پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباتتا يېقىن  يەردە،127 كىشى ئولتۇرغان ئايرۇپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئايرۇپىلاندىكى ھەممە كىشى قازا  قىلدى.   ۋەقە 20-چېسلا كەچتە يۈز بەردى.
دەسلەپكى مەمۇماتلارغا قارىغاندا ھاۋا ھادىسىسىدە جۇڭگولۇق پۇقرالار يوق بولۇپ،ئايرۇپىلان پاكىستان جۇنۇبىدىكى كاراچىدىن -ئىسلامئابادقا قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى ئىكەن.يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتقان مەزگىلدە مەزكۇر ئايرۇپىلاندىن كاشىلا چىقىپ،ئاھالە ئولتۇراقلاشقان رايۇنغا چۈشۈپ ،40 تىن ئارتۇق ئۆي -ماكانلارنى  ۋەيران قىلغان .ھازىرچە بۇ ئۆيلەردە قانچە ئادەمنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ئىنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.