلەردە دوستىغا روھى جەھەتتىن ئەنە شۇ قوشاقتىكىدەك چاقچاق قىلىپ تەسەللى بەرگەن ئىكەن.
بۇ ئاڭلىغانلىرىم توغرىمۇ؟ باشقا ۋارىيانتى بارمۇ؟ تەپسىلى تارىخى بارمىدۇ؟ بۇ قوشاقنىڭ بېشى ۋە ئاخىرسى بارمىدۇ؟ قاچانقى ۋەقەدۇ؟.
[ بۇ يازمىنىmuzepper 2012-04-23 05:11قايتا تەھرىرلىد ]