ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى
سۇلايمان ئىبنى سالىھ ئەلخاراشىي
بارلىق ھەمدۇ سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ رەببىمىز اللەِ قا خاستۇر. دۇئا ۋە سالاملىرىمىز ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە بولسۇن!
ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئۇ يەردە نىمىلەرنىڭ كۈتىدىغانلىقىغا دائىر سۇئاللارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، بۇ تىمىنى ئۇلار ئۈچۈن يورۇتۇپ بىرىدىغان بىر قانچە خىل پايدىنى ساغلام دەلىللەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىسپاتلاش ئاساسىدا توپلىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن اللەِ تائالادىن ياردەم تىلەپ سۆزۈمنى باشلايمەن.
بىرىنچى: ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى جەننەتتە ئىرىشىدىغان ساۋاب ۋە نىئمەتنىڭ تۈرلىرى توغىرىسىدا سۇئال سورىشى يامان ئىش ئەمەس. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتى، كىلەچەكنى بىلىشكە ھەۋەس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ساھابىلىرىنىڭ جەننەت ۋە ئۇنىڭ نىئمەتلىرى توغىرىسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئاللارنى سورىشىنى يامان كۆرمەيىتتى. مەسىلەن ئۇلار:<<جەننەت نىمىدىن ياسالغان؟>> دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:<<بىر خىشى ئالتۇن ، بىر خىشى كۈمۈش......>>(ھەدىسنىڭ ئاخىرىغا قەدەر)دەپ جاۋاپ بەرگەن. بىر قىتىم ئۇلار:ئىي اللەِ نىڭ پەيغەمبىرى! بىز جەننەتتە ئاياللىرىمىزغا يىتەلەمدۇق؟ دەپ سوراشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق بولىدىغانلىقى توغىرىسىدا خەۋەر بەرگەن.
ئىككىنچى: ئىنسانلارنىڭ نەپسى- مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن،جەننەت ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك نازۇ-نىمەتلەر زىكرى قىلىنغان چاغدا ، ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ، شادلىنىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا مۇناسىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلماي، يالغۇز ئارزۇلا بولۇپ قالماسلىق شەرتى ئاستىدا ياخشى ئىش. اللەِ تائالا مۆئمىنلەرگە مۇنداق دەيدۇ:{سىلەر (دۇنيادا)قىلغان (ياخشى)ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.جەننەتنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن نەپسىڭلارنى شاتلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمى ئەمەل قىلىڭلار!}[1]
ئۈچىنچى: جەننەت ۋە ئۇنىڭ نىئمەتلىرى ئاياللارنى ئايرىپ قويۇپ، ئەرلەرگىلا خاس قىلىنغان ئەمەس. بەلكى ئۇ ئىككى جىنىس ئارىسىدىكى {تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان}[2] اللەِ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{ئەر-ئاياللاردىن مۆئمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ(يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كىمەيتىۋىتىلمەيدۇ) }[3]
تۆتىنچى: ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە دائىر تەپسىلاتلار توغىرىسىدا گويا ھالاكەتلىك سەھراغا كىرىپ قالغاندەك، ئۇنى قانداق قىلىدۇ؟قەيەرگە بارىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارنى ئىچكىرىلەپ سوراش بىلەنلا بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. ئۇنىڭ پەقەت جەننەتكە كىرىشى بىلەنلا ئۇ دۈچ كەلگەن بارلىق ھارغىنلىق ۋە بەخىتسىزلىكلەرنىڭ يوقايدىغانلىقىنى بىلىشى يىتەرلىك....ئۇ بەخىتسىزلىكلەر ئەبەدىيلىك بەخىت-سائادەتكە، مەڭگۈ قىلىپ قىلىشقا ئۆزگەردى. ئۇنىڭغا اللەِ تائالانىڭ جەننەت توغىرىسىدىكى مۇنۇ سۆزى يىتەرلىك:{جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋىتىلمەيدۇ}[4] يەنە اللەِ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر}[5] بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن بۇرۇن اللەِ تائالانىڭ جەننەت ئەھلى توغىرىسىدىكى مۇنۇ سۆزى ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ:{ اللەِ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار اللەِ دىن مەمنۇن بولىدۇ}[6]
