سەنئەتكار 
ھىچبىر مۇناسىۋىتى يۇق ئىشلار 
تاينى يۇق ئىشلار 
يالتىراق كاللىسىدا بىر پاتمان، 
لەڭپۇڭ ئېقىدەك لىغىلدايدۇ، 
تۇتۇۋالماق قىيىن ،قېچىپ كىتىدۇ، 
ئۇنىڭ تېرە-پىرەڭ ئاۋازى 
جاڭگالدا قۇي باقىدۇ ، 
ئاينىڭ سۇنۇق تۆشىكىدىن كىرىپ-چىققاندا، 
قۇرسىقى ئاچقاندا، 
تاراڭ-تۇرۇڭ ھالەتتە مۇز بۇلوپ شەكلىلەنگەن. 
قاتىللىق يۈز بەرگەن تالاي كېچىلەر ، 
قاراڭغۇ ،ئەنجان تاملىق ئوردىدا ، 
تارىخنىڭ سىرلىق تەرىپى بار. 
يەكەن-سەمىيلىك ۋە مالىمانچىلىق ئۇتتۇرسىدا 
بىر ئۆمۇر تىركىشدۇ 
ئاشقازان راكىدەك ئوڭشالمايدۇ . 
ھاراق ئىچىشىتىكى مەقسەت- 
شىئىر ئوقۇش ۋە يۇغان سۇزلەش. 
خۇشلىشىدىغاندا 
ئەمەلگە ئاشمايدىغان ۋەدە بىرىشى، 
ناھايىتى ئاسان،ئۇنىڭ قۇلىدىن كېلىدۇ. 
ئاياللارغا ئىچ ئاغرىستا كىرەك ، 
يىقىنلىرىنى ئۆيلەپ قۇيماقچى بولىدۇ. 
بىرەر پىيالە قىتىقتىن ،بىرەر تەخسە لەغمەندىن 
سىسىق رېئاللىقتىن ،شىرىشىم سەنئەتتىن ، 
مىللەتنى ھېچكىمگە بەرمەي سۆيمەكچى 
ھەممىگە تەڭ يېتىشىمەكچى بۇلىدۇ 
ھەتتەڭەي 
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 
يەنە قانداق ئىشلار يۇز بېرىدۇ، 
بىلگىلى زادىلا بىلگىلى بولمايدۇ 
ئاپتۇرى :ساۋۇتجان يۇسۇپ   

[ بۇ يازمىنىرەسسام 2012-03-26 13:36قايتا تەھرىرلىدى ]