ئسلام دىن نوقۇل بىر مىللەتكىلا تەۋە دىن ئەمەس ، ناۋادا ئاللاھ ئىسلام دىنىنى پەقەت ئەرەب مىللىتىگىلا تەۋە قىلىپ قويسا ، ئۇنداقتا ، باشقا مىللەت - ئېرقلارغا بەك ئۇۋال بولۇپ كەتكەن بولار ئىدى . ئاللاھ ئۇنداق شەخسىيەتچىلىكتىن پاكتۇر
ھەر - قانداق مىللەتلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللى ھىسىياتى بولىدۇ، ھەم ئۆز مىللى ھىسىياتقا ئېغىپ كېتىشتەك نوقسانى بولىدۇ ، شۇڭا ئاللا ھ تائالانىڭ بىزنى كۆپ مىللەت ، كۆپ ئېرق قىلىشتىكى مەقسىدى بولسا ، دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىديېسىدە دىننى ھىسىيات بىلەن مىللى ھىسىيات تەڭ مەۋجۇت بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ، شۇ مىللەتلەر گىزى كەلگەندە ، دىننى ، ئۆز نەفسى - ھېسىياتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيالامدۇ - يوق ؟ دىگەننى نەق مەيدان ھۈججىتى <يەنى ئاخىرەت كۈندە ئىسپات > قىلىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خاس قىلدى . دىمەك ھەر قانداق مىللەت مۇشۇ ھاياتى دۇنيادا قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا ،ئاخىرەتتە قىلغان شۇ ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ ، ئاللاھ قۇرئان كەرىم سۈرە بەقەرنىڭ 177- ئايىتىدە ؛ سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ . دەۋېتىپ ، بەلكى ئاللاھقا ، ئاخىرەت كۈنىگە ، پەرىشتىلەرگە ، كىتابقا ( يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا ) ، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش _ ئەقرىبالارغا ، يىتىملەرگە ، مىسكىنلەرگە ، ئىبنى سەبىللەرگە ( يەنى پۇل _ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا ) ، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل _ مال ياردەم بېرىش ، ناماز ئوقۇش ، زاكات بېرىش ، ئەھتىگە ۋاپا قىلىش ، يوقسۇزلۇققا ، كېسەللىككە ۋە ( ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان ) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ، ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ . ئەنە شۇلار ( يەنى يۇقارقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ) ( ئىمانىدا ) راسچىل ئادەملەردۇر ، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر . دىيىش ئارقىلىق بىزنى شۇنداق مۇمىن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا چاقىرىق قىلماقتا ، ئەمما بىزچۇ ؟ شۇنداق مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا تېرىشىپ باقتىقمۇ ؟ ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دېگەن ئادەم يۇقارقى سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تېرىشىش كېرەك ، دىننى چۈشىنىپ بېقىش كېرەك . شۇندىلا نىيەتلەر بىرلىككە كىلىپ ، ئۆز - ئارا چۈشىنىش ھاسىل بولىدۇ . ھازىرقىدەك پىتنە - پاسات ، ئىختىلاپلاردىن خالى بولغىلى بولىدۇ .