بەشىنچى: ئاللاھ تائالا تۈرلۈك يىمەكلىكلەر، گۈزەل مەنزىرىلەر، ئورۇنلار، كىيىم كىچەكلەر قاتارلىق جەننەتتىكى بار قىزىقتۇرغۇچى ئامىللارنى بايان قىلغاندا ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىسنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەمما اللەِ تائالا ئەرلەرنى جەننەتكە ئۇنىڭدىكى ھۆرلەر ئارقىلىق قىزىتۇرىدىيۇ ئاياللار توغىرىسىدا بۇنداق ئەھۋال زىكىر قىلىنمايدۇ. ئاياللار بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەئەججۇپلىنىدۇ. بۇنىڭ جاۋابى:
1- { اللەِ نىڭ قىلغانلىرىدىن سۇئال - سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سۇئال-سوراق قىلىنىدۇ.}[7] ئەمما مەن بۇنىڭ ھىكمىتىنى شەرئى نەس ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىېىدىن ئىزدىسەك ھىچقانداق توسالغۇ يوق دەپ قارايمەن.
2- ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ھايا ئاياللارنىڭ تەبىئىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا اللەِ تائالا ئۇلارنى ئۆزلىرى ھايا قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن قىزىقتۇرمىغان.
3- ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان قىزىقىشى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان قىزىقىشىغا ئوخشىمايدىغانلىقمۇ ھەممىگە مەلۇملۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن اللەِ تائالا ئەرلەرنى جەننەتنىڭ ئاياللىرىنى زىكىر قىلىش بىلەن قىزىقتۇردى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى تەستىقلايدۇ:<<مەن ئۆزۈمدىن كىيىن ئەرلەرگە ئاياللاردىن بەكرەك پىتنە بولىدىغان بىر نەرسە قالدۇرمىدىم>>[8] ئەمما ئايال كىشىنىڭ كېيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەتكە بولغان قىزىقىشى ئەرلەرگە بولغان ئىنتىلىشىدىن يۇقىرى بولغاچقا ئۇلارنى ئۆزلىرىنى جەلىپ قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن قىزىقتۇردى. اللەِ تائالا مۇنداق دىگەن:{زىبۇ-زىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟)}[9]
4- بۇ ھەقتە ئىبىن ئۇسەيمىيىن مۇنداق دىگەن: اللەِ تائالا ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللارنى زىكىر قىلدى. چۈنكى ئۇنى تەلەپ قىلىدىغىنى ۋە ئاياللارغا قىزىقىدىغىنى ئەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللارنىڭ بارلىقىنى زىكىر قىلىپ، ئاياللارغا ئەرلەرنىڭ بارلىقىدىن ئېغىز ئاچمىدى. ئەمما بۇ ئاياللارغا ئەرلەر يوق دىگەننى تەقەززا قىلمايدۇ. بەلكى، ئۇلارنىڭمۇ ئادەم بالىلىرى ئىچىدىن ئەرلىرى بولىدۇ.
5- ئاياللار دۇنيادا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ:
1) ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كىتىش ئەھۋالى.
2) تالاق قىلىنغاندىن كىيىن باشقا بىرىگە ياتلىق بولغۇچە ئۆلۈپ كىتىش ئەھۋالى.
3) ئۆيلەنگەن ئەمما يولدىشى ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرەلمەسلىك( اللەِ ئۇنىڭدىن پاناھلىق بەرگەي) ئەھۋالى.
4) توي قىلغاندىن كىيىن ۋاپات بولۇپ كىتىش ئەھۋالى.
5) يولدىشى ۋاپات بولۇپ كىتىپ، تاكى ھاياتنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئەرسىز قىلىش ئەھۋالى.
6) ياكى يولدىشى ۋاپات بولۇپ كىتىپ، ئۇنىڭدىن كىيىن باشقا بىرى بىلەن ئۆيلىنىش ئەھۋالى.
بۇ ئايال كىشىنىڭ دۇنيادىكى دۈچ كىلىش ئىھتىمالى بولغان ئەھۋاللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەربىرىگە توغرا كىلىدىغان ئەھۋاللار جەننەتتە ھازىرلانغاندۇر:
1) ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ <<جەننەتتە بويتاق ئىنسان يوق>>[10] دىگەن سۆزىگە ئاساسەن، اللەِ تائالا ئۇنى دۇنيا ئەھلىدىن بىرىگە جۈپلەپ قويىدۇ. ئىبىن ئۈسەيمىيىن بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: ئايال كىشى ئەگەر دۇنيادا ئۆيلەنمىگەن بولسا، اللەِ تائالا ئۇنى جەننەتتە كۆڭلىگە ئەرزىگەن بىرىگە جۈپلەپ قويىدۇ. جەننەتتىكى نىئمەتلەر ئەرلەرگىلا خاس بولماستىن، ئۇ ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاشتۇر. جۈپلىشىشمۇ بۇ نىئمەتلەرنىڭ قاتارىدا.
2) تالاق قىلىنغان مەزگىلىدە ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش.
3) يولدىشى ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرەلمىگەن ئايالنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىبىن ئۈسەيمىيىن مۇنداق دىگەن: ئايال كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولۇپ، توي قىلمىغان ياكى يولدىشى جەننەت ئەھلىدىن بولمىغان بولسا، جەننەت ئەھلىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆيلەنمىگەنلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى بىلەن جۈپلەپ قويۇلىدۇ.
4) توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ جەننەتتە ئۆزىنىڭ بۇرۇن توي قىلغان ئىرى بىلەن بىرگە بولىدۇ.
5) يولدىشى ۋاپات بولۇپ كىتىپ، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر توي قىلماي ئۆتكەن ئايالنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ جەننەتتە ئۆزىنىڭ بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەن يولدىشى بىلەن بىرگە بولىدۇ.
6) ئەمما، يولدىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كىيىن ئۆيلەنگەن ئايالنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئۆيلەنگەن يولدىشى بىرگە بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:<<ئايال كىشى ئاخىرقى قىتىم ئۆيلەنگەن كىشىسى بىلەن بىرگە بولىدۇ.>>[11] بۇ ھەقتە يەنە ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىغا دىگەن مۇنداق بىر سۆزى بار:<<ئەگەر جەننەتتىمۇ مىنىڭ ئايالىم بولۇشنى خالىسىڭىز، مەندىن كىيىن ياتلىق بولماڭ. چۈنكى ئايال كىشى جەننەتتە دۇنيادا ئاخىرقى قىتىم ئۆيلەنگەن كىشىسى بىلەن بىرگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن اللەِ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنڭ ۋاپاتىدىن كىيىن نىكاھلىنىشتىن توسقان. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتىكى ئاياللىرىدۇر.>>
بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بار، بىرەيلەن مۇنداق دەپ قىلىشى مۇمكىن: جىنازا نامىزىنىڭ دۇئاسىدا<<ئۇنىڭ جۇپتىنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئەرگە ئالماشتۇرۇپ بەرگىن>> دەپ كىلىدۇ. ئەگەر ئۇ دۇنيادا ئۆيلەنگەن بولسا،قانداقسىگە بىز ئۇنىڭ دۇنيادىكى جۇپتىنىڭ جەننەتتىمۇ جۇپتى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،بۇنداق دۇئا قىلىمىز؟ ئەگەر ئۆيلەنمىگەن بولسا، قايسى ھەمراھى، قايسى جۇپتىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىمىز؟ بۇنىڭ جاۋابىنى شەيىخ ئىبىن ئۈسەيمىيىننىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئالىمىز: ئەگەر ئۆيلەنمىگەن بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر ئەرگە دىگەندىن ھايات قالغان تەقدىردە ئۆيلىنىش ئىھتىمالى بولغان ئەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەمما ئۆيلىنىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئەر دىگەن ئىبارىدىن، ئۆزى ئۆيلەنگەن ئەرنىڭ سۈپەتلىرىنى دۇنيادىكىدىنمۇ ياخشىراق سۈپەتلەرگە ئالماشتۇرۇپ بەرگىن، دىگەن بولىدۇ. چۈنكى ئالماشتۇرۇش ئەينىنى تېگىشىش بىلەن بولىدۇ. گويا... اللەِ تائالا بۇ كىشىنىڭ كاپىرلىقىنى ئىمانغا ئالماشتۇرۇپ بەردى، دىگىنىڭىزگە ئوخشاش. اللەِ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{ئۇ كۈندە زىمىنمۇ باشقا بىر زىمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ}[12] دېمەك، زىمىن شۇ زىمىن، بىراق ئۇ سوزۇلغان. ئاسمان شۇ ئاسمان، بىراق ئۇ يىرىلغان.
6- سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئىيىتقانلىرى بار:<<مەن سىلەرنى(ئاياللارنى)دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى كۆردۈم>> يەنە بىر ھەدىستە <<جەننەتتە تۇرغۇچىلارنىڭ ئازقىسمى ئاياللاردۇر>>[13] يەنە باشقا بىر سەھىھ ھەدىستە دۇنيادىكى ھەربىر كىشىنىڭ دۇنيا ئاياللىرىدىن بولغان ئىككىدىن جۈپتى بولىدۇ، دەپ كەلگەن. ئالىملار يۇقارقى ھەدىسلەرنى بىر يەرگە جەملەپ چۈشەندۈرۈش مەسىلىسىدە ھەرخىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئاياللار جەننەتتە كۆپمۇ ياكى جەھەننەمدىمۇ؟ بەزى ئالىملار مۇنداق دىگەن: ئاياللارنىڭ سانى كۆپ بولغنلىقى ئۈچۈن جەننەت ئەھلىنىڭمۇ، جەھەننەم ئەھلىنىڭمۇ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ھەقتە قازى ئېياز مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار ئادەم باللىرىنىڭ ككپ سانلىقىنى ئىگەللەيدۇ. يەنە بەزى ئالىملار، يۇقۇرىدىكى ھەدىسلەرگە تايىنىپ، ئاياللار جەھەننەمدە كۆپ، دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار يەنە جەننەتتىكى ھۆر-پەرىلەر بىلەن قوشۇلغاندا جەننەتتىكى ئەرلەرنىڭ سانىدىن كۆپ دىگەننىمۇ تەكىتلەيدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكى ئالىملار مۇنداق قارايدۇ: باشتا ئاياللار جەھەننەمدىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئاندىن مۇسۇلمان ئاياللار جەھەننەمدىن چىققاندىن كىيىن، جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىگە ئايلىنىدۇ. قۇرتۇبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ<<مەن سىلەرنى (ئاياللارنى)دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى كۆردۈم>>دىگەن ھەدىسىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ ئاياللارنىڭ جەھەننەمدىكى چاغلىرى بولۇشى ئىھتىمال. ئەمما شاپائەت ۋە اللەِ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن جەھەننەمدىن چىقىپ،<<بىر اللەِ دىن باشقا ئىلاھ يوق>>دىگەنلەردىن بىرىمۇ قالمىغان چاغدا، ئاياللار جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىدۇر. مۇھىمى: ئاياللار جەھەننەم ئەھلىدىن بولۇپ كەتمەسلىككە تىرىشىشى لازىم.
7- ئەگەر ئايال كىشى جەننەتكە كىرسە، اللەِ تائالا ئۇنىڭ ياشلىقى ۋە قىزلىقىنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:<<جەننەتكە ياشانغان ئاياللار كىرمەيدۇ... اللەِ تائالا ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزگەندە تولغان قىزلارغا ئايلاندۇرىۋىتىدۇ>>]
8- سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزى قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، جەننەتتىكى دۇنيانىڭ ئاياللىرى اللەِ تائالاغا قىلغان ئىبادەتلىرىگە مۇناسىپ ھالدا ھۆرپەرىلەردىن نەچچە ھەسسە گۈزەل بولۇپ كىتىدۇ.
9- ئىبىن ئەلقۇييۇم مۇنداق دىگەن: ھەربىر كىشى جەننەتتە ئۆز ئەھلىدىن باشقىلارنىڭ يىقىنلىشىشىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان.
خۇلاسە گەپ: جەننەت ئەرلەر ئۈچۈن بىزەلگەندەك ئاياللار جامائەسى ئۈچۈنمۇ بىزەلگەندۇر. اللەِ تائالا مۇنداق دىگەن:{(ئۇلار)قۇدرەتلىك اللەِ نىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ }[14] ئىي ئاياللار جامائەسى، اللەِ بەرگەن پۈرسەتنى قولدىن بەرمەڭلار! ئۆمۈر تولىمۇ قىسقا، ئۇ كىتىپ، پەقەت ۋە پەقەت ئەبەدىيلىك دۇنيا قالىدۇ. سىلەرنىڭ ئەبەدىيلىك ئورنۇڭلار اللەِ خالىسا جەننەتتە بولغاي. شۇ نەرسىنى بىلىڭلاركى، جەننەتنىڭ مەھرى ھەققى ئىمان، سالىھ، ياخشى ئەمەللەردۇر، ھەرگىزمۇ چىكىدىن ئاشقان باتىل ئارزۇ-ئارمانلار ئەمەستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەستىن چىقارماڭلار: <<ئايال كىشى بەش ۋاخ نامىزىنى ئوقۇغان، رامىزان روزىسىنى تۇتقان، ئىپپىتىنى ساقلىغان ۋە ئىرىگە بويسۇنغان بولسا، ئۇنىڭغا : جەننەتكە ئۇنىڭ قايسى ئىشىكىدىن كىرىشنى خالىسىڭىز، شۇ يەردىن كىرىڭ، دىيىلىدۇ.>>
ئىي ئاياللار! سىلەرنى ۋەيران قىلىشنى، ئازدۇرۇشنى ۋە جەننەتنىڭ نىئمەتلىرىگە ئىرىشىشتىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان پىتنىنىڭ چاقىرىقلىرىدىن بار كۈچۈڭلار بىلەن ھەزەر ئەيلەڭلار! دىن سىرتىدىكى ئەر ئايال يازغۇچىلار، رادىئو،تىلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ زىننەتلەنگەن ياغلىما ئىبارىلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەڭلار! ئۇلار پەقەت سىلەرنى ئۆزلىرىگە ئوخشىتىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ. اللەِ تائالا مۇنداق دىگەن:{ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ}[15]
اللەِ تائالادىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرىنى جەننەتنىڭ نىئمەتلىرىگە ئىرىشتۈرۈشنى، ئۇلارنى توغرا يولدا ماڭدۇرىشىنى، ئاياللارنى پىتنە- پاساتقا ۋە ۋەيران قىلىشقا چاقىرىدىغان ئەر ئايال ئادىمىي شەيتانلاردىن يىراق قىلىشىنى تىلەيمەن. پەيغەمبىرىمىز مۈھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە اللەِ نىڭ سالامى بولسۇن!
[1] ھۇجۇرات سۈرىسى،72-ئايەت
[2] ئال ئىمران سۈرىسى،133-ئايەت
[3] نىسا سۈرىسى،124-ئايەت
[4] ھەجىر سۈرىسى،48-ئايەت
[5] زۇخرۇف سۈرىسى،71-ئايەت
[6] مائىدە سۈرىسى،119-ئايەت
[7] ئەنبىيا سۈرىسى،23-ئايەت
[8] بۇخارىي رىۋايىتى
[9]زۇخرۇف سۈرىسى،71-ئايەت
[10] مۇسلىم رىۋايىتى
[11] سەھىھ ھەدىسلەر- ئەلبانىي
[12] ئىبراھىم سۈرىسى،48-ئايەت
[13] بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
[14]قەمەرسۈرىسى،55-ئايەت
[15]نىسا سۈرىسى،89-ئايەت
ئا. قارلۇقىي تەرجىمىسى
[ بۇ يازمىنىخەنجەر0903 2012-03-25 21:30قايتا تەھرىرل ]